ئالدىراپ ناماز ئوقۇيدىغان ئىمامنىڭ كەينىدىكى ناماز دۇرۇسمۇ؟
فەتۋا
لەجنەتۇددائىمە (7\89) دا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن:
رۇكۇنى،
رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىنكى قىيامنى، سەجدىنى ۋە ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشنى
ئالدىراپ كەتمەستىن، تەمكىنلىك بىلەن ئورۇنداش نامازنىڭ پەرزلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. كىمكى
بۇ رۇكۇنلارنى توخۇ دان چوقۇغاندەك ئالدىراپ ئورۇندىسا ئۇنىڭ نامىزى باتىل،
ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلغانلارنىڭ نامىزى ئىناۋەتسىز. نامازنى تەمكىنلىك بىلەن كامىل
ئورۇنداشنىڭ پەرزلىكىنى بىلگەن كىشى بۇنداق كىشىگە نەسىھەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر
نەسىھەتنى قوبۇل قىلسا ئاللاھقا شۈكر ئېيتىلىدۇ، قوبۇل قىلمىسا ئۇنىڭ كەينىدە ناماز
ئوقۇلمايدۇ ۋە مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئىمامنى قويۇش توغرۇلۇق ئۇنىڭ
ئەھۋالى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا خەۋەر قىلىنىدۇ.(«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى»)
Yorumlar
Yorum Gönder