ھەدىس: دوزاختىن ھەممىدىن كېيىن قۇتۇلىدىغان كىشى
ھەدىس:
دوزاختىن ھەممىدىن كېيىن قۇتۇلىدىغان كىشى
سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ ھەدىسى
[278] ئىبىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەن دوزاختىن ئەڭ ئاخىرىدا قۇتۇلۇپ، جەننەتكە
ھەممىدىن كېيىن كىرىدىغان بىر كىشىنى بىلىمەن. ئۇ ئۆمىلىگىنىچە دوزاختىن چىققاندا،
ئاللاھ ئۇنىڭغا:«جەننەتكە كىرگىن»دەيدۇ. ئۇ جەننەتكە كىرىپ، جەننەت ئەھلىنىڭ
ئاللىقاچان جەننەتكە ئورۇنلىشىپ بولغانلىقىنى بايقايدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭدىن:«دۇنيادا
ياشىغان چېغىڭنى ئەسلىيەلەمسەن؟» دەپ سورايدۇ. ئۇ:«ھەئە»دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا:«ئارزۇلىرىڭنى
ئېيتىقىن»دەيدۇ، ئۇ ئارزۇلىرىنى ئېيتىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا:«ئارزۇ قىلغانلىرىڭغا قوشۇلۇپ
دۇنيا نېئىمەتلىرى ئون ھەسسە زىيادە قىلىنىپ ساڭا بېرىلدى»دەيدۇ. ئۇ ئاللاھقا:«سەن
ئالەملەرنىڭ پەۋەردىگارى تۇرۇپ مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟»دەيدۇ. مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (شۇنداق دەپ) چىشلىرى كۆرۈنگىدەك دەرىجىدە كۈلگەنلىكىنى كۆردۈم.
[279] ئىبىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جەننەتكە ئەڭ ئاخىرىدا كىرىدىغىنى مۇنۇ
كىشىدۇر: ئۇ ھەر-بىر قەدەم ئالدىغا ماڭسا، بىر قېتىم يىقىلىپ، ئوتتا كۆيىدۇ. ئۇ
دوزاخ ئۈستىدىن ئۆتۈپ بولغاندا، كەينىگە بۇرۇلۇپ، دوزاخقا قاراپ:«مېنى سەندىن قۇتقازغان
ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. ئاللاھ تائالا ئادەم بالىلىرى ئىچىدە ھېچكىمگە
ئاتا قىلمىغان نېئمىتىنى ماڭا ئاتا قىلدى»دەيدۇ. بۇ چاغدا ئۇ كۆز ئالدىدا تۇرغان
بىر تۈپ دەرەخنى كۆرىدۇ، ئاندىن ئاللاھقا:«ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى ئاشۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرۇپ
قويغان بولساڭ، ئۇ دەرەخ سايىسىدا سالقىنداپ، ئۇسسۇزلۇق ئىچىۋالسام»دەپ يالۋۇرۇدۇ.
ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا:«ئى ئادەم بالىسى! سېنىڭ بۇ تەلىپىڭنى قاندۇرسام، بەلكىم سەن
يەنە باشقا نەرسىنى سورىشىڭ مۇمكىن»دەيدۇ. ئۇ:«ئى پەرۋەردىگارىم! باشقا نەرسىنى
سورىمايمەن»دەپ، ئاللاھقا قەسەم قىلىپ، باشقا نەرسىنى سورىمايدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدىلەرنى
بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى نېمەتكە ئېرىشمىگۈچە سەۋر قىلالمايدىغانلىقىنى
بىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى ھېلىقى دەرەخنىڭ يېنىغا
يېقىنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئۇ دەرەخ ئاستىدا سايىداپ، سۇ ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقىنى باسىدۇ.
بىر ھازادىن كېيىن، بۇ دەرەختىنمۇ گۈزەلراق بىر دەرەخ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن
بولىدۇ. ئۇ ئاللاھقا:«ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى ئاشۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرۇپ قويغان
بولساڭ، ئۇ يەردە سۇ ئىچىپ، سايىدىۋالغان بولسام، ئەمدى ھەرگىز سەندىن باشقا نەرسىنى
تىلمەيمەن»دەپ يالۋۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا:«ئى ئادەم بالىسى! سەن ماڭا ئەمدى باشقا
نەرسىنى سورىمايمەن دەپ ۋەدە بەرمىگەنمىدىڭ؟ ئەگەر سېنى بۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرۇپ
قويسام، سەن يەنە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىنى سورىشىڭ مۇمكىن»دەيدۇ. ئۇ ئاللاھقا ھەرگىز
باشقا نەرسىنى سورىمايدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە، قەسەملەرنى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن
ئاللاھ ئۇنى ئاشۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى نېئمەتكە
ئېرىشمىگۈچە سەۋر تاقەت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىپ،
ئۇنى ھېلىقى دەرەخكە يېقىنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئۇ دەرەخ ئاستىدا سايىداپ، سۇ ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقىنى
باسىدۇ. بىر پەستىن كېيىن، جەننەتنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى بىر تۈپ دەرەخ ئۇنىڭ ئۆز
ئالدىدا نامايان بولىدۇ. بۇ دەرەخ ئالدىنقى ئىككى تۈپ دەرەختىنمۇ گۈزەلراق ئىدى. بۇ
چاغدا ئۇ ئاللاھقا:« «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى ئاشۇ دەرەخكە يېقىنلاشتۇرۇپ قويغان
بولساڭ، ئۇ يەردە سۇ ئىچىپ، سايىدىۋالغان بولسام، ئەمدى ھەرگىز سەندىن باشقا نەرسىنى
تىلمەيمەن»دەپ يالۋۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا:«ئى ئادەم بالىسى! سەن ماڭا ئەمدى باشقا
نەرسىنى سورىمايمەن دەپ ۋەدە بەرمىگەنمىدىڭ؟»دەيدۇ. ئۇ:«شۇنداق ئى پەرۋەردىگارىم،
مەن ۋەدە بەرگەن ئىدىم. مۇشۇ تەلىپىمنى ئىجابەت قىلغان بولساڭ، مەن ھەرگىز يەنە
باشقا نەرسىنى تەلەپ قىلماس ئىدىم»دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى نېئمەتكە ئېرىشمىگۈچە
سەۋر تاقەت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىپ. ئۆزرىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇنى
شۇ دەرەخنىڭ يېنىغا يېقىنلاشتۇرۇپ قويغاندا، ئۇ جەننەت ئەھلىنىڭ گەپ قىلىشقان ئاۋازىنى
ئاڭلايدۇ. ئۇ يەنە ئاللاھقا:«ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى جەننەتكە كىرگۈزگەن بولساڭ»دەپ
يالۋۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا:«ئى ئادەم بالىسى! زادى قانداق نېئمەت بەرسەم سەن رازى
بولىسەن؟ مەن ساڭا پۈتۈن دۇنياغا باراۋەر كېلىدىغان نېئمەتنى بېرىپ ئۇنى يەنە ئون
ھەسسە زىيادە قىلىپ بەرسەم رازى بولامسەن؟»دەيدۇ. ئۇ:«ئى پەرۋەردىگارىم! سەن ئالەملەرنىڭ
پەرۋەردىگارىم تۇرۇپ، مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن؟»دەيدۇ.
شۇنداق دەپ
ئىبىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۈلۈپ كەتتى. ئاندىن:«سىلەر مېنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈلگىنىمنى
سورىمامسىلەر؟»دېدى. كۆپچىلىك:«نېمە ئۈچۈن كۈلىدىلا؟»دەپ سورىدى. ئىبىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (جەننەتكە ئەڭ
ئاخىرىدا كىرىدىغان كىشىنى «مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامدىلا» دېگىنىنى سۆزلەپ) كۈلگەن
ئىدى. كىشىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن:«نېمە ئۈچۈن كۈلىدىلا،
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى؟»دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«بۇ
كىشى< ئى پەرۋەردىگارىم! سەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم تۇرۇپ، مېنى مەسخىرە
قىلىۋاتامسەن؟>دېگەندە، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى (بولغان ئاللاھ) كۈلۈپ كېتىپ:<سېنى
مازاق قىلمىدىم، مەن خالىغىنىمنى قىلىمەن، ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرمەن>دەيدۇ.»(مۇسلىم)
Yorumlar
Yorum Gönder