نامازدا قىيامدا تۇرغاندا قوللىرىمىزنى كۆكرەك ئۈستىگە قانداق قويۇپ تۇرىمىز؟

ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تور بېكىتىنىڭ 41675-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
[«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى]
بارچە ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر.
نامازدا ئوڭ قولنى سول قول ئۈستىگە قويۇشنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار.
1-ئوڭ قول سول قولنىڭ دۈمبىسى، بېغىشى ۋە بىلەك ئۈستىگە قويۇلىدۇ.
سۇنەن ئەبۇ داۋۇدنىڭ (726)-نومۇرلۇق ۋە سۇنەن نەسائىينىڭ (889)-نومۇرلۇق ھەدىسىدە ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامازنى قانداق ئوقۇيدىغانلىقىنى كۆزەتمەكچى بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە قاراپ تۇردۇم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز ئۈچۈن تۇرۇپ تەكبىر ئېيتتى، قوللىرىنى قۇلىقى باراۋىرىدە كۆتۈردى. ئاندىن ئوڭ قولىنى سول قولىنى دۈمبىسى، بېغىشى ۋە بېلىكى ئۈستىگە قويدى.
شەيخ ئەلبانى «سەھىھ ئەبۇ داۋۇد» دا سەھىھ دەپ باھالىغان.
ئەل سىندى (رەھىمەھۇللاھ) «ھاشىيەتۇننەسائىي» دا مۇنداق دېگەن:
ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ دۈمبىسىگە، بېغىشىغا ۋە بېلىكىگە قويدى.
بېغىش: قول بىلەن بېلەكنىڭ تۇتاشقان جايىدۇر. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئوڭ قولنىڭ ئالقىنىنىڭ دەل ئوتتۇرىسى سول قولنىڭ بېغىشى ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئوڭ قولنىڭ ئالقىنىنىڭ يېرىمى سول قولنىڭ دۈمبىسىدە، يېرىمى بىلەكنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. (سىندىن ئېلىنغان نەقىل تۈگىدى)
2-سول قول ئوڭ قول بىلەن قاماللاپ تۇتۇلىدۇ.
«سۇنەن نەسائىي» نىڭ (887- نومۇرلۇق) ھەدىسىدە ۋائىل ئىبنى ھۇجۇر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامازدا تۇرغاندا ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى قاماللاپ تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ(ۋاپاتى:1999) «سەھىھ نەسائىي» دا سەھىھ دېگەن.
شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ناماز ئوقۇش شەكلى» ناملىق ئەسىرىنىڭ 68-بېتىدە مۇنداق دېگەن:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازدا تۇرغاندا ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ دۈمبىسى، بېغىشى ۋە بېلىكى ئۈستىگە قوياتتى. ساھابىلىرىگىمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى بۇيرۇتتى. بەزى چاغدا، ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى قاماللاپ، قوللىرىنى كۆكرىكىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى.
پەتىۋا بەرگۈچى ئورۇن: ئىسلام سوئال-جاۋابلىرى تور بېكىتى[islamqa.info]

Yorumlar
Yorum Gönder