خۇپتەن نامىزىدىن ئىلگىرى ئۇخلاش مەكرۇھ






خۇپتەن نامىزىدىن ئىلگىرى ئۇخلاش مەكرۇھ

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

]تېخىمۇ ساغلام ئىسلامىي بىلىملەر ئۈچۈن ‹menhej.blogspot.com› نى زىيارەت قىلغايسىز. ئاللاھ ياخشىلىقنى تارقاتقۇچىغا شۇ ياخشىلىقنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچىغا باراۋەر ساۋاب بېرىدۇ. كاپىر مۇناپىقلار يامانلىقلارنى تارقىتىشتا ھېرىپ قالمايدىكەن. قىيامەت كۈنىدە تارازىڭىزنىڭ ئېغىر كېلىپ ئەھلى جەننەت قاتارىدا بولۇشىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق بىلىملەرنى تارقىتىپ قويۇشۇڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، ياخشىلىق يولىدا ھارمىغايسىز قېرىندىشىم. [

ئىمام بۇخارى «سەھىھۇل بۇخارى» نىڭ ناماز ۋاقىتلىرى بابىدا «خۇپتەن نامىزىدىن ئىلگىرى ئۇخلاشنىڭ مەكرۇھ بولۇشى» دەپ ماۋزۇ قويۇپ، تۆۋەندىكى ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان:
ئەبۇ بەرزە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خۇپتەن نامىزىدىن ئىلگىرى ئۇخلاشنى، خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن پاراڭ سېلىشىشنى يامان كۆرەتتى. (سەھىھۇل بۇخارى 568-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي سەھىھۇل بۇخارىنىڭ شەرھى «فەتھۇل بارى» دا بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: (شەرھ قىسقارتىلىپ تەرجىمە قىلىنىدۇ)
«خۇپتەن نامىزىدىن ئىلگىرى ئۇخلاشنىڭ مەكرۇھ بولۇشى» توغرىسىدا ئىمام تىرمىزى مۇنداق دېگەن: كۆپچىلىك ئىلم ئەھلى خۇپتەن نامىزىدىن ئىلگىرى ئۇخلاشنى مەكرۇھ ھېسابلىغان. بەزى ئىلىم ئەھلىلىرى پەقەتلا رامزان ئېيىدا خۇپتەن نامىزىدىن ئىلگىرى ئۇخلاشقا رۇخسەت بەرگەن. نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلىنغان ئەھۋالدا، «خۇپتەن نامىزىدىن ئىلگىرى ئۇخلاش مەكرۇھ» دېگەن ھۆكۈم تولىمۇ جايىدا بېرىلگەن ھۆكۈم ھېسابلىنىدۇ.
بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى ئۇخلاشنىڭ مەكرۇھلۇقى بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن ئۇخلاشقا خاس. (نامازنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ) مۈگدەپ قېلىش مەكرۇھ ئەمەس.
خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتىنىڭ بامداتقىچە بولىدىغانلىقى بىلدۈرىدىغان بىرەر سەھىھ ھەدىس ئۇچراتمىدىم. (خۇپتەن نامىزى كېچىنىڭ يېرىمىغىچە داۋاملىشىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ.» (مۇسلىم 612؛ نەسائىي 522؛ ئەبۇ داۋۇد 396)-ت)
خۇپتەندىن كېيىن مەكرۇھ ھېسابلىنىدىغان پاراڭ پايدىسىز پاراڭنى كۆرسىتىدۇ. خۇپتەندىن كېيىنكى پاراڭنىڭ كېچىلىك نامازغا دەخلى يەتكۈزۈشى ياكى پاراڭنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى يۈزىسىدىن كەچ ئۇخلاش سەۋەبلىك  بامدات نامىزىغا قوپالماسلىقتىن ئەندىشىە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن «خۇپتەندىن كېيىن پاراڭ سېلىشىش مەكرۇھ» ئىكەنلىكىمۇ سۆزلىنىدۇ. (فەتھۇل بارى شەرھى سەھىھۇل بۇخارى، 2\208،209)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟