پەرز نامازدىن كېيىن ئاخىرقى ئۈچ سۈرىنى ئوقۇش سۈننەت



پەرز نامازدىن كېيىن ئاخىرقى ئۈچ سۈرىنى ئوقۇش سۈننەت

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

فەتۋا لەجنەتۇددائىمە (7\108) دە مۇنداق دېيىلگەن: تەسلىمدىن كېيىن (يەنى نامازدىن كېيىن) ئوقۇلۇشى سۈننەتتە بەلگىلەنگەن دۇئا ۋە زىكىرلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئايەتۇل كۇرسىي، سۈرە ئىخلاس، سۈرە فەلەق ۋە سۈرە ناسنى ئوقۇش سۈننەت. بۇنىڭ دەلىلى تەبرانىي رىۋايەت قىلغان، ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن، ئەبۇ ئۇمامە ئىياس ئىبنى سەئلەبەدىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنۇ ھەدىستۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(مۆمىنلەردىن) كىمكى ھەر-بىر پەرز نامىزىدىن كېيىن ئايەتۇل كۇرسىينى ئوقۇسا ئۇلارنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ئۆلۈمدىن باشقا نەرسە توسالغۇ بولالمايدۇ.» (نەسائىي-كېچە ۋە كۈندۈزدىكى ئەمەللەر، 183؛ تەبرانىي-ئەلكەبىر-7\134؛ ئىبنى سۇننىي- كېچە ۋە كۈندۈزدىكى ئەمەللەر، 65؛ ئەبۇ نۇئەيىم) ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا مۇھەددىسلەر ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەر-بىر پەرز نامازدىن كېيىن ئايەتۇل كۇرسىينى تۆۋەن ئاۋازدا ئوقۇغانلىقى رىۋايەت قىلغان. تەبرانىينىڭ رىۋايىتىدە «قۇل ھۇۋە ئاللاھۇ ئەھەدنى ئوقۇسا» دەپ كەلگەن. ئىمام ئىبنى قەييىم بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى بارلىقىنى قوللايدىغان سەنەدكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە نەسائىي ۋە باشقىلار ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەر نامازدىن كېيىن سۈرە فەلەق، سۈرە ناسنى ئوقۇشۇمنى بۇيرۇدى.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟