پەرز بىلەن ۋاجىپنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بارمۇ؟
(ئىسلام
سوئال جاۋابلىرى تور بېكىتىڭ 217272-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)
«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ھەنەپىي مەزھىپى ۋە ئىمام ئەھمەد
رەھىمەھۇللاھتىن كەلگەن بىر تۈرلۈك رىۋايەتنى ھېسابقا ئالمىغاندا، فەقىھلەرنىڭ
كۆپچىلىكى پەرز بىلەن ۋاجىپنى مەنىداش ئاتالغۇ دەپ قارايدۇ.
پەرز – شۇنداقلا – ۋاجىپ: فەقىھلەر چوقۇم
قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەل دەپ بېكىتكەن ئىشلاردۇر. پەرز-ۋاجىپ ھېساپلانغان ئەمەلنى
قىلغۇچى مۇكاپاتقا، ئۇنى تەرك ئەتكۈچى جازاغا ئۇچرايدۇ. پەرز-ۋاجىپنىڭ قەتئىي
دەلىل ئارقىلىق ياكى قەتئىيلىك دالالىتى كۈچلۈك بولمىغان دەلىللەر بىلەن
تۇرغۇزۇلىشىدا ھېچ بەرق يوق.
بىراق،
ھەنەپىي مەزھىپىدىكىلەر پەرز بىلەن ۋاجىپنى پەرقلىق دەپ بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە
پەرز قەتئىي دەلىللەر بىلەن، ۋاجىپ قەتئىيلىك دالالىتى كۈچلۈك بولمىغان دەلىللەر
بىلەن تۇرغۇزىلىدۇ.
أصول الفقه للشيرازي
(23) دا مۇنداق
دېيىلگەن: پەرز، ۋاجىپ، مەكتۇپ دېگەن ئاتالغۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ھۆكۈمدە بولۇپ،
بۇنىڭدىن قايسى بىرىنى تەرك قىلسا جازاغا ئۇچىرايدۇ.
ئەبۇ
ھەنىپەنىڭ ھەمراھلىرى مۇنداق دەيدۇ: ۋاجىپ قەتئىيلىك دالالىتى كۈچلۈك بولمىغان
دەلىللەر ئارقىلىق تۇرغۇزىلىدۇ. مەسىلەن، ۋىتىر نامىزى بىلەن قۇربانلىق شۇنىڭ
جۈملىسىدىن. ھالبۇكى، پەرز قەتئىي دەلىل ئارقىلىق تۇرغۇزىلىدۇ. مەسىلەن، بەش ناماز
ۋە زاكات شۇنىڭ جۈملىسىدىن. ھالبۇكى، بۇنداق دېيىش خاتا. چۈنكى، بۇ ئاتالغۇلار
شەرىئەت، تىل ۋە قوللىنىش نۇقتىسىدىن چۈشىنىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، قەتئىيلىك دالالىتى
كۈچلۈك بولغان دەلىل بىلەن قەتئىيل دالالىتى كۈچلۈك بولىغان دەلىل ئوتتۇرىسىدا
ھېچقانداق پەرق بولمايدۇ.
«فىقىھشۇناسلىقتىكى
قەتئىي دەلىللەر» (1\131) دېگەن كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىزنىڭ نەزىرىمىزدە
پەرز بىلەن ۋاجىپ ئوخشاش ئاتالغۇدۇر. ئەمما، ئەبۇ ھەنىپەنىڭ
ھەمراھلىرى پەرزنى قەتئىي دەلىل بىلەن، ۋاجىپنى قەتئىيلىكى كۈچلۈك بولمىغان دەلىل
بىلەن تۇرغۇزىلىدۇ دېيىشىدۇ.»
ئامىدىنىڭ
«ئەل ئىھكام فى ئۇسۇلىل ئەھكام» (1\99) دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دېيىلىگەن: بىزنىڭ
ھەمراھلىرىمىز (يەنى شافىي ئۆلىمالىرى) نەزىرىدە پەرز بىلەن ۋاجىپ ئوتتۇرىسىدا
پەرق يوق. ئەبۇ ھەنىپەنىڭ ھەمراھلىرى پەرزنى قەتئىي دەلىل بىلەن، ۋاجىپنى
قەتئىيلىكى كۈچلۈك بولمىغان دەلىل بىلەن تۇرغۇزىلىدۇ دېيىشىدۇ. بۇنىڭدىكى ئەڭ
توغرا كۆز قاراش بىزنىڭ ھەمراھلىرىمىز (شافىي ئۆلىمالىرى) نىڭ كۆز قارىشىدۇر.»
بۇ ھەقتە
تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشى ئۈچۈن «فىقىھشۇناسلىق ئېنسكىلوپىدىيىسى» (1\240،244)
ناملىق ئەسەرگە قاراڭ.
ئىمام ئەبۇ ھەنىپە
بۇ ھەقتە كۆپچىلىك ئۆلىمالار بىلەن ئىختىلاپلاشىشى ئىلمىي جەھەتتىكى ئىختىلاپ
بولماستىن، سۆز جەھەتتىكى ئىختىلاپتۇر. چۈنكى، ھەممە ئىلىم ئەھلىلىرى مۇنداق
قاراشتا: پەرز ياكى ۋاجىپ (ھېسابلىنىدىغان ئەمەللەر) ئوخشاشلا مۇكەللەپنىڭ جەزمەن
ئەمەل قىلىشىنى شەرت قىلىدۇ. ناۋادا پەرز ياكى ۋاجىپ ئەمەلنى تەرك ئەتسە،
ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچىرايدۇ.
مانا بۇ
ھەممە ئۆلىمالار بىردەكلىك ھاسىل قىلغان قاراشتۇر. مانا بۇ كىشىنىڭ فىقھى
پىرىنسىپىدىن بىلىشى كېرەك بولغان ئىشتۇر.
تېخىمۇ كۆپ
مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز (127742) نومۇرلۇق پەتىۋايىمىزغا مۇراجىئەت قىلغايسىز. (دۇنياۋىي پەتىۋا
تور بېكىتى ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تور بېكىتىڭ 217272-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)
Yorumlar
Yorum Gönder