مەزھىبىڭىز نېمە؟ [دوكتور بىلال فىلىپىس]




مەزھىبىڭىز نېمە؟
(لېكسىيە)

دۇنياغا مەشھۇر ئىسلام دەئۋەتچىسى
دوكتور بىلال فىلىپىس

فۇرقان دەئۋەت مەركىزى

بىز يۈزلىدىغان ئىشلاردىن بىرى
«ئاشقۇنلۇق»
يەنى «مەزھەپ» تۇر.
ئىسلامغا قەدەم قويۇپ، ئىسلام بىلەن شەرەپلەنگىنىڭىزدىن كېيىن،
سىزنىڭ ئۇچرىتىدىغىنىڭىز «شافىيچە ئىسلام» بولىدۇ،
مۇشۇ زېمىندا.
ئەگەر پاكىستاندا بولسىڭىز «ھەنەفىيچە ئىسلام» غا يولۇقىسىز
سۇداندا بولسىڭىز «مالىكىيچە ئىسلام» غا دوقۇرىسىز
سەئەدىي ئەرەبىستاندا بولسىڭىز «ھەنبەلىيچە ئىسلام» غا ئۇچرايسىز
مانا بۇ سىلەر دۇچار بولۇۋاتقان مەزھەپلەر
شۇنداقلا،«مەزھەپكە يېپىشىش» پىكىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كىشىلەر
«سەن چوقۇم مەزھەپتىن بىرىگە ئەگىشىشىڭ كېرەك!» دېيىشىدۇ.
بۇ تۆت مەزھەپنىڭ بىرىگە ئەگىشىشىڭ كېرەك، بۇنداق قىلمايدىكەنسەن
ئىمامىڭ شەيتاندۇر، دەپ داۋا قىلىشىدۇ
ئۇلار سىلەرگە شۇنداق دەيدۇ
يەنە تېخى ئۇلار شۇنداق گەپلەرنىمۇ توقۇۋېلىشقانكى،
قەبرىگە قويۇلغاندىن كېيىن «رەببىڭ كىم، دىنىڭ نېمە، پەيغەمبىرىڭ كىم» دەپ سورالغاندىن كېيىن، بۇنىڭ سىرتىدا يەنە
«مەزھىبىڭ نېمە؟!» دەپمۇ سورىلارمىش.
مەن ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق دېگىنىنى ئوقۇغان.

مانا بۇ ئاشقۇنلۇق (يەنى دىندا ھەدىدىن ئېشىش) تۇر.
ھەقىقەت شۇكى، يۇقارقىسى ئاشقۇن (ئازغۇن) كۆز قاراشتۇر.

مەزھەپ مۇتىئەسسىپلىرىنىڭ يېنىغا بارساڭلار «رەسۇلۇللاھ ئۈممىتىمدىن مۇنداق (پەزىلەتلىك) كىشى چىقىدۇ» دېگەن
مەزمۇندا توقۇۋالغان ھەدىسلىرى بار.

شۇنداق توقۇلما ھەدىسنى ئاڭلىغان ھەنەپىي مەزھىبىدىكى بىرى
شۇئانلا «ھە! بۇ ھەدىستە ماختىلىۋاتقىنى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە» دەپ ئويلايدۇ.

بۇنداق يالغان ھەدىسنى ئوقۇپ ئەبۇ ھەنىفەنى خىيال قىلىدىغانلار
پاكىستاندا بولىدۇ

مىسىرغا بارساڭلار، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى يالغان ھەدىس
توغرىسىدا «ھەدىستە كۆز تۇتۇلغىنى ئىمام شافىي»
دېيىشى تەبئىي.

كىشىلەر ئەسلىدە ئۆز مەزھىپىنى ھەممىدىن ئۈستۈن
قىلىۋېلىش ئۈچۈن ھەدىسلەرنى توقۇۋېلىشقان.

بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب «ئاشقۇنلۇق» تىن باشقا نەرسە ئەمەس.

چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن ئاشقۇنلۇقتۇر.

مەزھەپ ئىمامىنى كۈيلەپ يالغان ھەدىس توقۇشتىن باشقا،
مەزھەپپەرەسلىك سەۋەبلىك مۇنداق نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا چىققان:

مىلادى 13-، 14-ئەسىرلەردە ھەنەفىي مەزھىدىكى ئالىملار
«ھەنەفىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلماننىڭ شافىي مەزھىبىدىكى
بىرى بىلەن توي قىلىشى دۇرۇس ئەمەس» دەپ پەتىۋا بەرگەن.

ئۇلار خىرستىئان ياكى يەھۇدى ئايالنى ئالسا بولىدۇ،
ئەمما شافىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمان بىلەن
ئېلىپ تېگىشسە بولمايدۇ.

ئاشقۇنلۇق دېگەن مانا!

مانا بۇ ئاشقۇنلۇق!

يەنە بار:
نەچچە يۈز يىللار مابەينىدە-يەنى 14-، 15-،16-،17،
18-،19-،20- ئەسىرلەرلەدە، تاكى 1925-يىلىغىچە
مۇسۇلمانلار كەئبىنىڭ ئەتراپىدا ئايرىم-ئايرىم تۆت ئىمامنىڭ
كەينىدە ناماز ئوقۇشقان.

ھەنەفىيلەر ئايرىم ناماز ئوقۇغان،
شافىيلار ئايرىم ناماز ئوقۇغان،
ھەنبەلىيلەر نامىزىنى ئايرىم ئوقۇغان،
مالىكىيلارمۇ نامىزىنى ئايرىم ئوقۇغان.

كەئبىنىڭ قەدىمقى زاماندىكى رەسىملىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساڭلار
كەئبىنىڭ ئەتراپىدىكى ناماز ئورۇنلىرىنى كۆرىسىلەر

يەنى «ھەنەفىيلەر نامازگاھى»، «شافىيلار نامازگاھى»،
«ھەنبەلىيلەر نامازگاھى»، «مالىكىيلار نامازگاھى»
دەپ ئاتالغان ماقاملارنى كۆرىسىلەر

تاكى، 1925-يىلى ۋاھھابىيلار مەيدانغا چىققۇچە
مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق تۆتكە بۆلۈنۈپ ناماز ئوقۇشقان

ئۇلار بۇنداق ماقاملارنىڭ ھەممىسىنى چېقىپ تاشلىغان

دۇنيا مۇسۇلمانلىرى «قاراڭلار بۇ ئەقلىدىن كەتكەنلەرگە،
بۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى كۆرمەيۋاتامسىلەر» دەپ چۇقان سېلىشىپ كەتكەن.

ئۇلار مەزھەپ ماقاملىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكەندىن كېيىن،
«جامائەتنىڭ ھەممىسى بىرلا ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇشى كېرەك» دېگەن.
ۋاھھابىيلار ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەر-بىرىگە
نەزەر ئاغدۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، شۇنداق دېيىشكە ھەقلىقمىزكى:

ۋاھھابىيلار ھەرىكىتى ئىسلام ئۈممىتىگە مىسلىسىز ياخشىلىق ئېلىپ كەلگەن.

ئىش مانا مۇشۇنداق.

دېمەك، مەزھەپپەرەسلىك قىلىش ئاشقۇنلۇقنىڭ دەل ئۆزى.

مەزھەپ مەسىلىسىنى نەزەرگە ئالغاندا
بۇ يەردە چوڭ بىر سوئال ئوتتۇرىغا چىقىدۇ:

ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەزھىپى قايسى ئىدى؟
ئۇ تۆت مەزھەپنىڭ ھېچقايسى بىرىدە ئەمەس ئىدى.

ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەزھىپى قايسى بولدى؟
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭچۇ؟
ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭچۇ؟

ئۇلارنىڭ ئىمامى شەيتان بولدىما؟!

ئاللاھتىن پاناھ تىلەيمەن.

ئەمدىچۇ؟

ئەمەلىيەتتە، مەزھەپلەرنى تەتقىق قىلىپ باقساڭلار،

ناھايىتى تېزلا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ھەنەفىي مەزھىبىدە ئەمەسلىكىنى بايقايسىلەر،

ئىمام شافىينىڭ شافىي مەزھىبىدە ئەمەسلىكىنى بايقايسىلەر،

ئىمام مالىكنىڭ مالىكىي مەزھىبىدە ئەمەسلىكىنى،

ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ھەنبەلىي مەزھىبىدە ئەمەسلىكىنى بايقايسىلەر.

بۇ مەزھەپلەر ئۇلار ئۆلۈپ تۈگىگەندىن كېيىن تەرەققىي قىلغان

ئۇلاردىن يۈز، ئىككى يۈز يىل كېيىن تەرەققىي قىلغان

ئۆزىنى مەلۇم مەزھەپكە نىسبەت بەرگۈچىلەر
ئاشۇ بۈيۈك ئۆلىمالاردىن ھېچبىرى دەپ باقمىغان،
تىلغا ئېلىپ باقمىغان ئىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

ئەمدىلىكتە، (ئىمام ئەبۇ ھەنىپەمۇ بىلمەيدىغان نەرسىلەر)
 ھەنەپىي مەزھىپى دەپ ئاتالماقتا......

(باشقىلىرىمۇ ھەم شۇنداق...)
بۇ لېكسىيەنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسى:
https://www.youtube.com/watch?v=K3QIjKqC6GU
https://www.youtube.com/watch?v=ynZ_P754Xag

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟