بىدئەتتىن يىراق تۇرۇشتىكى بىر پىرىنسىپ
بىدئەتتىن
يىراق تۇرۇشتىكى بىر پىرىنسىپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار.
ھەممىڭلار سالامەت تۇردىڭلارمۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ 23
يىللىق پەيغەمبەرلىك دەۋرى 1150 ھەپتىگە تەڭ، بۇ 1150 ھەپتىدە 1150 جۈمە بولغان. راشىد
خەلىپىلەرنىڭ 30 يىللىق خەلىپىلىك دەۋرى 1500 ھەپتىگە تەڭ. بۇ 1500 ھەپتىدە 1500 جۈمە
بولغان. رەسۇلۇللاھ ۋە تۆت خەلىپە ئۈممەتنى يېتەكلەپ ماڭغان بۇ 2650 ھەپتىدە 2650
جۈمە كۈنى ئۆتكەن بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بولسۇن ياكى خەلىپلىلەر بولسۇن ۋە ياكى باشقا
ساھابىلەر بولسۇن، شۇ 2650 جۈمەنىڭ ھېچبېرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى جۈمەلەردە «جۈمە
مۇبارەك بولسۇن» دەپ بىر-بىرىنى مۇبارەكلىگەنلىكى توغرۇلۇق ھېچقانداق ھەدىس-ئەسەرلەر
يوق. جۈملىدىن، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەر دەۋرىدە جۈمە مۇبارەك بولسۇن دەيدىغان ئىش
يوق ئىدى، ھەم ئۇلار بۇنداق دېمىگەن. بۇ ۋەجىدىن ئىسلام ئۆلىمالىرى «جۈمە مۇبارەك
بولسۇن دېيىش بىدئەت» دەپ پەتىۋا بەرگەن. چۈنكى رەسۇلۇللاھ «كىمكى دىندا بىز
قىلمىغان ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ» (بۇخارى ئىمام ئەھمەد قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان ھەدىس)، «دىندا يېڭىدىن
پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەت، بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇق»(بۇخارى ۋە
باشقىلار رىۋايەت قىلغان) دەپ، بىدئەت ئىشلاردىن ئۈممىتىنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.
شۇڭا، جۈمە مۇبارەك دېگەن بىدئەت گەپنى قىلمىساق، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ
ئالدىغا ئۆتۈۋالمىساق دەپ ئويلايمەن. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:«ئى مۇئمىنلەر!
(ھەر قانداق ئىشتا ۋە سۆزدە) ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالماڭلار....».(سۈرە
ھۇجرات 1-ئايەت) ئىمام بۇخارىنىڭ سەھىھىنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىش بابىدا
ئەبۇ ۋائىل مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: ھەرەم مەسجىدىگە كىردىم، شەيبە رەزىيەللاھۇ مەسجىدتە
ئولتۇرغان ئىكەن يېنىغا كېلىپ ئولتۇرىۋېدىم، ئۇ ماڭا، ئى ئەبۇ ۋائىل، ئەينى
زاماندا ئۇمەر خۇددى سەن يېنىمدا ئولتۇرغاندەك مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرۇپ «كەئبىنىڭ
ئىچىدىكى ئالتۇن كۆمۈشلەرنى مۇسۇلمانلارغا تارقىتىپ بېرەيمىكىن دەيمەن» دېدى. مەن «سەن
ئۇنداق قىلالمايسەن» دېدىم. «نېمىشقا؟» دەپ سورىدى ئۇمەر. مەن:«چۈنكى، سەندىن ئاۋۋالقى
ئىككى ھەمراھىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھ ۋە ئەبۇ بەكرى سىددىق) بۇنداق قىلمىغان» دېدىم. ئۇمەر
شۇندىلا «ھەقىقەتەن، ئۇ ئىككەيلەن باشقىلار ئەگىشىشى كېرەك بولغان زاتلاردۇر» دېدى
(ۋە قىلماقچى بولغان ئىشىدىن ياندى.) مانا بۇ ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ قىلمىغان
ئىشقا قەتئىي يېقىن يولىمايدىغانلىقىدىكى مۇھىم ھۆججەت. ھەممىمىز، رەسۇلۇللاھقا بەئەينى
ساھابىلەر ئىتائەت قىلغاندەك ئىتائەت قىلايلى قېرىنداشلار. دىندا كاللىمىزغا كەلگىنى،
كۆزۈمىزگە چىرايلىق كۆرۈنگىنى بويىچە ئىش قىلىپ، رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن بۇ مۇقەددەس
دىنىمىزنى بىدئەتلەر بىلەن بۇلغاپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئازابقا ئۇچرىغۇچى بەدبەختلەردىن
بولۇپ قالمايلى.
Yorumlar
Yorum Gönder