ئەللامە ئىبنى باز: ناخشا مۇزىكىنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى



ئەللامە ئىبنى باز: ناخشا مۇزىكىنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى


ئەللامە شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ «قۇرئان-سۈننەت ۋە ئۆلىمالارنىڭ يولى ئارقىلىق ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىنى دەلىللەش» ناملىق رىسالىسىدىن بارپچە 



ئىككى ھەرەم ئىمام، ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى 1999-يىلى) نىڭ «قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئاساسەن ناخشا-مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىنى دەلىللەش» ناملىق پەتىۋاسى ئاساس، باشقا ماتېرىياللار قوشۇمچە ھالدا تەييارلاندى



فۇرقان دەئۋەت مەركىزى


[«فۇرقان» دىن ئىلاۋە: رىۋايەت قىلىنىشىچە مۇنداق دېيىلگەن: «ناخشا دىلدا نىفاق پەيدا قىلىدۇ."(ئەبۇ داۋۇد 492)، "كىمكى (بۇ دۇنيادا) ناخشا ئاڭلىسا (ئۇ دۇنيادا) جەننەتتىكى قارىيلارنىڭ قىرائىتىنى ئاڭلاشتىن چەكلىنىدۇ."(تىرمىزى ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىيدىن رىۋايەت قىلغان)، "كىمكى ئايال ناخشىچىلارنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىسا قىيامەت كۈنى قۇلىقىغا ئېرىتىلگەن قوغۇشۇن قۇيۇلۇپ (جازالىنىدۇ.)"(ئىبىن ئەساكىر ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان). "شۈبىھسىزكى، ئۈممىتىمدىن زىنانى، (ئەرلەرنىڭ) يىپەك كىيىم كىيىشىنى، ھاراقنى ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ھالال سانايدىغان كىشىلەر چىقىدۇ."(ئەبۇ داۋۇد - كىيىم -كېچەك كىتابى، 4039-نومۇرلۇق ھەدىس)، بۇخارىنىڭ سەھىھىدىكى بۇ ھەقتە كەلگەن رىۋايەتتە "...ئاللاھ ئۇلارنى زېمىنغا چۆكتۈرۈۋېتدۇ" دەپ كەلگەن. "ناخشىچى دېدەكلەرنى ساتماڭلار، سېتىۋالماڭلار، ۋە ئۇلارنى تەربىيىلىمەڭلار؛ بۇنداق سوسىدا ياخشىلىق يوق؛ ئۇلارنى (ئېلىپ-سېتىشتىن) كەلگەن پۇل ھارام."تىرمىزى — سودا كىتابى-1282، ئىبىن ماجە — سودا-سېتىق كىتابى]



تۆت مەزھەپ ئۆلىمالىرىنىڭ ناخشا-مۇزىكا توغرىسىدىكى مەيدانى



ئىنىسكىلوپىدىك ئالىم ئىمام ئىبىن قەييۇم «ئىغاسە ئەل لەھفەن» ناملىق كىتابىدا مالىكى فىقھىسىنىڭ ئىمامى ئەبۇ بەكر تارتۇسىينىڭ ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ ھاراملىقى توغرۇلۇق يازغان كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر ... ئىلگىرى ئۆتكەنلەر قىلىپ قالغان گۇناھلىرىنى يوشۇرۇشتا ۋە گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىشتا چىڭ تۇراتتى. بىراق، جاھاننى نادانلىق قاپلاپ، ئىلىم كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە بەزى مۇسۇلمانلار ـــ ئاڭلىشىمىزچە ـــ شەيتاننىڭ سەنىمىگە دەسسەپ، كىشىلەر مۇزىكا ئاڭلاش ۋە ناخشا ئاڭلاش قاتارلىق گۇناھلىق ئىشلارنى ئاللاھتىن ھېچ ھېيىقماستىن ئوچۇق-ئاشكارا قىلىش گىردابىغا بېرىپ يېتىپتۇ، ئۇلار بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ناخشا ئاڭلاش ۋە مۇزىكا ئاڭلاشتىن ئىبارەت بۇ باتىل ئەمەلنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇدىغان ئىبادەت دەپ ساناشماقتا ئىكەن. ئۇلار بۇ قىلىقى بىلەن مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلىكى، فەقىھلەر ئارىسىدىكى كۈچلۈك قاراشنىڭ ۋە پازىل ئۆلىمالارنىڭ تۇتقان يولىنىڭ قارىشىسىغا چىققىپ كەتكەنلىكى مۇقەررەر. مەن پۈتكۈل مۇسۇلمانلار دىيارىدا يۈكسەك مەرتىۋىگە ئىگە ھېسابلانغان مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرىنى نەقىل قىلىش ئارقىلىق ھەقتىن چەتنەپ كەتكۈچىلەرنىڭ ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش قىلمىشىنىڭ باتىللىقىنى ئۇلارغا بىلدۈرۈپ قويماقچىمەن.

(1)ئىمام مالىكقا كەلسەك: ئۇ زات ناخشا ئېيتىشنى ۋە ناخشا ئاڭلاشنى چەكلىگەن. ئىمام مالىك مۇنداق دېگەن: بىراۋ بىر دېدەك سېتىۋالسا، كېيىن ئۆزى سېتىۋالغان بۇ دېدەكنىڭ ناخشىكەش ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا مەلۇم بولغان بولسا، دېدەكنىڭ مۇشۇ ئەيىپى ئۈچۈن ئۇنى ئەسلى ئېگىسىگە قايتۇرۇۋېتىدۇ. ئىمام مالىكتىن (بىر قىسىم) مەدىنە خەلقىنىڭ مۇباھ سانىلىدىغان ناخشىلارغا يول قويىدىغانلىقىنىڭ ھۆمى توغرۇلۇق سورالغاندا، ئىمام مالىك «بۇ ئىشنى پەقەتلا مەدىنىدىكى پەسكەش كىشىلەرلا قىلىدۇ» دېگەن.

(2) ئىمام ئەبۇ ھەنىفەگە كەلسەك، ئۇ ناخشىنى يامان كۆرگەن ۋە ئۇنى گۇناھلىق ئىش دەپ سانىغان. شۇنىڭدەك، كۇفە ئەھلىدىن سۇفيان سەۋرىي، ھامماد، ئىبراھىم نەخەئىي، شەئبىي ۋە باشقا ئۆلىمالار ناخشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىدا بىردەك پىكىردە بولغان. بەسىرە ئۆلىمالىرىمۇ ئوخشاشلا ناخشىنى چەكلىنىدۇ، دەپ قارىغان. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ مەزھىپى ناخشا-مۇزىكىنى ھارام دېيىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغان بولۇپ، ئەبۇ ھەنىفە ناخشىنى قەتئىي ھالدا ھارام دېگەن. ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھەر قانداق تۈردىكى چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ھارام دېگەن، ۋە سازچى ۋە مۇزىكا ئاڭلىغۇچى پاسىق، بۇنداقلارنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ناخشىكەشلىك ۋە سازكەشلىك خۇشاللىق ئىچىدە بولسا، بۇ كۇفۇرغا ئايلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. ھەنەفىي فەقىھى ئىمام ئەبۇ يۈسۈف (رەھىمەھۇللاھ) مۇنداق دېگەن: ئەگەر بىر ئۆيدىن ناخشا ئاۋازى ۋە ساز ئاۋازى كەلسە، بۇنداق مۇنكەرنى توسۇش ئۈچۈن ئۆي ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىزلا ئۆيگە كىرىپ شۇ ئۆيدىكى سازلار چېقىپ تاشلىنىشى كېرەك. ئەگەر رۇخسەتسىز كىرىش يولغا قويۇلمىسا، كىشىلەرنى بۇنداق يامان ئىشتىن توسقىلى بولمايدۇ، كىشىلەر (مۇنكەرنى توسۇشتەك) ۋاجىب ھېسابلىنىدىغان بۇيرۇققا ئاۋاز قوشالماي قالىدۇ. ھاكىم ناخشىكەش ۋە سازچىنى ئۆز قىلمىشىدىن توسۇشى كېرەك. ناۋادا ناخشىكەش ياكى سازكەش قىلمىشىدىن يانمىسا، ھاكىم ئۇنداقلارنى تۈرمىگە قامىشى، قامچىلىشى ياكى ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرىشى كېرەك.

(3) ئىمام شافىيغا كەلسەك: ئۇ زات «قازىلىق ئەدەبلىرى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:«ناخشا ئېيتىش باتىللق تىپىدىكى مەكرۇھ ئەمەلدۇر. دائىم ناخشا ئاڭلىغۇچى ئەخمەق ھېسابلىندۇ، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ.»

ئىمام شافىينىڭ يېتۈك شاگىرتلىرىمۇ ناخشا ئېيتىش ۋە ئاڭلاشنى ھارام دەپ قاراپ، ناخشىنى دۇرۇس سانىغانلارنى ئەيىبلىگەن. ئىمام شافىينىڭ بۇنداق شاگىرتلىرىدىن قازى ئەبۇ تەييىب تەبەرى، شەيخ ئەبۇ ئىسھاق، ئىبىن ساباھ قاتارلىقلار بار.

شەيخ ئەبۇ ئىسھاق «تەنبىھ» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: ناخشىكەشلىك، نەي چېلىش، ھاراق توشۇش قاتارلىق ھارام ئىشلاردىن كەلگەن پۇل (نى خەجلەش) چەكلىنىدۇ.» ئۇ بۇ ھەقتە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بايان قىلمىغان. شەيخ ئەبۇ ئىسھاق «ئەل مۇھەزەب» ناملىق كىتابىدا يەنە مۇنداق دېگەن: ناخشا ۋە جازانىدىن كەلگەن پۇلنى خىراجەت قىلىش ھارام بولۇپ، بۇلاردىن كەلگەن تاپاۋەت (ئارقىلىق يېيىلگەن تائام) ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ئۆلۈك ۋە قاننىڭ باراۋىرىدە ھېسابلىنىدۇ. بىراۋ ناخشا ئۈچۈن پۇل چىقىم قىلسا، ...ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ئۆلۈكنىڭ گۆشىنى ۋە قاننى سېتىۋالغۇچىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.(سۆزىمىزنىڭ ئۇزىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن شافىي مەزھىپى ئۆلىماسى شەيخ ئەبۇ ئىسھاقنىڭ ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدىكى باشقا بايانلىرى قىسقارتىلدى.)

ئىمام نەۋەۋىي «رەۋدەتۇل تالىبىن» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئىككىنچى تومىدا مۇنداق دېگەن: ھاراقكەش كىشىلەرنىڭ سىمۋولى ھېسابلانغان نەي، تەمبۇر ۋە باشقا تارىلىق چالغۇلار بىلەن ناخشا ئېيتىش ۋە شۇ چالغۇ ئاۋازلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا تەڭكەش قىلىنغان ناخشىلارنى ئاڭلاش ھارام. (شافىي مەزھىپىدە) نەي توغرۇلۇق ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت. بەغەۋىي ئۇنى ھارام دېگەن، غەززالىي دۇرۇس دېگەن. ئۆلىمالار ئارىسىدىكى كۈچلۈك قاراشتا نەي (مۇ ئوخشاشلا) ھارام ھېسابلىنىدۇ.

ئەبۇل قاسى ئەل دەۋلەئىي نەينىڭ ھاراملىقى توغرۇلۇق بىر كىتاب يازغان. شۇنداقلا، ئەبۇ ئامىر ئىبىن سالاھ داپ ۋە نەيگە ئوخشاش چالغۇلار تەڭكەش قىلىنغان ناخشىلارنى ئاڭلاشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا ئۆلىمالارنىڭ ئىجمائقا كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئىبىن سالاھ بۇ ھەقتىكى پەتىۋاسىدا مۇنداق دېگەن: ئەگەر ناخشىغا داپ ۋە نەيگە ئوخشاش سازلار تەڭكەش قىلىنغان بولسا تۆت مەزھەپ ئۆلىمالىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئۆلىمالىرىنىڭ ئىجمائىدا بۇ قىلىق ھارامدۇر. ھەر قانداق بىر ئالىمنىڭ ئىجمائ ۋە ئىختىلاپ مەسىلىسىدە ناخشىنى ھالال سانىشى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ئىمام شافىينىڭ بەزى شاگىرتلىرى ئارىسىدا بۇ ھەقتىكى ئىختىلاپ پەقەت داپ ۋە نەيدىن ئىبارەت ئىككى چالغۇنىڭ ھارام ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى چەكلىك ئىختىلاپنىلا كۆرسىتىدۇ. ئىلىمدە توشمىغانلارغا شۇ ئايان بولسۇنكى، ئىمام شافىينىڭ بەزى شاگىرتلىرى ئارىسىدا پەقەت مۇشۇ ئىككى ساز تەڭكەش قىلىنغان ناخشىنى ئاڭلاشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدىلا ئىختىلاپ مەۋجۇت. بۇنى دۇرۇس دېگۈچىلەرنىڭ داۋاسى شەرئىي دەلىللەر ۋە روشەن ئەقىل ئاساسىدا قەتئىي رەت قىلىنىدۇ. شۇنى نەرسە ئايدىڭ بولۇشى كېرەككى، ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ دىنىي مەسىلىلەردە رۇخسەت ھۆكۈمنى تۇتۇشقا باھانە بولالمايدۇ. بىراۋ ئۆلىمالارنىڭ رۇخسەت ھۆكۈمىنى تۇتۇپ مېڭىشتىلا تۇرسا، ئاقىۋەتتە دىننىڭ چەك-چېگرىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئىمام شافىي ۋە ئۇنىڭ دەسلەپكى شاگىرتلىرى شۇنداق شافىي مەزھىپىنىڭ فىقھىسىدا ئالىم كىشىلەر ناخشا-مۇزىكىغا ناھايىتى قاتتىق پوزىتسىيدە قارشى تۇرغان.[بۇ ھەقتىكى بىر بۆلۈك مەزمۇن قىسقارتىلدى.]

(4) ئىمام ئەھمەدكە كەلسەك: ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن دادام (ئىمام ئەھمەدتىن) ناخشا توغرۇلۇق سورىسام، دادام ماڭا مۇنداق دېدى: «ناخشا دىلدا مۇناپىقلىق پەيدا قىلىدۇ. مەن ناخشىنى ئۆچ كۆرىمەن.» دادام شۇنداق دەپ، ئىمام مالىكنىڭ «بۇ ئىشنى پەقەت پەسكەش كىشىلەرلا قىلىدۇ» دېگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن دادامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: مەن يەھيا ئىبىن قەتتاننىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: كىشى ئەگەر كۇفە خەلقىنىڭ ھاراق توغرىسىدىكى، مەدىنە خەلقىنىڭ ناخشا توغرىسىدىكى، مەككە خەلقىنىڭ ۋاقىتلىق نىكاھ توغرىسىدىكى (خاتا) قارىشىنى تۇتۇپ ماڭسا، ئۇنداق كىشى سېپى ئۆزىدىن پاسىق ھېسابلىنىدۇ.

ئىمام ئەھمەد سۇلايمان ئەل تەيمىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان: ئەگەر سەن ھەربىر ئۆلىمانىڭ خاتالاشقان ھالەتتە چىقارغان رۇخسەت ھۆكۈمىنى تۇتۇپ ماڭساڭ، ئاخىرى بېرىپ پاسىق بولۇپ كېتىسەن.

ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: ئەگەر تەمبۇر ۋە باشقا ھەرقانداق چالغۇ ئەسۋابلىرى كۆزگە چېلىقسا،

ئۇنى پاچاقلاپ تاشلاش كېرەك.



تابىئىن ئىمام سۇفيان سەۋرىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: سۇفيان سەۋرىي شەئبىينىڭ، شەئبىي ئەمىر ئىبىن سەئىد ئەل بەجەلىينىڭ مۇنداق دېگەن: مەن ئەبۇ مۇسا ئەل بەدرىي، قارازە ئىبىن كەئىب ۋە سابىت ئىبىن يەزىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ ناخشا ئېيتىلغان توي سورۇنىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا «سىلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرى تۇرۇغلۇق مۇشۇنداق ئىشنى قىلىۋاتامسىلەر (يەنى مۇشۇنداق سورۇندا ئولتۇرۇۋاتامسىلەر)؟» دېدىم. ئۇلار ماڭا:«بىزگە تويلاردا ناخشا ئېيتىش ۋە ئۆلۈمدە ھازا تۇتماستىن يىغلاش رۇخسىتى بېرىلگەن» دېيىشتى.(بۇ ھەدىسنى مۇھەددىس ئىمام ئىبىن ئابدۇل بەر «ئەل ئىستىئاب» ناملىق ئەسىرىنىڭ 3-جىلد، 1306-بېتىگە، ئىمام ئىبىن ھەزىم «ئەل-مۇھەللا» ناملىق ئەسىرىنىڭ 9-جىلد، 62-بېتىگە كىرگۈزگەن.)

پۈتكۈل ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا ئاياللارنىڭ تويدا ئۆز ئايال سورۇنداشلىرى ئاڭلىغۇدەك، يات ئەرلەرنىڭ قۇلىقىغا كىرمىگۈدەك دەرىجىدە ياخشى مەزمۇنلۇق نەشىدلەرنى ئوقۇشى رۇخسەت. مۇھەددىس شەيخ ئەلبانى مۇنداق دېگەن: ئىسلامىي نەشىدلەر داپ، دۇمباق ۋە شۇنىڭدەك چالغۇلارنىڭ تەڭكەش قىلىشىدىن خالىي بولسا، شۇنداقلا ئۇ نەشىدلەردە شەرىئەتكە زىت ھەر قانداق نەرسە ئۇچرىمىسا، بۇنداق نەشىد دۇرۇس ھېسابلىنىدۇ. ھەمدە، نەشىد ئاڭلاش (ياكى ئېيتىش) شۇ كىشىنىڭ ئادەتلەنگەن ئىشى بولماسلىقى كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئۇ كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەرغىپ قىلغان قۇرئان ئاڭلاشتەك سەھىھ سۈننەتتىن چەتنەپ كېتىدۇ... ئاياللار نامەھرەملەر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھېيت ياكى توي مۇناسىۋىتى بىلەن نەشىدلىرىگە داپنى تەڭكەش قىلىشى دۇرۇس.(ئەلبانىنىڭ «سالاھ» ژرنىلىدىكى پەتىۋاسى.)[ئەلبانىينىڭ سۆزى تۈگىدى]

ئاياللارنىڭ ناخشا ئوقۇشى نامەھرەملەر يوق ھېسابلانغان سورۇنلاردا ھېيىت ياكى توي مۇناسىۋىتى بىلەن بولسا دۇرۇس. يۇقارقى ھەدىستىن ۋە بۇ خارىدا كەلگەن ئائىش ئانىمىزنىڭ ئىككى كىچىك قىز دوستىنىڭ داپ چېلىپ نەشىد ئوقۇشىدىن ئۆلىمالار ئاياللارنىڭ نەشىد ئوقۇشىنىڭ ھېيت ۋە توي مۇناسىۋىتى بىلەن نامەھرەمدىن خالىي ھالدا ئوقۇلۇشى دۇرۇس، دېگەن ھۆكۈمنى ئالغان. بۇ ھەرگىزمۇ ناخشىنىڭ ھەر قانداق شارائىتتا، داپنىڭمۇ ھەر قانداق شارائىتتا دۇرۇسلۇقىنى بىلدۈرمەيدۇ. مۇشۇنداق كۆز قاراشتا بولغۇچى كۈچلۈك دەلىللەر ئاساسىدا ئوچۇقتىن ئوچۇق ئازغان بولىدۇ.

تابىئىنلاردىن خەلىپە ئۇمەر ئىبىن ئابدۇلئەزىز ئوغلىنىڭ ئۇستازىغا مۇنداق دەپ مەكتۇپ يازغان: «ئوغلۇمغا تۇنجى بولۇپ كۆڭۈل ئېچىشتىكى گۇناھلىق ۋاسىتىلەردىن ھېسابلانغان مۇزىكا ۋە ناخشىدىن يىرگىنىشنى ئۆگىتىڭ. مۇزىكا ۋە ناخشا شەيتاندىن كەلگەن بولۇپ، ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. ئىشەنچىلىك ئۆلىمالارنىڭ ئوت-چۆپلەر سۇ ئارقىلىق كۆكلىگىنىدەك، نىفاقنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرى ۋە مۇزىكا ئارقىلىق مەيدانغا چىقىدۇ، دېگەن قاراشتا بولغانلىقى ماڭا يەتتى. ناخشا قەلبنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە قەلبنى ئاللاھنىڭ يولىدىن بۇرىۋېتىدۇ. ئۆلگەن قەلب مۇناپىقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.»(ئەللامە شەيخ ئىبنى بازنىڭ "قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى دەلىللەر ئاساسىدا ناخشا ۋە مۇزىكىدىن ئاگاھلاندۇرۇش" ناملىق رىسالىسىدىن)



ئىمام ئىبىن كەسىر ئۆز تەپسىرىدە 31-سۈرە لوقماننىڭ 6-ئايىتىدىن ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: ئاللاھ بەختلىك كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن كېيىن بەدبەخت كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلدى. ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدىن مەنپەئەت ئېلىشتىن يۈز ئۆرۈيدۇ. مۇزىكا ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئەسۋابلىرى بىلەن ئورۇندالغان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالارغا بېرىلىپ كېتىدۇ.

ئىبىن كەسىر «بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازلدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ»(31:6) دېگەن ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن:

ئىبىن مەسئۇد بۇ ئايەتنى «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بۇ ئايەتتىن ناخشا-مۇزىكا كۆزدە تۇتۇلىدۇ» دەپ تەپسىر قىلدى.

بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھنىڭ «بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ» دېگەن ئايىتىدىن ناخشى قىزلارنى سېتىۋېلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىبنى جەرىر مۇنداق دېدى: ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلاشتىن، ئاللاھنىڭ يولىغا ئەگىشىشتىن توسىدىغان ھەر قانداق سۆز بىھۇدە سۆز ھېسابلىنىدۇ.[ئىبىن كەسىرنىڭ سۆزى تۈگىدى.]

«بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازلدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ»(31:6) دېگەن بۇ ئايەت ھەققىدە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «ئىبادەت قىلىنىشتا ئۆزىدىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھ بولمىغان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ ناخشىدۇر» دېگەن سۆز ئىبنى جەرىرنىڭ تەپسىرىدە ئىبىن مەسئۇدنىڭ بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغانلىقى نەقىل قىلىنغان. ئىمام تەبەرىي ۋە قۇرتۇبىينىڭ تەپسىرىدىمۇ مۇشۇنداق كەلگەن. ئىبىن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، جابىر ئىبىن ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئىكرىمە، سەئىد ئىبىن جۇبەير، مەكھۇل، ئەلىي ئىبىن شۇئەيبنىڭمۇ مۇشۇ ئايەت ھەققىدە ئىبىن مەسئۇدقا ئوخشاش تەپسىر بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. ھەسەن بەسرى بۇ ئايەتنى ناخشا ۋە نەي توغرىسىدا نازىل قىلىنغان دېگەن. ئىمام بەغەۋىينىڭ تەپسىرىدىمۇ يۇقارقى مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ.

ئىمام قۇرتۇبى ئاللاھ تائالانىڭ شەيتانغا :"ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قوزغىتالايدىغانلىكى ئادىمىڭنى ئاۋازىڭ بىلەن قوزغاتقىن"(سۈرە ئىسرا 64-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) دېگەن ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن: مۇھىد بۇ ھەقتە توختىلىپ "ناخشا ۋە نەيلىرىڭ بىلەن قوزغاتقىن دېگەنلىك بولىدۇ."(يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفىي فىقھىسى، 4-جىلد، 469-، 470-بەتلەر.)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟