Kayıtlar

Mart, 2017 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

گۈللۈك جەينامازدا ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

گۈللۈك جەينامازدا ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئىمام ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ [ۋاپاتى:ھ1420؛ م 1999] سوئال: گۈللۈك جەينامازدا ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ بىدئەتمۇ؟

رەسۇلۇللاقا ئىتائەت قىلىپ، سۈننىتىگە ئەگىشىشكە بۇيرۇغان بەزى ئايەتلەر

Resim

قىيامدا ئىككى قول كۆكرەك ئۈستىگە قويۇلىدۇ

قىيامدا ئىككى قول كۆكرەك ئۈستىگە قويۇلىدۇ «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى»

ئىمامغا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ نامازدىكى تەكبىرى

پەتىۋا كومېتىتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دېگەن: ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇغان كىشى (يەنى مەئمۇم) نامازدىكى ھېچقايسى جايدا تەكبىرنى ئاۋازلىق ئېيتمايدۇ، بەلكى ھەر-بىر تەكبىرنى (ئىمامنىڭ تەكبىرىگە ئەگىشىپ) لەۋىرىنى مىدىرلىتىپ، ئۆزىلا ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە دەيدۇ. ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچى (يەنى مۇنفەرىد) مۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئىمامغا كەلسەك، تەكبىر ۋە تەسمىئ (يەنى رۇكۇدىن تۇرغان چاغدىكى سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە دېيىش) نى جامائەتنىڭ ئاڭلىيالىشى ئۈچۈن ئۈنلۈك ئاۋازدا دەيدۇ. (پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 11317-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)

نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش ۋە نامازنى رەسۇلۇللاھتەك ئوقۇش

ئىماملىققا نىيەت قىلىش

پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: نامازدا ئىمام بولغۇچى (ناماز نىيىتىنى كۆڭلىگە پۈككەندىن سىرت) نامازدا باشقىلارغا ئىمام بولۇش نىيىتى دىلىغا پۈكۈشى يېتەرلىك. ئىمامنىڭ ئاياللارغىمۇ ئىمام بولۇش ئۈچۈن ئايرىم نىيەت قىلىشىنىڭ شەرىئەتتە ئورنى يوق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ زامانىدا ئاياللار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇيتتى، بىراق پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاياللارغا ئىماملىق ئۈچۈن نىيەت قىلغانلىقى توغرۇلۇق ھېچقانداق خەۋەر يوق. [پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 1460-نومۇرلۇق پەتىۋاسى]

قىبلىدىن باشقا ياققا قاراپ ناماز ئوقۇپ قېلىشنىڭ ھۆكمى

ناۋادا كىشى قىبلىنى تېپىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاندىن نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئاندىن ئۆزى يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇغان يۆنىلىشنىڭ قىبلە يۆنىلىشى ئەمەسلىكى بايقىسا، ئۇنىڭ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. (قايتا ئوقۇش كېرەك ئەمەس.) (پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 9229-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)

كەئبىنىڭ يۆنىلىشى

يالاڭباش ناماز ئوقۇسا قوبۇل بولمايدۇ

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بالاغەتكە يەتكەن قىز بېشىنى يۆگەپ ناماز ئوقۇمىسا، ئاللاھ ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد 641؛ ئەلبانى ‹سەھىھ› دېگەن)

كالتە ئىشتان بىلەن ناماز ئوقۇشتىن توسقان

ئابدۇللاھ ئىبنى بۇرەيدە دادىسى بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يېپىنچىنى ئۈستىگە ئارتىپلا يۆگەنمەستىن ناماز ئوقۇشتىن ۋە يەكتەكسىز ھالدا كالتە ئىشتان بىلەنلا ناماز ئوقۇشتىن توسقان.» (ئەبۇ داۋۇد 636؛ ئەلبانى ‹ھەسەن› دېگەن)

ئەۋرەتنىڭ چەك چېگرىسى

ئەۋرەتنىڭ چەك چېگرىسى  «فۇرقان دەئۋەەت مەركىزى» تەييارلىدى

ئايەتۇل كۇرسىي [قىرائەت-تېكىست ۋە ئۇيغۇرچە خەت بىرلەشكەن ئېسىل ۋىدىيو]

Resim

ھىجرەت ئىلگىرىكى گۇناھلارنى يۇيىۋېتىدۇ

ھىجرەت ئىلگىرىكى گۇناھلارنى يۇيىۋېتىدۇ «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى»

قۇرئان-109-سۈرە كافىرۇن

Resim

ئەسىردىن بۇرۇن تۆت رەكئەت نەپلە ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەسىرنىڭ پەرزىدىن بۇرۇن تۆت رەكەت ناماز ئوقۇغان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!»([3]) ([3]) " تىرمىزى" 430-ھەدىس. ئالبانى: " ھەسەن " دېگەن .

ناماز ئوقۇش چەكلىنىدىغان ۋاقىتلار

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى كۈن چىقىۋاتقان ۋاقىتتىن نەيزە بويى ئۆرلىگەنگە، كۈن تىكلەنگەن ۋاقىتتىن قايرىلغانغا ۋە كۈن پېتىۋاتقان ۋاقىتتىن ئولتۇرغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى بۇ ئۈچ ۋاقىتتا ناماز ئوقۇش ۋە جىنازا نامىزىنى چۈشۈرۈشتىن توساتتى.([5]) ([5]) " مۇسلىم" 831-ھەدىس .

سۈننەت نامازلارنى تولۇق ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئون ئىككى رەكەت سۈننەتنى داۋاملىق ئوقۇسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلىدۇ. ئۇلار: پېشىندىن بۇرۇن تۆت رەكەت، پېشىندىن كېيىن ئىككى رەكەت، شامدىن كېيىن ئىككى رەكەت، خۇپتەندىن كېيىن ئىككى رەكەت ۋە بامداتتىن بۇرۇن ئىككى رەكەتتۇر».([1]) ([1]) " تىرمىزى" 414-ھەدىس. ئالبانى: "سەھىھ" دېگەن .

رەسۇلۇللاھ ھەر قانداق ھالەتتە ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى

ئائىشە زەزىياللاھۇ ئەنھا: "رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەرقانداق ھالىتىدە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ تۇراتتى، دېگەن".([3]) ([3]) سەھىھەين: بۇخارى مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان. "سەھىھۇ مۇسلىم" 373-ھەدىس .

ئەزالارنىڭ زىناسى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنسانغا زىنادىن بولغان نېسىۋىسىنى پۈتۈۋەتكەن، بۇنى كۆرمەي چارە يوق، مەسىلەن: كۆزنىڭ زىناسى قارىماقتۇر، تىلنىڭ زىناسى سۆزلىمەكتۇر. ئىنساننىڭ نەپسى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە خالايدۇ، ئەۋرەت بولسا ئۇنى راستقا چىقىرىدۇ ياكى يالغانغا چىقىرىدۇ».([6]) ([6]) سەھىھەين: "بۇخارى" 6243-ھەدىس. "مۇسلىم" 2657-ھەدىس .

كىچىك گۇناھتىن ساقلان!

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «ئى ئائىشە! كۆزگە ئىلمايدىغان گۇناھلاردىن ساقلىنىڭ، چۈنكى ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنى سۈرۈشتە قىلغۇچى بار» دېگەن.([11]) ([11]) " مۇسنەدى ئەھمەد" 24460-ھەدىس. "سۇنەنى ئىبنى ماجە" 4243-ھەدىس. ئالبانى "سەھىھ" دەپ باھالىغان .

ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغانلار ئۆيلەنسۇن

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: «ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغان ئادەم ئۆيلەنسۇن، چۈنكى ئۆيلىنىش ئۇنىڭ كۆزىنى ۋە ئەۋرىتىنى ھارامدىن بەكراق ساقلايدۇ، ئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىغان ئادەم روزا تۇتسۇن. چۈنكى روزا شەھۋىتىنى كېسىدۇ».([13]) ([13]) سەھىھەين: "بۇخارى" 1905-ھەدىس، "مۇسلىم" 1400-ھەدىس .

ئايال كىشى ئايال كىشى بىلەن يالىڭاچ قۇچاقلاشمىسۇن

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئايال كىشى ئايال كىشى بىلەن يالىڭاچ قۇچاقلاشمىسۇن، بولمىسا ئۇنى ئېرىگە سۈپەتلەپ بېرىپ كۆرگەندەك قىلىپ قويىدۇ.» دېگەن.([5]) ([5]) "سەھىھۇل بۇخارى" 5240-ھەدىس.

ھەدىس: تاھارەتسىز ناماز دۇرۇس ئەمەس

ئىمامغا رۇكۇدا يېتىشتى

پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: رۇكۇ قىلغان ئىمام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭغا يېتىشكەن كىشى ئىمامغا قوشۇلۇپ رۇكۇ قىلسا، ئۇ بىر رەكئەتنى تولۇق تاماملىغان ھېسابلىنىدۇ. [پەتىۋا كومېتىتى 1689]

رۇكۇدىن تۇرغاندا نېمە دەيمىز؟

رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ سەجدىگە بېرىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ئۇزاق تۇردى

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«قاچانكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۆرە تۇرغاندا ئۇزۇن مۇددەت ئۆرە تۇراتتى. ھەتتا (ساھابىلەردىن) بەزلىرى ‹(رەسۇلۇللاھ سەجدىگە بېرىشنى) ئۇنتۇپ قالدى› دېيىشەتتى. ئىككى سەجدە ئارىسىدىمۇ مۇشۇنداق قىلاتتى.»[ صحيح البخاري الأذان (821) ، صحيح مسلم الصلاة (472) ، سنن أبو داود الصلاة (853) ، مسند أحمد بن حنبل (3/226 ). ]

پېشانە سەجدىگاھقا تەگمىسە ناماز دۇرۇس بولمايدۇ

ئىككى تىز ئىككى قولدىن ئاۋۋال سەجدىگە بارىدۇ

ئىككى تىز ئىككى قولدىن ئاۋۋال سەجدىگە بارىدۇ  «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ نامىزىدا ھېچقانداق پەرق يوق

ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ نامىزىدا ھېچقانداق پەرق يوق

سەجدىدە نېمە دەيمىز ۋە قانداق دۇئالارنى ئوقۇيمىز

ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇشتا «رەببىغفىرلى» دېيىش توغرىسىدا

ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى ئولتۇرۇش ۋە بىرىنجى تەشەھھۇد ئولتۇرىشىدا سول پۇتنى بېسىپ ئولتۇرىدۇ

Resim

ئابدۇۋەلى قارى: ھىجىرەتنىڭ پەزىلىتى

Resim

مەزھىبىڭىز نېمە؟[دوكتور بىلال فىلىپىس]

Resim

سەجدىدە جەينەكلەرنى يەرگە چاپلىۋېلىش مەكرۇھ

Resim
سەجدىدە جەينەكلەرنى يەرگە چاپلىۋېلىشقا بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇنى چەكلەپ مۇنداق دېگەن:«سەجدىنى مۇكەممەل قىلىڭلار. سىلەردىن ھېچكىم جەينىكىنى ئىتقا ئوخشاش يەرگە چاپلىۋالمىسۇن.» [ رواه البخاري في الأذان برقم ( 779 ) ، ومسلم في الصلاة برقم (762) ]    پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سەجدە قىلغاندا ئىككى قولۇڭنى يەرگە قوي ۋە جەينىكىڭنى كۆتۈر.» [ رواه مسلم في كتاب الصلاة برقم ( 494 ) وأحمد في مسند الكوفيين برقم ( 18022 ) وابن حبان 5 / 1916 ، والبيهقي 2 / 113 ، وفي كنز العمال برقم ( 19769 ) ]

تاق رەكئەتنى تۈگىتىپ جۈپ رەكئەتكە قوپۇشتىن ئىلگىرى بىر ئاز ئولتۇرۇش سۈننەت

تۆت مەزھەپتە ساقالنىڭ ھۆكمى

Resim

سەھىھ ھەدىستە تەشەھھۇد دۇئاسى ۋە تەشەھھۇد ئولتۇرىشىدا دۇئا قىلىش

Resim
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

تۇنجى تەشەھھۇدتا رەسۇلۇللاھقا دۇرد سالام يوللاش مۇستەھەب

بىرىنچى تەشەھھۇدتا دۇئا قىلسا بولامدۇ؟

بىرىنچى قېتىملىق تەشەھھۇدنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، دۇئا قىلىش سۈننەت ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرگە بىنائەن، تەشەھھۇدتىن كېيىن دۇئالار ئاخىرقى تەشەھھۇدتىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. [پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 4927-نومۇرلۇق پەتىۋاسى]

ئېسىدە يوق تەشەھھۇدقا ئولتۇرماستىنلا ئۈچىنچى رەكئەتكە تۇرۇپ كەتتى

تەشەھھۇدتىكى ئولتۇرۇش شەكلى

تەشەھھۇدتىكى ئولتۇرۇش شەكلى

ئاخىرقى تەشەھھۇدتا ئولتۇغاندا ئوقۇلىدىغان ئەۋزەل دۇئالار

 ئاخىرقى تەشەھھۇدتا ئولتۇغاندا ئوقۇلىدىغان ئەۋزەل دۇئالار «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

نامازنىڭ ئاخىرقى تەشەھھۇدىنى ئوقۇمىغۇچىنىڭ نامىزى دۇرۇس ئەمەس

سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: ئۆلىمالار ئارىسىدىكى كۈچلۈك قاراش شۇكى، نامىزىنىڭ ئاخىرقى تەشەھھۇدىنى ئوقۇمىغۇچىنىڭ نامىزى دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، بۇنداق قىلىش نامازنىڭ پەرزلىرىدىن بىرىنى ئادا قىلمىغانلىق بولىدۇ. بۇنداق كىشى نامىزىنى قايتا ئوقۇيدۇ. (پەتىۋا كومېتىتى 6929)

ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇش شەكلى بىلەن ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇش شەكلىدە ھېچقانداق پەرق يوق

ئاياللارنىڭ نامىزى ئەرلەرنىڭ نامىزىغا ئوخشاش: ئاياللارنىڭ نامىزى بىلەن ئەرلەرنىڭ نامىزىدا ھېچبىر پەرق يوق. ناماز توغرىسىدا كەلگەن بارچە ھەدىسلەر بۇنى ئىسپاتلايدۇ.(ئەللامە ئىبنى باز؛ 11\47)

تەرىتى قىستىغاندا ناماز ئوقۇش مەكرۇھ

تەرىتى قىستىغاندا ناماز ئوقۇش مەكرۇھ «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

نامازدا ئوڭ سولغا كۆز يۈگۈرتۈش مەكرۇھ

نامازدا ئوڭ سولغا كۆز يۈگۈرتۈش مەكرۇھ «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

نامازدا تېلفون سايراپ كەتسە قانداق قىلىمىز؟

Resim
  نامازدا تېلفون سايراپ كەتسە قانداق قىلىمىز؟ سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 1870-نومۇرلۇق پەتىۋاسى «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

جامائەت ئىككى ئەر بولسا ئىمامنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ

جامائەت ئىككى ئەر بولسا  ئىمامنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ  «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ناماز ئوقۇۋاتقاندا شەيتان ۋەسۋەسە قىلسا قانداق قىلىمەن؟

ناماز ئوقۇۋاتقاندا شەيتان ۋەسۋەسە قىلسا سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 6355-نومۇرلۇق پەتىۋاسى «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

سەھۋەنلىك سەجدىسىدە نېمە دەيمىز؟

تەھەججۇد نامىزىنىڭ ۋاقتى

تەھەججۇد نامىزىنىڭ ۋاقتى ئەللامە ئىبنى باز مۇنداق دەيدۇ: تەھەججۇت نامىزىنىڭ ۋاقتى خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بولۇش بىلەن باشلىنىپ، كېچىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. (نۇرۇن ئەلەد دەرب-10\33)

ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان: بەخىتلىك ھايات

Resim

سەھىھ ھەدىسلەردىن يۈز يېپىشقا دەلىللەر ۋە تەپسىرلەر

سەھىھ ھەدىسلەردىن يۈز يېپىشقا دەلىللەر ۋە تەپسىرلەر

رۇكۇدىن تۇرۇش سۈننىتى ھەققىدە تەپسىلىي بايان

ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزى توغرىسىدىكى رىسالىسىنىڭ بىر بۆلىكى «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش توغرىسىدا تۆت سەھىھ ھەدىس

نامازدا قوللارنى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى تۆت سەھىھ ھەدىس

تەكبىر چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن گەپ قىلىشنىڭ ھۆكمى

  پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ     ئىقامەتتىن كېيىن، ناماز باشلاش تەكبىرىدىن ئاۋۋال نامازغا مۇناسىۋەتلىك، مەسىلەن سەپنى توغرىلاشقا ئالاقىدار گەپلەرنى قىلىش دۇرۇس. بىراق، نامازغا تەييارلىق قىلىش ۋە نامازغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەكبىردىن كېيىن نامازغا مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش ياخشى. (ئەللامە ئىبنى باز پەتىۋالىرى 10\359)

تەكبىر توۋلانغاندا نەپلە ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى

تەكبىر توۋلانغاندا نەپلە ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى سوئال: بەزى كىشىلەر پەرز ناماز باشلانغان چاغدا (پەرز نامازغا قاتنىشىش ئۈچۈن) ئوقۇۋاتقان نەپلە نامىزىنى توختىدىكەن (بۇزىدىكەن). بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ پەتىۋا بەرگۈچى ئورگان: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى (7-جىلد، 240-بەت) جاۋاب: پەرز ناماز باشلانغاندا نەپلە ناماز ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس. بۇ ھۆكۈم مۇنۇ ھەدىسكە ئاساسلانغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىقامە (تەكبىر) توۋلانغاندا پەرز نامازدىن باشقا ناماز يوق.»(ئىمام ئەھمەد، 2-331؛ مۇسلىم، 2-153: ئەبۇداۋۇد،1266؛ نەسائىي،1-139؛ تىرمىزى، 2-282؛ ئىبنى ماجە،1151؛ دارىمى،1-337) شۇ ۋەجىدىن، كىشى نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرز ناماز باشلانسا، يۇقىرقى ھەدىسكە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن نەپلە نامازنى توختىدۇ. چۈنكى، پەرز ناماز نەپلىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. پەتىۋا بەرگۈچىلەر: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد.

سەھىھ ھەدىستىن ۋىتىر نامىزىنىڭ قۇنۇت دۇئاسى (ئەرەبچە)

تۆۋەندىكىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كەلگەن ۋىتىرنىڭ قۇنۇتى: ( اللهم اهدني فيمن هديت ، وعافني فيمن عافيت ، وتولني فيمن توليت ، وبارك لي فيما أعطيت ، وقني شر ما قضيت ، فإنك تقضي ولا يقضى عليك ، إنه لا يذل من واليت ، ولا يعز من عاديت ، تباركت ربنا وتعاليت ، لا منجى منك إلا إليك ) أخرجه أبو داود (1213) والنسائي (1725) وصححه الألباني في الإرواء 429

بالا-مۇسىبەتتىكى مۇسۇلمانلار ھەر پەرز نامازدا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇيدۇ

بالا-مۇسىبەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر پەرز نامازدا قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇيدۇ ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تورىنىڭ 20031-نومۇرلۇق پەتىۋاسى «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

تاملارغا ئايەت يېزىلغان رامكا-جازىلارنى ئېسىشنىڭ ھۆكمى؟

Resim
تاملارغا ئايەت يېزىلغان رامكا-جازىلارنى ئېسىشنىڭ ھۆكمى؟ (ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تور بېكىتىدىن ئېلىندى) سوئال: بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمدا تاملىرىغا قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ئاللاھنىڭ ئېسىم-سۈپەتلىرى ياكى باشقا دۇئا-زىكىرلار يېزىلغان رامكا-جازىلارنى ئېسىۋالغانلىقىنى كۆردۈم؟، بۇنداق قىلىشنىڭ شەرىئەتتە دەلىلى بارمۇ؟

قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە مۇھەببەتلىشىش

قىز-يىگىتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق ۋە مۇھەببەتلىشىش 20949- نومۇرلۇق سوئال سوئال: مەن ئون سەككىزگە ياشقا كىرگەن بىر ياش، مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشنىڭ كەلگۈسىدە ئائىلىنى ۋەيران قىلغۇچى بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. لېكىن توي بولغۇچە زىنادىن خالى، باشقىلاردىن مەخپى تۇتقان ھالدا مۇھەببەتلەشسەك بولامدۇ؟. بۇرۇنقى ئىشقى-مۇھەببەت قىسسىلىرىدە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار بولغانمۇ؟

يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام فىلىمىنى كۆرۈشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ھازىر جەمئىيىتىمىزدە يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام ھاياتى تەسۋىرلەنگەن فىلىم كۆپ كۆرىلىۋاتىدۇ، بۇ توغرىدىكى شەرئى ھۆكۈمنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟. جاۋاب:   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. شىئەلەر (راپىزىلار) يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام قىسسىسىنى ھېكايە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆسمۈرلىكىدىن ياشلىق ۋە ياشانغان دەۋرىگىچە بولغان ھاياتىنى تەسۋىرلەيدىغان   فىلىم ئىشلىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى ئۆزگەرتىپ يالغاننى ئارىلاشتۇرغاندىن سىرت بۇنى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ۋە ياشىغان زامانىنى مەۋھۇم تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئاشكارا قىلدى. ئۇلار يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنى پىرئەۋنلار زامانىدا قىلدى. (ئەسلىدە ئۇنداق ئەمەس). پىرئەۋنلارنى مۇۋەھھىدلاردىن (يەنى ئاللاھنى بىر دەپ ئىتىقاد قىلغۇچى) قىلدى. (ئەسلىدە ئۇنداق ئەمەس). قۇرئاننىڭ ئوچۇق تېكىستىنى ئۆزگەرتىپ يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرىنى يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى ساتقان قىلدى. ئەسلىدە ئىش ئۇنداق ئەمەس. فىلىم ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ھىيلە-نەيرەڭ ۋە پەسكەشلىكنى ئىپادىلەيدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار. پەيغ...