مۆمىننى يىغلىتىدىغان ھەدىس
«ئاللاھ
تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئى بەندىلىرىم! مەن ئۆزۈمگە
زۇلۇم قىلىشنى ھارام قىلدىم. سىلەرگىمۇ ئۆز ئارا زۇلۇم قىلىشنى ھارام
قىلدىم. زۇلۇم قىلىشماڭلار. ئى بەندىلىرىم! مەن ھىدايەت قىلغان كىشىدىن
باشقا ھەممىڭلار ئازغۇچى. مەندىن ھىدايەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى ھىدايەت
قىلىمەن. مەن تائام بەرگەن (ئوزۇقلاندۇرغان) كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار
ئاچ قالىسىلەر، مەندىن ئوزۇق تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرگە تائام بېرىمەن.ئى
بەندىلىرىم! مەن كىيىم بەرگەن كىشىدىن باشقا ھەممىڭلار يالىڭاچسىلەر،
مەندىن كىيىم تەلەپ قىلىڭلار، مەن سىلەرگە كىيىم بېرىمەن. ئى بەندىلىرىم!
سىلەر كىچە-كۈندۈز خاتالىشىسىلەر، مەن ھەممە گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت
قىلىمەن. مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار، سىلەرنى مەغپىرەت قىلىمەن. ئى بەندىلىرىم!
سىلەر ماڭا زىيان يەتكۈزمەكچى بولساڭلار، ماڭا ھەرگىز زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر،
پايدا يەتكۈزمەكچى بولساڭلارمۇ ھەرگىز پايدا يەتكۈزەلمەيسىلەر.
ئى بەندىلىرىم! سىلەردىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئىنسانلار ۋە
جىنلار ھەممىسى يىغىلىپ، بىر ئەڭ تەقۋادار كىشىنىڭ قەلبىگە ئوخشاش بولۇپ كەتسەڭلارمۇ،
مېنىڭ سەلتەنىتىمدىكى قىلچىلىك نەرسىنىمۇ زىيادە قىلالمايسىلەر،
ئى بەندىلىرىم! ئەگەر بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ
ھەممىسى يىغىلىپ، ئەڭ پاسىق (بۇزۇق) بىر ئادەمنىڭ قەلبىگە ئوخشاش بولۇپ
كەتسەڭلارمۇ، مېنىڭ سەلتەنىتىمدىكى ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيسىلەر. ئى
بەندىلىرىم! سىلەردىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى
بىر تۈزلەڭلىككە يىغىلىپ مەندىن سورىسا، مەن ھەر بىر ئىنسانغا مەندىن
سورىغىنىنى بەرسەم، پەقەت دېڭىزغا چېلىنىپ ئېلىنغان يىڭنىگە يۇققان سۇ
دېڭىز سۈيىدىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمىگەندەك مېنىڭ سەلتەنىتىمدىكى نەرسىلەردىن
ھېچ نەرسىنى كېمەيتەلمەيدۇ. ئى بەندىلىرىم! پەقەت سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى
سىلەر ئۈچۈن تولۇق خاتىرلەپ قويىمەن، ئاندىن ئۇنىڭ ئەجرىنى سىلەرگە
تولۇق بېرىمەن. كىمكى ياخشىلىققا ئېرىشسە، ئاللاغا ھەمدى ئېيتسۇن، كىمكى
ئۇنىڭدىن باشقىغا ئېرىشىپ قالسا، پەقەت ئۆزىنىلا ئەيىبلىسۇن.» ــ مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
Yorumlar
Yorum Gönder