مانا بۇ ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىقى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھ
ھەقىقەتەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىقلارنى (ئىلمى ئەزەلىدە
تەقدىر قىلىپ) يازدى. ئاندىن ئۇلارنى مۇنداق بايان قىلدى: كىمكى بىرەر ياخشىلىقنى قىلىشنى كۆڭلىگە كەلتۈرۈپ ئۇنى
قىلالمىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا تولۇق بىر ياخشىلىقنىڭ
ساۋابىنى يازىدۇ. ئەگەر ئۇ ياخشىلىقنى كۆڭلىگە كەلتۈرسە ۋە
قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئون ياخشىلىقنىڭ ساۋابىدىن يەتتە يۈز ياخشىلىقنىڭ ساۋابىغىچە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە
ساۋاب يازىدۇ. كىمكى بىرەر يامانلىقنى كۆڭلىگە
كەلتۈرۈپ ئۇنى قىلمىسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا تولۇق بىر ياخشىلىقنىڭ
ساۋابىنى يازىدۇ. ئەگەر ئۇنى كۆڭلىگە كەلتۈرسە ۋە قىلسا، ئاللاھ
ئۇنىڭغا بىر يامانلىقنىڭ گۇناھىنى يازىدۇ.» ــ بۇخارى ۋە مۇسلىم
رىۋايەت
قىلغان.
Yorumlar
Yorum Gönder