ئىبنى ئۇسەيمىن: مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش دېگەن ئېتىكاپ قىلىشتىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ




ئىبنى مۇبارەك رەھىمەھۇللاھ "زۇھد" ناملىق ئەسەر 746-ھەدىستە، ئەبۇ جەپەردىن قىلىنغان رىۋايەتتە مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشى (رەسۇلۇللاھنىڭ نەۋرىسى) ھۈسەين ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇ كىشى ئېتىكاپ قىلىۋاتقان بولۇپ: مەن ئېتىكاپتا بولمىغان بولسام، ئەلۋەتتە سەن بىلەن بىرگە چىقىپ ھاجىتىڭنى ئادا قىلىشىپ بېرەتتىم دەيدۇ، ھاجەتمەن كىشى ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدىن چىقىپ، (ئۇ زاتنىڭ ئاكىسى) ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ ھاجىتىنى ئېيتىدۇ، ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ كىشىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن بىرگە چىقىدۇ، ھاجەتمەن كىشى ھەسەن ئىبنى ئەلىگە: مەن ھاجىتىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سىزدىن ياردەم سوراشنى ياقتۇرماي ھۈسەين ئىبنى ئەلىدىن ياردەم سورىغان ئىدىم، ئۇ كىشى: ئەگەر مەن ئېتىكاپتا بولمىغان بولسام سىز بىلەن بىرگە چىقاتتىم دېگەن ئىدى، دەيدۇ، ھەسەن ئىبنى ئەلى: ماڭا ئاللاھ يولىدا بىر قېرىندىشىمنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش بىر ئاي ئېتىكاپتا تۇرغاندىنمۇ ئەۋزەل كۆرۈلىدۇ، دەيدۇ».

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش دېگەن ئېتىكاپ قىلىشتىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ باشقىلارغا پايدىسى يېتىدۇ، باشقىلارغا پايدىسى يېتىدىغان ئىش دېگەن پەقەت ئۆزىگە پايدىسى يېتىدىغان ئىشتىن ياخشىدۇر، ئەمما پايدا-مەنپەئەت ئۆزىگىلا يېتىدىغان ئىش ئىسلامنىڭ مۇھىم ۋاجىباتلىرى بولۇپ قالسا ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ پايدىسى زور بولىدۇ". ["پەتىۋالار توپلىمى ۋە ئىبنى ئۇسەيمىن رىسالىلىرى 20-توم 180-بەت]. 

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى