داۋالىنىشنى رەت قىلىپ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش توغرىمۇ؟

ئەتا ئىبنى ئەبۇ رەباھ مۇنداق دەيدۇ، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا: ساڭا جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر ئايالنى كۆرسىتەيمۇ؟ دېگەندە، مەن: بولىدۇ دېدىم، ئۇ: مۇشۇ قارا ئايال پەيغەمبەرئەلەيھسىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن ھوشۇمدىن كېتىمەن، ھۈشۈمدىن كەتسەم ئېچىلىپ قالىمەن، ماڭا ئاللاھدىن شىپالىق تىلەپ دۇئا قىلسىلا دېۋېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: خالىسىڭىز سەۋىر قىلىڭ سىزگە جەننەت بار، خالىسىڭىز ئاللاھقا يېلىناي سىزگە شىپالىق ئاتا قىلسۇن دېدى، ئۇ ئايال: سەۋىر قىلىمەن، لېكىن ھۈشۈمدىن كەتسەم ئېچىلىپ قالىمەن، ئاللاھقا مېنىڭ ھۇشۇمدىن كەتكەندە ئېچىلىپ قالماسلىقىم ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايال ئۈچۈن دۇئا قىلدى.» [بۇخارى رىۋايىتى 5652-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2576-ھەدىس]. عن عَطَاءُ بْنُ أَبِي رَبَاحٍ قَالَ : قَالَ لِي ابْنُ عَبَّاسٍ : ( أَلَا أُرِيكَ امْرَأَةً مِنْ أَهْلِ الْجَنَّةِ قُلْتُ بَلَى ، قَالَ : هَذِهِ الْمَرْأَةُ السَّوْدَاءُ ؛ أَتَتْ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَقَالَتْ : إِنِّي أُصْرَعُ وَإِنِّي أَتَكَشَّفُ ، فَادْعُ اللَّهَ لِي .
قَالَ : إِنْ شِئْتِ صَبَرْتِ وَلَكِ الْجَنَّةُ ، وَإِنْ شِئْتِ دَعَوْتُ اللَّهَ أَنْ يُعَافِيَكِ !!
فَقَالَتْ : أَصْبِرُ . فَقَالَتْ : إِنِّي أَتَكَشَّفُ ، فَادْعُ اللَّهَ لِي أَنْ لَا أَتَكَشَّفَ ؛ فَدَعَا لَهَا )
رواه البخاري (5652) ومسلم (2576) .

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىس ھۈشىدىن كېتىشنىڭ پەزىلىتى، دۇنيادىكى بالا-مۇسىيبەتلەرگە سەۋىر قىلسا جەننەتكە ئېرىشىدىغانلىقى، ئۆزىدە كۈچ-قۇۋۋەت بار، قاتتىقلىقنى لازىم تۇتسا ئاجىزلاپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلگەن كىشىنىڭ رۇخسەتنى تۇتقاندىن ئەزىيمەتنى تۇتۇشنىڭ ئەۋزەللىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھەدىس يەنە داۋالىنىشنى تەرك قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداقلا كېسەللىك ھەممىسىنى دۇئا قىلىش، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىش بىلەن داۋالاشنىڭ دورىلار بىلەن داۋالىغاندىن ئۇنۈملۈك ۋە مەنپەئەتلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دۇئانىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرى دورىنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرىىدىن كاتتا بولىدۇ، لېكىن نىجات تېپىش ئىككى ئىشنىڭ بىرى بىلەن بولىدۇ: بىرى سەۋەپ تەرەپتىن: مەقسىدى دۇرۇس بولۇش، يەنە بىرى داۋالىنىش تەرەپتىن: ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىشى كۈچلۈك بولۇش، تەقۋادارلىق ۋە تەۋەككۇل قىلىش بىلەن قەلبى كۈچلۈك بولۇش كېرەك.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى