بۇلۇغۇلمەرام
مۇئەللىپ: ئىمام ئىبنى ھەجەر
شەرھلىگۈچى: مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان
مۇبارەكفۇرى
(سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى ئۇيغۇرلارغا
تونۇشلۇق «شېرىن بۇلاق» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورىدۇر. ھىندىستانلىق بۇ
سەلەفىي ئالىم 2007-يىلى ۋاپات بولغان)
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
(ئەسەر
تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ بولۇنمىدى؛ تەرجىمىسى ئۈستىدە ئىشلەنمەكتە؛ شۇ
ۋەجىدىن بۇ سەھىپىدىكى ھەدىسلەر بارغانچە ئاۋۇپ ماڭىدۇ، ئىنشائاللاھ)
بىرىنجى:
تاھارەت كىتابى
1-
سۇلار بۆلۈمى
[1] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم دېڭىز توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:«ئۇنىڭ
سۈيى پاكتۇر، ئۆلۈكلىرى ھالالدۇر.» (بۇ ھەدىسنى تۆت ئىمام ۋە ئىبنى ئەبى
شەيبە رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ لەۋزى ئىبنى ئەبى شەيبەنىڭ. ئىبنى خۇزەيمە ۋە
تىرمىزى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. بۇ ھەدىسنى يەنە ئىمام مالىك، ئىمام شافىي ۋە
ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)
[2] ئەبۇ
سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن سۇ
پاكتۇر. ئۇنى ھېچنەرسە نىجىس قىلالمايدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئۈچ ئىمام
رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئەھمەد سەھىھ دېگەن)
[3] ئەبۇ
ئۇمامە ئەل باخىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سۇنىڭ پۇرىقىنى،
تەمىنى ياكى رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگۈچە، ھېچقانداق نەرسە سۇنى نىجىس قىلالمايدۇ.»
(ئىبنى ماجە توپلىغان؛ ئەبۇ ھاتىم بۇ ھەدىسنى زەئىپ دېگەن.)
بەيھەقىنىڭ
رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:
«سۇغا
چۈشكەن نىجاسەت سۇنىڭ پۇرىقىنى، تەمىنى ۋە رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگۈچە سۇ پاكتۇر.»
[4]
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىككى
قۇللە مىقداردىكى سۇ نىجىسلىكنى كۆتۈرمەيدۇ.» باشقا بىر رىۋايەتتە «نىجىس بولمايدۇ» دەپ كەلگەن. (بۇ ھەدىسنى تۆت
ئىمام رىۋايەت قىلغان. ئىبنى خۇزەيمە، ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن)
[5] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن ھېچكىم جۇنۇب
ھالەتتە تۇرغۇن سۇدا غۇسل قىلمىسۇن.» (بۇ ھەدىسنى بەش ئىمام توپلىغان)
بۇخارىنىڭ
رىۋايىتىدە «سىلەردىن ھېچكىم ئاقمايدىغان تۇرغۇن
سۇغا سىيىپ، ئاندىن ئۇنىڭ غۇسل قىلمىسۇن» دەپ كەلگەن.
مۇسلىمنىڭ
رىۋايىتىدە «ئۇ سۇدا» دەپ كەلگەن.
ئەبۇ
داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە «جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش ئۈچۈن
ئۇ سۇدا غۇسل قىلمىسۇن» دەپ كەلگەن.
[6] پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر كىشىدىن مۇنداق رىۋايەت
قىلىنىدۇ:«رەسۇلۇللاھ ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىدىن
ئاشقان سۇ بىلەن يۇيۇنۇشىنى ۋە ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشىدىن ئاشقان سۇ بىلەن
يۇيۇنۇشىنى چەكلىدى. ھەر-بىرى سۇنى سۇنى پەقەت ئۆزى ئوچۇملاپ ئالسۇن.»
(بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ بولۇپ، ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي توپلىغان)
[7] ئىبنى
ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەيمۇنە
(رەزىيەللاھۇ ئەنھا) دىن ئاشقان سۇدا يۇيۇندى.» بۇ ھەدىسنى ئىمام
مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. سۇنەن مۇئەللىپلىرى مۇنداق نەقىل قىلغان:
«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ خانىملىرىدىن بىرى چوڭ بىر چىلەكتىن سۇ ئېلىپ
يۇيۇندى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ چېلەكتىن سۇ ئېلىپ
يۇيۇنۇش ئۈچۈن كەلگىنىدە، ئايالى ‹مەن جۇنۇب ئىدىم› دېدى. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ‹سۇ جۇنۇب بولمايدۇ› دېدى.» تىرمىزى ۋە
ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن.
[8] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن:«ئىت بىرىڭلارنىڭ چىنە-قاچىسىنى يالاپ
قويسا، ئۇ چىنە-قاچا ئەڭ ئاۋۋالىدا تۇپراقتا سۈرتۈلۈش بىلەن يەتتە قېتىم يۇيۇلۇش
ئارقىلىق پاكلىنىدۇ.» بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. مۇسلىمنىڭ
يەنە بىر رىۋايىتىدە «ئىچىدىكىلەرنى تۆكسۇن»
دەپ كەلگەن. تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىدە «باشتىكى ياكى
ئاخىرقى پاكىزلىنىشى تۇپراقتا بولۇش بىلەن» دەپ كەلگەن.
[9] ئەبۇ
قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۈشۈك پاكتۇر. چۈنكى، ئۇ
ئاراڭلاردا ئايلىنىپ يۈرىدۇ.» بۇ ھەدىسنى تۆت ئىمام توپلىغان. تىرمىزى
ۋە ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن.
[10] ئەنەس
ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بەدەۋىيلەردىن بىرى كېلىپ، مەسجىدنىڭ بۇلۇڭىغا سىيىشكە
باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بەدەۋىيگە ئازار
بېرىش ئارقىلىق قىلمىشىدىن توسماقچى بولۇشتى.
بىراق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارنى پەيلىدىن توستى. بەدەۋىي
سىيىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر چېلەك ئېلىپ
كېلىشنى ۋە سۈيدۈكنىڭ ئۈستىگە تۆكۈلىشىنى بۇيرۇدى.» (بۇ بىرلىككە
كەلگەن ھەدىستۇر)
[بۇلۇغۇلمەرام
11- نومۇرلۇق ھەدىس] ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەرگە
پەقەت ئىككى ئۆلۈك ۋە ئىككى قان ھالال قىلىندى. ئىككى ئۆلۈك چېكەتكە بىلەن بېلىق.
ئىككى قان جىگەر بىلەن تال (نىڭ قېنىڭ).» (بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە
ئىبنى ماجە توپلىغان. ھەدىستە زەئىپلىك مەۋجۇت) بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكۈمى سەھىھ. بەيھەقى
سۇنەن كۇبرادا مەۋقۇف سەھىھ دېگەن. ئىبنى ھەجەر تەلخىسۇل خەبىردا ‹ھەدىسنى
داراقۇتنى رىۋايەت قىلغان، سەھىھ مەۋقۇف دېگەن. ئەلبانى مىشكاتتا ياخشى ھەدىس
دېگەن.
[12] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلارنىڭ ئىچىملىكىگە
چېۋىن چۈشسە، چىۋىننى ئىچىملىككە تولۇق پاتۇرۇۋېتىپ ئاندىن ئېلىۋەتسۇن. چۈنكى،
چېۋىننىڭ بىر قانىتىدا كېسەللىك، يەنە بىر قانىتىدا شىپا بار.» (بۇخارى
3320؛ ۋە ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)
[13] ئەبۇ
ۋاقىد لەيسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھايۋاننىڭ تىرىك
توختۇتۇپ كېسىۋالىنغان پارچىسى ئۆلۈك (كە ئوخشاش ھارام) دۇر.» (ئەبۇ
داۋۇد ۋە تىرمىزى توپلىغان. تىرمىزى ھەسەن دېگەن. ھەدىسنىڭ تېكىستى تىرمىزىنىڭ)
2-چېنە-قاچىلار
بۆلۈمى
[14] ھۇزەيفە
ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئالتۇن-كۆمۈش
چىنە-قاچىلاردا ئىچمەڭلار، بۇنداق چىنە-قاچىلاردا يېمەڭلار. چۈنكى، بۇلار دۇنيادا
ئۇلارنىڭ، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭدۇر.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان
ھەدىس)
[15] ئۇممۇ
سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كۆمۈش چىنە-قاچىدىن بىر
نەرسە ئىچكەن كىشى قارنىغا پەقەتلا ئوتنى تولدۇرىدۇ.» (بۇخارى ۋە
مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس)
[16] ئىبنى
ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تېرە ئاشلانغاندا پاكىزلانغان
بولىدۇ.»(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) تۆت ئىمامنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق
كەلگەن:
«قايسى
بىر تېرە ئاشلانسا پاكىزلانغان بولىدۇ.»
[17] سەلەمە
ئىبنۇل مۇھەببىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۆلۈك ھايۋانلارنىڭ
تېرىسى ئاشلاش بىلەن پاكىزلىنىدۇ.» (ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن)
[18]
مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر قوينىڭ سۆرەپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ «تېرىسىنى ئېلىۋالغان بولساڭلارچۇ» دېدى. ئۇ يەردىكىلەر
«ئۇ ئۆلۈك ھايۋان» دېدۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سۇ بىلەن قەرەز ئۇنى پاكلايدۇ» دېدى. (ھەدىسنى
ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي توپلىغان)
[19] ئەبۇ
سەئلەبە ئەلخۇسەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن «ئى
ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز بىر ئەھلى كىتاب قەۋمىنىڭ زېمىنىدا ياشايمىز. ئۇلارنىڭ
چېنە-قاچىلىرىدىن تاماق يېسەك بولامدۇ؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىدىن
يېمەڭلار. بىراق، باشقا چېنە-قاچا تاپالمىساڭلار ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ
چېنە-قاچىلىرىنى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن يەڭلار» دېدى. (ھەدىس بۇخارى ۋە
مۇسلىمنىڭ)
[20] ئىبران
ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ساھابىلىرى بىر
مۇشرىك ئايالنىڭ يوغان تۇلۇمىدىكى سۇدا تاھارەت ئالدى.» (ئۇزۇن بىر
ھەدىسكە تەئەللۇق بۇ ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
[21] ئەنەس
ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قاچىسىغا دەز
كەتتى. رەسۇلۇللاھ دەز كەتكەن يەرنى كۈمۈش سىم بىلەن ئەتتى.» (ھەدىس
بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
3-
نىجاسەتتىن پاكلىنىش بۆلۈمى
[22] ئەنەس
ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ھاراقتىن سىركە
چىقىرىشنىڭ ھۆكمى توغرۇلۇق سورالدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
‹بولمايدۇ› دېدى.»(ھەدىس بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزىنىڭ؛ تىرمىزى ھەسەن
سەھىھ دېگەن)
[23] يەنە
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: خەيبەر كۈنى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق
دېيىشنى بۇيرۇدى:«ئاللاھ ۋە رەسۇلى سىزلەرنى ئۆيدە
بېقىلىدىغان ئېشەكنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن چەكلەيدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ گۆشى نىجىس.»
(ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
[24] ئەمر
ئىبنى خارىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مىنادا تۆگىسىدە
تۇرۇپ بىزگە خىتاب قىلدى. ئۇ زاتنىڭ تۆگىسىنىڭ شالى مېنىڭ مۈرەمگە ئېقىپ تۇراتتى.»
(ھەدىس ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزىنىڭ. تىرمىزى ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)
[25] ئائىشە
رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىيىمىدىكى مەنىينى يۇياتتى، ئاندىن شۇ كىيىمى بىلەن
نامازغا چىقاتتى. مەن كىيىمىدىكى يۇيۇلغان ئىزنى كۆرەتتىم.» (ھەدىس
بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
مۇسلىمنىڭ
رىۋايىتى مۇنداق:
«مەن
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كىيىمىدىكى مەنىينى ياخشى ئۇۋىلايتتىم.
ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇ كىيىمى بىلەنلا ناماز قىلاتتى.»
مۇسلىمنىڭ
يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:
«كىيىمىدىكى
مەنىي قۇرۇق بولسا، مەنىينى تىرنىقىم بىلەن تاتىلاپ چىقىرىۋېتەتتىم.»
[26] ئەبۇ
سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قىز بوۋاقنىڭ سۈيدىكى
يۇيۇلىدۇ. ئەركەك بوۋاقنىڭ سۈيدۈكىگە سۇ تۆكۈلىدۇ.» (ھەدىس ئەبۇ داۋۇد
ۋە نەسائىينىڭ؛ ھاكىم سەھىھ دېگەن)
[27] ئەبۇ
بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت
قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەيز قېنى تېگىپ قالغان
كىيىمنىڭ قانداق پاكىزلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:«قان ئاۋۋال ياخشى ئۇۋلىنىدۇ، ئاندىن كىيىمگە سۇ سېكىپ
سىقىلىدۇ؛ ئاندىن، سۇ بىلەن يۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىيىمدە ناماز ئوقۇلىدۇ.»(ھەدىس
بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
[28] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ھەۋلە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «ئى رەسۇلۇللاھ! شۇنىڭدىمۇ قان ئىزى
يوقىمىسىچۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سۇ بىلەن يۇيۇشۇڭ سەن ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. قان ئىزىنىڭ
قېلىشىنىڭ ساڭا ھېچ زىيىنى يوق» دېدى. (ھەدىس تىرمىزىنىڭ؛ سەنەدى
زەئىپ)
4-تاھارەت
بۆلۈمى
[29] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق
كەلمىسۇن دېسەم، ئۇلارنى ھەر تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇيتتۇم»
(ھەدىس ئىمام مالىك، ئىمام ئەھمەد ۋە نەسائىينىڭ؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن؛
بۇخارى مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان)
[30] ئۇسمان
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن قۇلى خۇمراندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاھارەت ئالماق ئۈچۈن سۇ كەلتۈردى.
ئاۋۋال قوللىرىنى ئۈچن قېتىم يۇدى. ئاندىن ئاغزىغا سۇ ئېلىپ چايقىدى. ئاندىن
بۇرنىغا سۇ ئېلىپ چىقاردى. ئاندىن يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن ئوڭ قولىنى
جەينىكىگىچە ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن سول قولىنىمۇ ئوڭ قولىغا ئوخشاش يۇدى. ئاندىن
بېشىغا مەسىھ قىلدى. ئاندىن ئوڭ پۇتىنى ھوشۇقىغىچە قېتىم يۇدى. ئاندىن سول
پۇتىنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يۇدى. ئاندىن «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەمنىڭ مېنىڭ ئالغىنىمدەك تاھارەت ئالغىنىنى كۆردۈم» دېدى. (بۇخارى
ۋە مۇسلىم؛ بۇلۇغۇلمەرام 30-نومۇرلۇق ھەدىس)
[31] ھەزىرتى
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ باشقا مەسىھ
قىلىش شەكلىنى بايان قىلىپ «... ۋە بېشىغا بىر قېتىم
مەسىھ قىلدى...» دېگەن. (بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، نەسائىي ۋە تىرمىزى
توپلىغان. نەسائىي بىلەن تىرمىزى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. ھەتتا ئىمام تىرمىزى بۇ
ھەدىسنىڭ مۇشۇ مەزمۇندىكى ئەڭ سەھىھ ھەدىس ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ‹بۇلۇغۇلمەرام›
31-نومۇرلۇق ھەدىس)
[32]
ئابدۇللاھ
ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھنىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلى توغرىسىدا
مۇنداق بايان قىلىنغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم قوللىرىنى (بېشىنىڭ) ئالدىدىن ئارقىسىغا ماڭغۇزۇپ بېشىغا مەسىھ
قىلدى.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
بۇخارى ۋە
مۇسلىمنىڭ باشقا رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:
«(پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېىشغا مەسىھ قىلسا) ئىككى قولىنى بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن
ئارقىسىغىچە ئاپىراتتى، ئاندىن ئارقىسىغا ياندۇرۇپ باشلىغان جايىغا قايتۇرۇپ كېلەتتى.» (ئىمام بۇخارى
185-نومۇرلۇق ھەدىس؛ ۋە مۇسلىم توپلىغان ھەدىس؛ بۇلۇغۇلمەرام 32-نومۇرلۇق ھەدىس)
[33] ئابدۇللاھ
ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت
ئېلىش شەكلىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:«ئاندىن پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېشىغا مەسىھ قىلدى ۋە كۆرسەتكۈچ بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا
تىقتى. باش بارماقلىرى بىلەن قۇلاقلىرىنىڭ سىرتىغا مەسىھ قىلدى.» (بۇھەدىسنى
ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىمام نەسائىي توپلىغان. ئىمام ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن. بۇلۇغۇلمەرام
33-نومۇرلۇق ھەدىس)
[34] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار ئۇيقۇدىن
ئويغانغىنىدا ئۈچ قېتىم مىشقىرسۇن. چۈنكى، شەيتان ئۇنىڭ بۇرنىدا كېچىنى
ئۆتكۈزىدۇ.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
[35] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغىنىدا قوللىرىنى ئۈچ قېتىم
يۇمىغۇچە سۇ بار ئەسۋابقا قولىنى تىقمىسۇن. چۈنكى، قولىنىڭ نەدە كېچىلىگىنىنى
بىلمەيدۇ.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ؛ ھەدىسنىڭ لەۋزى مۇسلىمنىڭ)
[36] لەقىيت
ئىبنى سەبرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاھارەتنى ئەڭ
مۇكەممەل شەكىلدە ئال. بارماقلىرىڭنىڭ ئارىسىنى ئارىلا. ئەگەر روزىدار بولمىساڭ
بۇرنۇڭغا مول سۇ ئېلىپ پاكىزلا.» (ھەدىس تۆت ئىمامنىڭ؛ ئىبنى خۇزەيمە
سەھىھ دېگەن)
ئەبۇ
داۋۇدنىڭ بىر رىۋايىتىدە مۇنۇ ئىپادە ئارتۇق كەلگەن:
«تاھارەت
ئالغىنىڭدا ئاغزىڭغا سۇ ئېلىپ چايقا.»
[37] ئوسمان
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئالسا ھۆل بارمىقى بىلەن ساقىلىنى ئارىلايتتى.»
(تىرمىزى توپلىغان، ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن. بۇلۇغۇلمەرام 37-نومۇرلۇق ھەدىس)
[38]
ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر مۇد
مىقدارىدىكى سۇنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى (تەخمىنەن 0.460 لېتىر-يېرىم لېتىردىن سەللا
كام) مىقداردىكى سۇ كەلتۈرۈلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ سۇدا
تاھارەت ئېلىپ بېلەكلىرىنى ئۇۋۇلاپ يۇدى.» (ھەدىس ئىمام ئەھمەدنىڭ؛
ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن)
[39] يەنە
ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قۇلىقىغا مەسىھ
قىلىش ئۈچۈن بېشىغا مەسىھ قىلغان سۇدىن باشقا سۇ ئالغانلىقىنى كۆردۈم.»
(ھەدىس بەيھەقىنىڭ؛ بەيھەقى سەھىھ دېگەن؛ تىرمىزىمۇ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)
مۇسلىم بۇ
ھەدىسنى ئوخشاش سەنەدت بىلەن مۇنداق رىۋايەت قىلغان:
«قولىدىن
ئاشقان سۇدىن باشقا سۇ بىلەن بېشىغا مەسىھ قىلدى.» (ھەدىسنىڭ
مەھفۇر بولغىنى مۇشۇ رىۋايەتتۇر)
ئىمام ئىبنى
قەييىم مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قۇلىقىنى مەسىھ
قىلىش ئۈچۈن قوللىرىغا يېڭىدىن سۇ ئالغىنى سابىت ئەمەس. ئەمما، ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇنىڭ مۇشۇنداق قىلغىنى سەھىھ يول بىلەن يېتىپ كەلگەن.(سەفىيۇررەھمان مۇبارەكفۇرى-بۇلۇغۇلمەرام
شەرھى، 39-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھىسى)
[40] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قىيامەت كۈنى ئۈممىتىم
تاھارەت ئىزى سەۋەبلىك يۈز، بىلەك ۋە پۇتلىرى ئاپئاق نۇرلۇق شەكىلدە كېلىدۇ. ئۇ
ھالدا سىلەردىن كىم بۇ پارلاقلىقنى ئاشۇرالاشقا قادىر بولسا شۇنداق قىلسۇن.»
(ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ؛ ھەدىسنىڭ تېكىستى مۇسلىمغا تەۋە)
[41] ئائىشە
رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئايىقىنى كىيىشتە، چېچىنى تاراشتا، پاكىزلىنىشىدا ۋە
ھەممە ئىشىدا ئوڭدىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى.» (ھەدىس بۇخارى ۋە
مۇسلىمنىڭ)
[42] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن:«تاھارەت ئالغاندا (ئەزالارنى يۇيۇشنى)
ئوڭ تەرەپتىن باشلاڭلار.» (تۆت ئىمام رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ
دېگەن؛ بۇلۇغۇلمەرام 42-نومۇرلۇق ھەدىس)
[43]
مۇغىيرە ئىبنى شۇئبەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئالدى.
ماڭلاي چېچىغا، سەللىسىگە ۋە پايپىقىغا مەسىھ قىلدى.» (مۇسلىم)
[44] جابىر
ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەج
قىلىش شەكلىنى بايان قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى
ئېيتقان:«ئاللاھنىڭ باشلىغىنى بىلەن باشلاڭلار.»
(نەسائىي بۇ ھەدىسنى مۇشۇ شەكىلدىكى بۇيرۇق شەكلىدە رىۋايەت قىلغان؛ مۇسلىم خەۋەر
شەكلى بىلەن رىۋايەت قىلغان)
[45] يەنە
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئالغىنىدا
سۇنى جەينەكلىرىنىڭ ئۈستىگىچە چىقىراتتى.» (ھەدىسنى داراقۇتنى زەئىپ
سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان)
[46] [47]
[48] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاھارەت ئالغاندا
ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلمىغان (يەنى بىسمىللاھ دېمىگەن) كىشىنىڭ تاھارىتى
يوقتۇر.» (ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە زەئىپ سەنەد
بىلەن رىۋايەت قىلغان؛ تىرمىزى سەئىد ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ۋە ئەبۇ
سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىسنى نەقىل قىلغان. ئىمام ئەھمەد
ھەدىس ھەققىدە «بۇ مەزمۇندا قوبۇل قىلىنىدىغان كەسكىن رىۋايەت يوق» دېگەن)
[49] تەلھە
ئىبنى مۇسەررىف رەھىمەھۇللاھ دادىسىدىن، ئۇ چوڭ دادىسىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاغزىغا ۋە
بۇرنىغا ئايرىم ئايرىم سۇ ئالغىنىنى كۆردۈم.» (ئەبۇ داۋۇد زەئىپ سەنەد
بىلەن رىۋايەت قىلغان)
[50] ئەلى
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىش
شەكلىنى مۇنداق بايان قىلغان:«...ئاندىن پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا ئۈچ قېتىم سۇ ئالدى. قولىدىكى
سۇدا ھەم ئاغزىنى ۋە ھەم بۇرنىنى چايقايتتى.» (ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي)
[51] ئابدۇللاھ
ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت
ئېلىش شەكلىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:«...
ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (قولىغا) سۇ ئالاتتى، بىر چاڭگال
سۇ بىلەن ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا سۇ بېرەتتى، بۇنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايتتى.»
(بۇخارى ۋە مۇسلىم)
بۇھەدىس
ھەققىدە مۇھەددىس شەيخ سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى مۇنداق دېگەن دېگەن: قولىدىكى
بىر ئالقان سۇ بىلەن ھەم ئاغزىغا، ھەم بۇرنىغا سۇ ئالاتتى. تەلھە ئىبنى
مۇسەررىفنىڭ «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا
ئايرىم-ئايرىم سۇ ئېلىپ (چايقىغىنىنى) كۆردۈم» (بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد
رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇلمەرامنىڭ 49-نومۇرلۇق ھەدىسىدە بۇ
ھەدىسنى زەئىپ (ئاجىز) دەپ باھالىغان) دېگەن بۇ ھەدىسىدىكى مۇسەررىفنىڭ كىم
ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەدىس زەئىپتۇر. سۇبۇلۇسسالامنىڭ ئاپتورى
ئىمام سەنئانى مۇنداق دېگەن: ئېغىز ۋە بۇرۇنغا بىرلىكتە ياكى ئايرىم-ئايرىم سۇ
ئېلىش توغرىسىدا پەرقلىق رىۋايەتلەر بولغانلىقى، ئېغىز بىلەن بۇرۇنغا بىرلىكتە سۇ
ئېلىش توغرىسىدىكى ھەدىسنىڭ تېخىمۇ سەھىھ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىككىلى ئەھۋال سۈننەت
ھېسابلىنىدۇ. (بۇلۇغۇلمەرام شەرھى، 51-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى)(شەرھ تەرجىمىسى چالا)
[52] ئەنەس
ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پۇتىنىڭ
تىرناقچىلىك يېرىگە سۇ تەگمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا «قايتىپ بېرىپ
تاھارىتىڭنى مۇكەممەل ئال» دېدى. (ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي)
[53] يەنە
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر مۇد (تەخمىنەن
يەتتە يۈز گرام) سۇدا تاھارەت ئالاتتى. بىر سائ (تەخمىنەن 2750 گرام) دىن بەش مۇد
(تەخمىنەن 3450 گرام) قىچە سۇدا يۇيۇناتتى.»(بۇخارى ۋە مۇسلىم)
[54] پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن
كىمكى ياخشى تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن ‹ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، ئۇنىڭ
بىرلىكىگە ۋە شېرىكى يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ
ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە رەسۇلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن› دېسە، جەزمەنكى، ئۇ كىشى
ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ.»(بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم ۋە
تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. بۇلۇغۇلمەرام 54-نومۇرلۇق ھەدىس)
تىرمىزىنىڭ
رىۋايىتىدە مۇنۇ لەۋز ئارتۇق كەلگەن:
«ئى
ئاللاھىم! مېنى كۆپ تەۋبە قىلغان ۋە پاكلانغانلار قاتارىدىن قىلغىن.»
5-پايپاق
ۋە مەيسىلەرگە مەسىھ قىلىش بۆلۈمى
[55] مۇغىيرە
ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىللە ئىدىم.
تاھارەت ئالماقچى بولغىنىدا ئاياق كىيىمىنى سالدۇرۇش ئۈچۈن ئېگىلدىم. بىراق، ئۇ
زات ماڭا «ئۇلارنى ئۆز پېتى قويغىن. چۈنكى، ئۇلارنى پاكىز پۇتۇمغا كىيگەنمەن» دېدى
ۋە پايپاق-مەيسىسىگە مەسىھ قىلدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
[56]
نەسائىيدىن باشقا تۆت ئىمامنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پايپاق-مەيسىسىنىڭ ئۈستىگە
ۋە ئاستىغا مەسىھ قىلدى.» (بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى زەئىپ)
[57] ئەلى
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«ناۋادا
دىننى ئەقىل ۋە چۈشەنچىگە ئاساسلانغان بولسىدى، ئاياق
كىيىمىنىڭ ئاستىغا مەسىھ قىلىش ئۈستىگە مەسىھ
قىلىشتىن ئەلا ھېسابلانغان بولاتتى. بىراق، مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەمنىڭ ئاياق كىيىمىنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلغىنىنى كۆردۈم.» (ئەبۇ
داۋۇد ھەسەن سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان)
[58] سەفۋان
ئىبنى ئەسسال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن سەپەردە
بولغىنىمىزدا ئۇ زات بىزگە جۇنۇبلۇق ھالىتىمىزدىن سىرتقى ئۇخلاش، چوڭ-كىچىك تەرەت
قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن (تاھارىتىمىز سۇنغان تەقدىردىمۇ) ئاياق كىيىمىمىزنى ئۈچ
كېچە-كۈندۈز سالماسلىقىمىزنى (ئاياق كىيىمىمىزگە مەسىھ قىلىشنى) بۇيرۇيتتى.»
(ھەدىس نەسائىي ۋە تىرمىزىنىڭ؛ تېكىستى تىرمىزىنىڭ؛ تىرمىزى ۋە ئىبنى خۇزەيمە بۇ
ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)
[59]
ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇساپىرغا ئۈچ
كېچە-كۈندۈز؛ مۇساپىر بولمىغانلارغا بىر كېچە-كۈندۈز ئاياق كىيىمىگە مەسىھ قىلىش
مۇددىتىنى بەلگىلەپ بەردى.» (مۇسلىم)
[60] سەۋبان
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر قوشۇن ھازىرلاپ ئۇلارغا سەللىسىگە ۋە ئاياق كىيىمىگە مەسىھ
قىلىشنى بۇيرۇدى.» (ھەدىس ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇدنىڭ؛ ھاكىم سەھىھ
دېگەن)
[61][62]
ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مەۋقۇف، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مەرفۇئ ھالەتتە
مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان:«سىلەردىن بىرىڭلار
تاھارەت ئېلىپ پۇتىغا مەيسە-پايپاق كىيسە، (كىيىنكى قېتىم تاھارەت ئالغاندا) ئۇنىڭ
ئۈستىگە مەسىھ قىلسۇن. ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسۇن ۋە خالىسا جۇنۇبلۇق ھالىتىدىن
باشقىسىدا ئۇلارنى پۇتىدىن سالمىسۇن.» (ھەدىس داراقۇتنى ۋە ھاكىمنىڭ؛
ھاكىم سەھىھ دېگەن)
[63] ئەبۇ
بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پۇتىغا تاھارەتلىك ھالدا ئاياق كىيىمى كىيگەن
مۇساپىرغا ئۈچ كېچە-كۈندۈز، يولۇچى بولمىغانلارغا بىر كېچە-كۈندۈز ئاياق كىيىمىگە
مەسىھ قىلىش رۇخسىتى بەردى.» (ھەدىس داراقۇتنىنىڭ؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ
دېگەن)
[64] ئۇبەي
ئىبنى ئىمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاياق كىيىمىمگە مەسىھ قىلايمۇ؟»
دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئەلۋەتتە» دېدى. مەن «بىر
كۈن مۇددەت ئىچىدىمۇ؟» دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «شۇنداق»
دېدى. مەن «ئىككى كۈن مۇددەت ئىچىدىمۇ؟» دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم «شۇنداق» دېدى. مەن «ئۈچ كۈن مۇددەت ئىچىدىمۇ؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «شۇنداق، سەن خالىغان مۇددەت» دېدى.
(ھەدىس ئەبۇ داۋۇدنىڭ؛ ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى ئاجىز دېگەن)
6-
تاھارەتنى بۇزىدىغان ئىشلار بۆلۈمى
[65] ئەنەس
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ زامانىدا ساھابىلەر خۇپتەن نامىزىنى ساقلايتتى،
شۇ ھالىتىدە باشلىرى (مۈگىدەك سەۋەبىدىن) ساڭگىلاپ كېتەتتى. ئاندىن (رەسۇلۇللاھ
ناماز ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن چىققاندا) تاھارەت ئالماستىنلا ناماز ئوقۇيتتى.»
(ھەدىس ئەبۇ داۋۇدنىڭ؛ داراقۇتنى سەھىھ دېگەن؛ ھەدىسنىڭ ئەسلى مۇسلىمدا بار)
[66] ئائىشە
رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: فاتىمە
بىنتى ئەبۇ خۇبەيش (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ
يېنىغا كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن ئىستىھازە كېسىلى بولغان ئايالمەن. بۇ
سەۋەبلىك پاك بولالمايمەن. (شۇنداق بولغاندىكىن) ناماز ئوقۇمايمۇ؟» دەپ سورىدى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ياق، بۇ ھەيز قېنى ئەمەس تومۇردىن كەلگەن
قاندۇر. ھەيز قېنى كەلگەندە ناماز ئوقۇماڭ. ھەيز قېنى توختىغاندا، تومۇردىن كەلگەن
قاننى يۇيۇڭ ۋە ناماز ئوقۇڭ» دېدى. (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
بۇخارىنىڭ
رىۋايىتىدە «كېيىن ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىڭ»
دەپ كەلگەن. مۇسلىم ئۆزىنىڭ بۇ لەۋزىنى قەستەن بايان قىلمىغانلىقىغا ئىشارەت
قىلغان.
[67] ئەلى
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن
كۆپ مەزى كېلىدىغان ئادەم ئىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بۇنىڭ
ھۆكۈمىنى سوراش ئۈچۈن مىقداد (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن ئۆتۈندۈم. ئۇ پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
«(مەزىي كەلگەن كىشى) پەقەتلا تاھارەت ئالىدۇ» دەپتۇ. (ھەدىس بۇخارى ۋە
مۇسلىمنىڭ؛ تېكىستى بۇخارىنىڭ)
[68] ئائىشە
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللىرىدىن بىرىنى سۆيدى. ئاندىن تاھارەت
ئالماستىنلا نامازغا چىقتى.» (ھەدىس ئىمام ئەھمەدنىڭ؛ بۇخارى زەئىپ
دېگەن)
[69] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار قورسىقىدا بىر
نەرسە ھېس قىلسا ۋە (مەئقىتىدىن) بىر نەرسىنىڭ چىققان ياكى چىقمىغانلىقىدا
شۈبھىلەنسە، ئاۋازنى ئاڭلىمىغۇچە ياكى بىرەر پۇراقنى پۇرىمىغۇچە مەسجىدتىن
چىقمىسۇن.» (مۇسلىم)
[70] تەلق
ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىرەيلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «مەن
جىنسىي ئەزايىمنى تۇتتۇم» ياكى «نامازدا جىنسىي ئەزاسىنى تۇتقان كىشى تاھارەت
ئېلىشى كېرەكمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ياق، ئۇ
سېنىڭ بىر پارچاڭدۇر» دېدى. (ھەدىسنى بەش ئىمام توپلىغان؛ ئىبنى ھىببان
سەھىھ دېگەن؛ ئىبنى مەدىينى ھەدىس توغرۇلۇق ‹بۇ ھەدىس بۇسرا ھەدىسىنىڭ ئەڭ
گۈزىلىدۇر› دېگەن)
[72] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت
قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ناماز ئوقۇۋاتقىنىدا بۇرنى قانىسا، ئاغزىغا بىر نەرسە
يېنىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئاشقازىنى بىئارام بولسا ياكى مەزىي كېلىپ كەتسە نامازنى
قويۇپ، بېرىپ تاھارەت ئالسۇن. ئاندىن ھېچبىر گەپ قىلماستىن كېلىپ نامىزىنى كەلگەن
يېرىدىن داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇسۇن.» (ھەدىس ئىبنى ماجەنىڭ؛ ئىمام ئەھمەد
ۋە باشقىلار ھەدىسنى زەئىپ دېگەن)
[73] جابىر
ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر
ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «قوي گۆشى يېگەنلىكىم ئۈچۈن
تاھارەت ئالىمەنمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «خالىساڭ
ئال» دەپ بۇيرۇدى. ئۇ ئادەم «تۆگە گۆشى (يېيىش) سەۋەبلىك تاھارەت ئالىمەنمۇ؟» دەپ
سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ھەئە، تاھارەت ئالىسەن» دېدى.
(ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر-بۇلۇغۇلمەرامنىڭ 73-نومۇرلۇق
ھەدىسى)
ئەللامە
ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دەيدۇ: تۆگىنىڭ گۆشىنى يېيىش بولسۇن، ئىچكى ئەزالىرىنى بولسۇن،
ياكى باشقا يېرىنى يېيىش بولسۇن ئوخشاشلا تاھارەتنى بۇزىدۇ. (فەتۋا ئەركانۇل
ئىسلام 1\347)
[74] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم بىر ئۆلۈكنى يۇيسا،
ئۆزىنىمۇ يۇسۇن. كىم بىر ئۆلۈكنى كۆتۈرسە تاھارەت ئالسۇن.» (ھەدىس
ئىمام ئەھمەد، نەسائىي ۋە تىرمىزىنىڭ؛ تىرمىزى ھەسەن دېگەن. ئىمام ئەھمەد ‹بۇ
ھەقتە سەھىھ رىۋايەت يوق› دېگەن)
[75]
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ بەكر رەھىمەھۇللاھتىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەمر ئىبنى
ھەزمگە ئەۋەتكەن مەكتۇبىدا مۇنداق يېزىلغان:«قۇرئاننى پاك بولغاندىن باشقا كىشى
تۇتمىسۇن.» (ھەدىسنى ئىمام مالىك مۇرسەل ھالەتتە رىۋايەت قىلغان؛
نەسائىي ۋە ئىبنى ھىببان مەۋسۇل ھالەتتە رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىس مەئلۇل
ھەدىستۇر)
[76] ئائىشە
رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەممە ھالىتىدا ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى.»
(ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان؛ بۇخارى مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان)
[77] ئەنەس
ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قان ئالدۇردى ۋە
تاھارەت ئالماستىن ناماز ئوقۇدى.» (ھەدىسنى داراقۇتنى رىۋايەت قىلىپ،
زەئىپ دېگەن)
[78][79][80]
مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «كۆز مەقئەتنىڭ بوغۇچىدۇر. كۆزلەر ئۇخلىغاندا بوغۇش
يېشىلىدۇ.» (ھەدىس ئىمام ئەھمەد ۋە تەبرانىنىڭ)
تەبرانىنىڭ
رىۋايىتىدە مۇنۇ لەۋز ئارتۇق كەلگەن:
«كىم
ئۇخلىسا تاھارەت ئالسۇن.» (ھەدىستىكى بۇ
ئارتۇقلۇق ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىگە ئوخشاش «باغ يېشىلىدۇ» ئىپادىسى يوق ھالەتتە
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتى سۈپىتىدە يەر ئالغان. بىراق ھەر ئىككى
رىۋايەتنىڭ ئىسنادى زەئىپ)
ئەبۇ داۋۇد
ئىبنى ئابباستىن مەرفۇئ ھالەتتە مۇنداق رىۋايەت قىلغان:
«تاھارەت
ئېلىش سوزۇلۇپ ياتقان كىشى ئۈچۈندۇر.» (بۇ
ھەدىسنىڭ سەنەدىدە زەئىپلىك بار)
[81][82][83][84]
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار ناماز
ئوقۇۋاتقاندا شەيتان يېنىغا كېلىپ ئارقىسىغا پۈۋلەيدۇ. ئۇ تاھارىتىم بۇزۇلدى دەپ
ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە تاھارىتى بۇزۇلغان بولمايدۇ. ئەگەر بىرىڭلار بۇنداق
ئەھۋالغا دۇچ كەلسە ئاۋازنى ئاڭلىمىغۇچە ياكى پۇراقنى پۇرىمىغۇچە نامىزىدىن
ئايرىلمىسۇن.» (ھەدىسنى بەززار توپلىغان)
ھەدىسنىڭ
ئەسلى بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ئابدۇللاھ ئىبنى زەيدتىن رىۋايەت قىلىنغان.
مۇسلىم بۇ
ھەدىسنىڭ ئوخشىشىنى ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلغان.
ھاكىم ئەبۇ
سەئىدتىن مەرفۇئ ھالەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق
دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:
«شەيتان
بىرىڭلارغا كېلىپ ‹تاھارىتىڭ بۇزۇلدى› دېسە، شەيتانغا ‹يالغان سۆزلىدىڭ› دېسۇن.» (ئىبنى
ھىببان بۇ ھەدىسنى «ئۆزۈڭ شۇنداق دەۋالدىڭ»
لەۋزى بىلەن رىۋايەت قىلغان)
7-ھاجەت
سۇندۇرۇش ئەدەپلىرى بۆلۈمى
[85]
ئەنەس ئىبنى
مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خالاغا
كىرىدىغاندا ئۈزۈكىنى ئېلىۋېتەتتى.»(تۆت ئىمام توپلىغان؛ بۇ ھەدىس مەئلۇل)
[86] يەنە ئەنەس ئىبنى
مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خالاغا كىرىدىغاندا
‹ئى ئاللاھىم! ئەركەك ۋە چىشى شەيتانلاردىن ساڭا سېغىنىمەن.»(يەتتە
ئىمام توپلىغان)
شەرھ: بىلىنىشى كېرەككى، ھاجەت قىلىنماقچى
بولغان جاي چاتقاللىق ياكى ئەتراپى ئېتىك يەر بولسا، بۇ دۇئا ئۇ يەرگە كىرگەندىن
كېيىن ئەمەس، كىرىشتىن ئاۋۋال ئوقۇلىدۇ. ئەگەر ئوچۇقچىلىق بولسا، ئولتۇرۇشتىن
ئاۋۋال كىيىمنى سىيرىيدىغاندا ئوقۇلىدۇ.
[87] يەنە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاجەت قىلىش ئۈچۈن خالاغا چىققاندا مەن ۋە مەندەك
بىر بالا سۇ تۇلۇمى بىلەن ئۇچىدا تۆمۈرى بار تاياقنى ئېلىپ كەينىدىن باراتتۇق.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇ سۇدا ئىستىنجا قىلاتتى.» (بۇخارى
ۋە مۇسلىم؛ بۇلۇغۇلمەرام 87-نومۇرلۇق ھەدىس)
[88] مۇغىيرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم ماڭا ‹سۇ تۇلۇمىنى ئال!› دېدى ۋە مەن كۆرمىگۈدەك دەرىجىدە ماڭغاندىن
كېيىن ھاجىتىنى سۇندۇردى.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
شەرھ: «مەن كۆرمىگۈدەك دەرىجىدە» يەنى مەندىن
يوشۇرۇنۇپ، مەن كۆرەلمەيدىغان ھالەتتە ھاجىتىنى سۇندۇردى.
[89]\[92] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«لەنەتكە قالىدىغان ئىككى ئىشتىن ئۇزاق تۇرۇڭلار. بۇلار،
ئىنسانلار ماڭىدىغان يوللارغا ياكى سايىدايدىغان يەرلەرگە ھاجەت قىلغۇچىلاردۇر.»
(مۇسلىم)
ئىمام ئەبۇ داۋۇد مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
قىلغان رىۋايەتتە «ۋە سۇ بويىدا» دېگەن لەۋز ئارتۇق كەلگەن. ئەبۇ داۋۇدنىڭ
رىۋايىتى مۇنداق:
«لەنەت قىلىنغان ئۈچ يەردىن
ساقلىنىڭلار. بۇلار ھاجەت سۇندۇرۇلغان سۇ بويى، يول ياقىسى ۋە سايىلىك جايلاردۇر.»
ئىمام ئەھمەدنىڭ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن قىلغان رىۋايىتىدە «ياكى سۇ يىغىلىدىغان يەرلەر» دەپ كەلگەن. يۇقارقى
ئىككىلى رىۋايەت زەئىپ.
ئىمام تەبرانى ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مېۋىلىك
دەرەخنىڭ ئاستىغا ۋە ئاقار سۇ بويىغا ھاجەت قىلىشنى چەكلىگەنلىكى بايان قىلىنغان.
بىراق، بۇ رىۋايەتنىڭمۇ سەنەدى زەئىپتۇر.
[93] جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېگەن:«ئىككى كىشى ھاجەت قىلماقچى بولغىنىدا ھەر
بىرى ھەمراھىدىن يوشۇرۇنسۇن ۋە بىر بىرى بىلەن گەپلەشمىسۇن. چۈنكى، ئاللاھ بۇنداق
قىلىنىشىدىن قاتتىق غەزەبلىنىدۇ.» (ئىمام ئەھمەد رىۋيەت قىلغان؛ ئىبنۇس
سەكەن ۋە ئىبنۇل قەتتان سەھىھ دېگەن؛ بىراق، بۇ ھەدىس مەئلۇل)
[94] ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن ھېچكىم سىيىۋاتقىنىدا زەكىرىنى ئوڭ قولى بىلەن
تۇتمىسۇن؛ تەرەت قىلىپ بولۇپ ئوڭ قولى بىلەن پاكلانمىسۇن؛ سۇ ئىچكەن چىنىگە
تىنمىسۇن-پۈۋلىمىسۇن.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم؛ تېكىستى مۇسلىمنىڭ)
[95] سالمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق
رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم بىزنى سىيگەن ۋە تەرەت قىلغان چېغىمىزدا قىبلىگە ئالدىمىزنى قىلىشتىن؛
ئوڭ قولىمىز بىلەن ياكى ئۈچتىن ئاز تاش بىلەن ياكى تېزەك ۋە سۆڭەك بىلەن
پاكلىنىشتىن چەكلىدى.» (مۇسلىم)
[96] يەتتە ئىمام ئەبۇ ئەييۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىيگەن ياكى تەرەت قىلغاندا ئالدىڭلارنى ياكى ئارقاڭلارنى قىبلىگە
قىلماڭلار؛ شەرق ياكى غەربكە يۈزلىنىڭلار.»
[97] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق
رىۋايەت قىلىنغان:«كىم ھاجەت سۇندۇرۇش ئۈچۈن چىقسا
يوشۇرۇنسۇن.» (ئەبۇ داۋۇد)
[98] يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق
رىۋايەت قىلىنغان: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بولۇپ چىققنىدا ‹غۇفرانەكە›(مېنى مەغفىرەت قىلغىن)
دەيتتى.» (ھەدىسنى بەش ئىمام توپلىغان؛ ئەبۇ ھاتىم ۋە ھاكىم سەھىھ
دېگەن)
[99] ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق
رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم ھاجىتىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن چىقتى ۋە ماڭا ئۆزى ئۈچۈن ئۈچ تال تاش
ئەكىلىشىمنى بۇيرۇدى. مەن ئىككى تال تاش تاپقان بولساممۇ، ئۈچىنچىسىنى تاپالماي،
ئۇنىڭ ئورنىغا تېزەك ئەكەلدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىككى تال
تاشنى ئالدى، تېزەكنى ئاتتى ۋە ‹نىجىستۇر› دېدى.» ھەدىسنى ئىمام بۇخارى
توپلىغان. ئىمام ئەھمەد ۋە داراقۇتنىنىڭ رىۋايىتىدە «ماڭا
باشقىسىنى ئەكەلگىن» دەپ كەلگەن.
[100] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق
رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم بىزنىڭ سۆڭەك ياكى تېزەك بىلەن پاكلىنىشىمىزنى چەكلەپ، «بۇ ئىككىسى
پاكلىمايدۇ» دېدى. (داراقۇتنى رىۋايەت قىلىپ سەھىھ دېگەن)
[101] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سۈيدۈكتىن ساقلىنىڭلار. چۈنكى، ئۇ قەبرە ئازابىنىڭ ئاساسلىق
سەۋەبىدۇر.» ھەدىسنى داراقۇتنى توپلىغان. ھاكىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق
كەلگەن:
«قەبىر ئازابىنىڭ زور كۆپچىلىكى
سۈيدۈكتىندۇر.» بۇ
رىۋايەتنىڭ ئىسنادى سەھىھ.
[102] سۇراقە ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزگە خالادا سول پۇتىمىزغا تايىنىپ ئولتۇرۇشنى ۋە ئوڭ
پۇتىمىزنى تىكلەپ ئولتۇرۇشنى ئۆگەتتى.» ھەدىسنى بەيھەقى زەئىپ سەنەد
بىلەن رىۋايەت قىلغان.
[103] ئىسا ئىبنى يەزداد دادىسىدىن مۇنداق
رىۋايەت قىلىدۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار سىيىپ بولۇپ، زەكىرىنى ئۈچ قېتىم سىقىۋەتسۇن.»
ھەدىسنى ئىبنى ماجە زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان.
[104]\[105] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم قۇبا خەلقىدىن «ئاللاھ سىلەرنى نېمىشقا ماختايدۇ؟» دەپ سورىدى.
ئۇلار «بىز تاش بىلەن پاكلىنىپ، ئارقىدىن سۇ بىلەن پاكلىنىمىز» دېدى.
بۇ ھەدىسنى بەززار زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان. بىراق، ھەدىسنىڭ ئەسلى ئەبۇ
داۋۇد ۋە تىرمىزىدا بار. ئىبنى خۇزەيمە بۇ ھەدىسنى تاش ئىپادىسى يوق ھالەتتە ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ۋە سەھىھ دېگەن.
8-غۇسل ۋە جۇنۇبلۇق بۆلۈمى
[106] ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سۇ (بىلەن يۇيۇنۇش) ـــ سۇ (يەنى مەنىي) سەۋەبلىك كېرەك
بولىدۇ.» ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ئەسلى بۇخارىدا بار.
[107] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن بىرىڭلار ئايالىنىڭ تۆت پاچىقى ئارىسىدا ئولتۇرۇپ
غەيرەت سەرىپ قىلسا ئۇنىڭغا غۇسل قىلىش ۋاجىب بولىدۇ.» ھەدىس بۇخارى ۋە
مۇسلىمنىڭ. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە «مەنىي چىقمىغان
تەقدىردىمۇ» دەپ ئارتۇق كەلگەن.
[108] (مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى) ئۇممۇ سەلەمە
رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:
ئەبۇ تەلھەنىڭ ئايالى ئۇممۇ سۇلەيم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «ئى
ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! شۈبىھسىزكى، ئاللاھ ھەقتىن ھايا قىلمايدۇ. ئايال كىشى ئېھتىلام
بولسا غۇسل قىلىشى كېرەكمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
«ھەئە، ئەگەر (مەنى) سۈيىنى كۆرسە (يۇيۇنىدۇ)» دېدى. (بۇخارى ۋە
مۇسلىم)
[109] ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق
رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم ئۇيقۇسىدا ئەركەكنىڭ كۆرگىنىنى كۆرگەن (يەنى ئېھتىلام بولغان) ئايال
كىشى توغرىسىدا توختىلىپ «غۇسل قىلىدۇ» دېدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنۇ لەۋز ئارتۇق كەلگەن:
ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا
«ئايال كىشى ئېھتىلام بولامدۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم «شۇنداق، بولمىسا (بالىنىڭ ئانىغا ) ئوخشىشى نەدىن كېلىدۇ؟» دېدى. (مۇسلىم)
[110] (مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى) ئائىشە رەزىيەللاھۇ
ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنۇ تۆت
خىل ئەھۋالدا غۇسل قىلاتتى:«جۇنۇب بولسا، جۈمە كۈنى
بولسا، قان ئالدۇرسا ۋە مىيىتنى يۇيسا.» (ھەدىس ئەبۇ داۋۇدنىڭ؛ ئىبنى
خۇزەيمە سەھىھ دېگەن)
[111] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۇمامە
ئىبنى ئۇسال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:«سۇمامە ئىبنى ئۇسال مۇسۇلمان بولغاندا، پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا يۇيۇنۇشنى بۇيرۇدى.» (ھەدىسنى
ئابدۇررازاق رىۋايەت قىلغان؛ ئەسلى بۇخارى ۋە مۇسلىمدابار)
[112] ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جۈمە كۈنى يۇيۇنۇش بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىرەيلەنگە
ۋاجىبتۇر.» (ھەدىسنى يەتتە ئىمام توپلىغان)
[113] سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم جۈمە كۈنى تاھارەت ئالسا بۇ نېمىدېگەن ياخشى. كىم جۈمە
كۈنى يۇيۇنسا، بۇ تېخىمۇ پەزىلەتلىكتۇر.» (ھەدىسنى بەش ئىمام توپلىغان؛
تىرمىزى سەھىھ دېگەن)
[114] ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت
قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
جۇنۇب بولمىغانلىكى مۇددەتتە بىزگە قۇرئان ئوقۇتاتتى.» (ھەدىسنى ئىمام
ئەھمەد ۋە تۆت ئىمام توپلىغان. ھەدىسنىڭ تېكىستى تىرمىزىغا ئائىت. تىرمىزى بۇ
ھەدىسنى ھەسەن دېگەن، ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن)
[115]\[116] ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېگەن:«بىرىڭلار ئايالى بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندىن كېيىن، يەنە تەكرارلىماقچى
بولسا، ئىككى مۇناسىۋەت ئارىسىدا تاھارەت ئالسۇن.» (مۇسلىم) ھاكىمنىڭ رىۋايىتىدە
مۇنۇ بايان ئارتۇق كەلگەن:
«چۈنكى، تاھارەت ئېلىش مۇناسىۋەتنى
تەكرارلاشقا كۈچ بېرىدۇ.»
تۆت ئىمام رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئائىشە
رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۇنۇبلۇق ھالىتىدە، سۇغا يېقىن كەلمەستىن (يەنى
يۇيۇنماستىن ياكى تاھارەت ئالماستىن) ئۇخلايتتى.» (بۇ ھەدىس مەئلۇل)
[117]\[118] (مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى) ئائىشە
رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش ئۈچۈن غۇسۇل قىلماقچى بولسا
ئاۋۋال قوللىرىنى يۇياتتى. ئاندىن سۇنى ئوڭ قولى بىلەن سول قولۇغا تۆكۈپ ئەۋرىتىنى
(ئەتراپى بىلەن قوشۇپ) يۇياتتى، ئارقىدىن تاھارەت ئالاتتى. ئارقىدىن سۇنى ئېلىپ
بارماقلىرىنى چېچىنىڭ يىلتىزىغىچە ياخشى چۆكتۈرەتتى. ئاندىن، ئوچۇمى بىلەن بېشىغا
ئۈچ قېتىم سۇ تۆكەتتى، ئارقىدىن بەدىنىنىڭ باشقا يەرلىرىگە سۇ قۇياتتى. ئاخىرىدا
پۇتلىرىنى يۇياتتى.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم؛ تېكىستى مۇسلىمنىڭ)
ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ
ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «ئاندىن سۇنى
ئەۋرىتىگە تۆكۈپ، سول قولى بىلەن يۇياتتى. ئاندىن، قولىنى يەرگە سۈركەيتتى.»
بىر رىۋايەتتە، «قولىنى
يەرگە سۈركەيتتى» جۈملىسىنىڭ ئارقىسىدىن مۇنۇ بايانلار كەلگەن:«ئاندىن
ئۇ زاتقا بىر لۆڭگە ئېلىپ كەلدىم، ئەمما لۆڭگىنى ئالمىدى.»
بىر رىۋايەتتە مۇنۇ بايانمۇ مەۋجۇت:«ئاندىن (بەدىنىدىكى) سۇنى قولى بىلەن سىيرىشقا باشلىدى.»
[119] (مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى) ئۇممۇ سەلەمە
رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن چېچىنى
ئۆرۈۋالىدىغان ئايالمەن. جۇنۇبلۇقتىن – باشقا بىر رىۋايەتتە ھەيزدىن – پاكلىنىش
ئۈچۈن يۇيۇنغاندا چېچىمنى چۇۋۇيمەنمۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ زات «ياق، ئالقىنىڭ بىلەن
بېشىڭغا ئۈچ قېتىم سۇ تۆكۈشۈڭ سەن ئۈچۈن يېتەرلىك» دېدى. (مۇسلىم)
[120] (مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى) ئائىشە رەزىيەللاھۇ
ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېگەن:«مەن ھەيزدار ئايالغا ۋەياكى جۇنۇبلۇق
ھالىتىدىكىلەرگە مەسجىتنى ھالال قىلمايمەن.» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت
قىلغان؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن)
[121] يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت
قىلىنىدۇ:«مەن ۋە رەسۇلۇللاھ جۇنۇبلۇق سەۋەبلىك
ئوخشاش كومزەكتىن سۇ ئېلىپ يۇيۇناتتۇق. قوللىرىمىز كومزەكنىڭ ئىچىگە نۆۋەت بىلەن
كىرىپ چىقاتتى.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
ئىبنى ھىببانىڭ رىۋايىتىدە «قوللىرىمىز بىر-بىرىمىزنىڭكىگە تېگىشەتتى» دېگەن
جۈملە ئارتۇق كەلگەن.
[122]\[123] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر بىر تال چاچنىڭ ئاستىدا جۇنۇبلۇق بار. شۇنىڭ ئۈچۈن
چاچنى ياخشى يۇيۇڭلار، تېرىنى ياخشى پاكىزلاڭلار.» (ئەبۇ داۋۇد ۋە
تىرمىزى رىۋايەت قىلىپ زەئىپ دېگەن؛ ئىمام ئەھمەد بۇنىڭغا ئوخشاش بىر ھەدىسنى
ئائىشە ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلغان. بىراق، بۇ رىۋايەتتىمۇ نامەلۇم راۋىيدىن بىرى
بار)
9-تەيەممۇم بۆلۈمى
[124]\[125]\[126] جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ماڭا مەندىن ئىلگىرىكى ھېچكىمگە بېرىلمىگەن بەش ئالاھىدىلىك
بېرىلدى. ماڭا بىر ئاي يىراقلىقتىكى مۇساپىدىن دۈشمەنگە قورقۇنچى سېلىنىش بىلەن
ياردەم بېرىلدى. ماڭا پۈتۈن يەر يۈزى پاك ۋە مەسجىد قىلىندى. بۇ سەۋەبلىك ھەر كىم
ناماز ۋاقتى كىرسە، تۇرغان يېرىدە ناماز قىلسۇن.» راۋى ھەدىسنىڭ
داۋامىنىمۇ زىكىر قىلماقتا.
شەرھ: *«تۇرغان يېرىدە» يەنى پاكلىنىش ئۈچۈن سۇ،
ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىد تاپالمىسا تۇپراق بىلەن تەيەممۇم قىلىپ تۇرغان يېرىدە
نامىزىنى ئوقۇسۇن.
* ئاپتور (ئىبنى ھەجەر) بۇ يەردە رەسۇلۇللاھنىڭ
پەقەتلا ئىككى ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بولدى قىلماقتا. رەسۇلۇللاھنىڭ
باشقا ئۈچ ئالاھىدىلىكى مۇنۇلاردۇر: غەنىيەتلەرنىڭ ئۇ زاتقا (ۋە ئۈممىتىگە) ھالال
قىلىنىشى، قىيامەت كۈنى چوڭ شاپائەت قىلىشى ۋە يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلارغا
پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلىشى.
ئىمام مۇسلىمنىڭ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
قىلغان رىۋايىتى مۇنداق:«سۇ تاپالمىساق، تۇپراق
بىزگە پاك قىلىندى.»
ئىمام ئەھمەد ئائىشە ئانىمىزدىن مۇنداق رىۋايەت
قىلغان:«...تۇپراق ماڭا پاك قىلىندى...»
[127] ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مېنى بىر ئىش ئۈچۈن بىر يەرگە ئەۋەتتى. (شۇ ئەسنادا) جۇنۇب
بولدۇم ئەمما سۇ تاپالمىدىم. بۇنىڭ بىلەن، ھايۋاننىڭ توپىدا ئېغىنىغىنىدەك
ئېغىنىدىم. كېيىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ قىلغان
بۇ ئىشىمنى بايان قىلدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ‹قولۇڭ بىلەن
مۇنداق قىلغان بولساڭ ساڭا يېتەرلىك بولاتتى› دەپ ئىككى قولىنى توپىغا بىر قېتىم
ئۇردى، ئاندىن سول قولى بىلەن ئوڭ قولىنى سىلىدى. ئاندىن قولىنىڭ دۈمبىسىگە ۋە
يۈزىگە مەسىھ قىلدى.» (مۇسلىم)
ئىمام بۇخارىنىڭ بىر رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:«ئىككى ئالقىنى بىلەن يەرگە ئۇرغاندىن كېيىن ئالقىنىنى
پۈۋلىدى. ئاندىن، ئالىقانلىرى بىلەن يۈزىگە ۋە ئالىقانلىرىغا مەسىھ قىلدى.»
[128] ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تەيەممۇم
ئىككى ئۇرۇشتۇر. بىر ئۇرۇش يۈز ئۈچۈن، ئىككىنچى ئۇرۇش جەينەكلەرگە قەدەر بېلەكلەر
ئۈچۈندۇر.» (داراقۇتنى رىۋايەت قىلغان؛ ھەدىس ئىماملىرى بۇ ھەدىسنى
سەھىھ مەۋقۇف دېگەن)
[129][130] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئون يىل سۇ تاپالمىغان تەقدىردىمۇ، تۇپراق مۇسۇلماننىڭ
تاھارىتىدۇر. سۇ تاپقاندا ئاللاھتىن قورقسۇن ۋە ئۇنى تېرىسىگە سۈركىسۇن.»(بەززار
رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى قەتتان سەھىھ دېگەن؛ داراقۇتنى مۇرسەل ھالەتتىكى ھەسەن
ھەدىس دېگەن؛ تىرمىزى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر رىۋايەتنى ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان؛ ھاكىم بۇ رىۋايەتنى سەھىھ دېگەن)
[131] ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«ئىككى ئادەم سەپەرگە
چىقتى. ناماز ۋاقتى كەلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ يېنىدا سۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن،
ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى پاكىز تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇدى. ئاندىن، تېخى شۇ
نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتمەستىن سۇ تاپتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ بىرى تاھارەت
ئېلىپ نامىزىنى قايتىدىن ئوقۇدى. يەنە بىرى قايتا ئوقۇمىدى. كېيىن، پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ ئەھۋالنى ئاڭلاتتى. پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى قايتا ئوقۇمىغان ساھابىسىگە ‹توغرا
بولغىنىنى قىلدىڭ. ئوقۇغان نامىزىڭ ساڭا يېتەرلىكتۇر› دېدى. نامىزىنى قايتا
ئوقۇغان ساھابىسىگە ‹سەن ئىككى ئەجىرگە ئېرىشتىڭ› دېدى.» (ئەبۇ داۋۇد
ۋە نەسائىي)
[132] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ {ئەگەر ئاغرىپ قالغان ياكى يولۇچىلىق ھالىتىدە بولغان
بولساڭلار}(مائىدە سۈرىسىنىڭ 6-ئايىتىنىڭ بىر قىسىمى) دېگەن ئايەتنى مۇنداق تەپسىر
قىلغان:«ئەگەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان بىر كىشى يارىلانسا ياكى بەدىنىگە يارا
چىقسا، بۇ ھالەتتە جۇنۇپ بولۇپ قېلىپ يۇيۇنسا ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلسا
تەيەممۇم قىلىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى داراقۇتنى مەۋقۇف ھالەتتە، بەززار
مەرفۇئ ھالەتتە رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى خۇزەيمە ۋە ھاكىم ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)
[133] ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت
قىلىنىدۇ: «بىر بېلىكىم سۇنۇپ كەتكەن ئىدى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى سورىدىم.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تېڭىق ئۈستىگە مەسىھ قىلىشىمنى بۇيرۇدى.»
(ئىبنى ماجە بەك زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان)
[134] جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق
رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېشى يېرىلغان، شۇ
ھالەتتە ئېھتىلام بولۇپ قېلىپ يۇيۇنغان ۋە بۇ سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم
توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:«ئۇنىڭ تەيەممۇم قىلىشى يېتەرلىك ئىدى. يارىسىنى بىر پارچە
تېڭىقتا تېڭىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلسا بولاتتى. ئاندىن بەدىنىنىڭ باشقا يېرىنى
يۇياتتى.» (ئەبۇ داۋۇد زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان؛ ھەدىسنىڭ راۋىلىرى
توغرىسىدا ئىختىلاپ بار)
[135] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق
رىۋايەت قىلىنىدۇ:«سۈننەت شۇكى، كىشىنىڭ بىر تەيەممۇم بىلەن پەقەت بىر نامازنىلا
قىلىشى، باشقا ناماز ئۈچۈن ئايرىم تاھارەت ئېلىشىدۇر.» (بۇ ھەدىسنى داراقۇتنى بەك
زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان)
10-ھەيز بۆلۈمى
[136] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق
رىۋايەت قىلىنىدۇ: فاتىمە بىتنى ئەبۇ ھۇبەيش
ئىستىھازە بولۇپ قالغان ئىكەن، بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا «ھەيز قېنى تونۇشلۇق بولغان قارامتۇل قاندۇر. ئەگەر كۆرگەن
قېنىڭىز مۇشۇنىڭدەك بولسا ناماز ئوقۇماڭ. باشقا خىل قان بولسا تاھارەت ئېلىپ ناماز
ئوقۇڭ» دېدى. (ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى
ھىببان ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن؛ ئەبۇ ھاتىم مۇنكەر دېگەن)
[137] ئىمام
ئەبۇ داۋۇد ئەسما بىنتى ئۇمەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(ئىستىھازە
كېسىلى بولغان ئايال) ئىچىدە سۇ بار داسقا ئولتۇرسۇن. ئەگەر سۇدا سېرىقلىق كۆرسە
پېشىن ۋە ئەسىر نامىزى ئۈچۈن بىر قېتىم يۇيۇنسۇن. بامدات نامىزى ئۈچۈنمۇ بىر قېتىم
يۇيۇنسۇن. ياكى، بۇ نامازلار ئارىسىدا تاھارەت ئالسۇن.»
شەرھى:«پېشىن
ۋە ئەسىر ئۈچۈن بىر قېتىم يۇيۇنىسەن»: يەنى پېشىننى ئاخىرقى ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈپ
ئوقۇش، ئەسىرنى دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنىدۇ. بۇنداق ھالەتتە ئىككى
نامازنى جۈپلەپ ئوقۇغاندا ئىككىلى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغان ھېسابلىنىدۇ. شام
ۋە خۇپتەن نامىزىنىمۇ يۇقارقىدەك قىلىدۇ. (بۇلۇغۇلمەرام شەرھى، 68-بەت)
[138] ھەمنە
بىنتى جەھىش مۇنداق دەيدۇ: بەك ئېغىر ئىستىھازە بولاتتىم. قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى
بىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدىم. پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«بۇ (يەنى
ئىستىھازە قېنى) شەيتاننىڭ ھۇجۇمىدۇر. ئۆزۈڭنى ئالتە-ياكى يەتتە كۈن ھەيزدار ھېسابلاڭ.
ئاندىن غۇسل قىلىڭ. تولۇق پاكلانغاندا يىگىرمە تۆت ياكى يىگىرمە ئۈچ كۈن ناماز ئوقۇڭ،
روزا تۇتتۇڭ. بۇ سىز ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. ئاياللارنىڭ ھەيز بولۇپ پاكلانغىنىغا
ئوخشاش، سىزمۇ ھەر ئاي مۇشۇنداق قىلىڭ. بىراق، ناۋادا پېشىن نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ ئەسىر
نامىزى بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچىڭىز يەتسە، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇنۇپ، پېشىن
بىلەن ئەسىرنى جۈپلەپ ئوقۇڭ. ئوخشاشلا، شام نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ خۇپتەن بىلەن بىللە
ئوقۇشقا كۈچىڭىز يەتسە، خۇپتەننىڭ ۋاقتىدا يۇيۇن، شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى
جۈپلەپ ئوقڭۇ. ئەتىگىنى يۇيۇنۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇڭ. بۇ ئىككى ھالەتتىن ئەڭ
ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر.» (ھەدىسنى نەسائىدىن باشقا بەش ئىمام رىۋايەت
قىلغان. تىرمىزى سەھىھ دېگەن، بۇخارى ھەسەن دېگەن. بۇلۇغۇلمەرام 138-نومۇرلۇق ھەدىس)
شەرھ: «بۇ
ئىككى ھالەتتىن»: يەنى، بۇ ئىككى ھالەتنىڭ بىرى ئىستىھازە بولغان ئايالنىڭ ھەر
ناماز ئۈچۈن پەقەت تاھارەت ئېلىشىدۇر. يەنە بىرى بولسا، بىر كېچە كۈندۈزدە ئۈچ
قېتىم يۇيۇنىشىدۇر.
«ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر»: يەنى، ھەيز مۇددىتى سىرتىدىكى
ئىستىھازە مۇددىتىدە، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇشىڭنى تېخىمۇ
ياقتۇرىمەن. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 69-بەت)
[139] (مۆمىنلەرنىڭ
ئانىسى) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇممۇ ھەبىبە بىنتى جەھش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەمدىن ئىستىھازە قېنى توغرىسىدا سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم «ھەيز سىزنى نامازدىن توسۇق قويغان مۇددەت ئىچىدە ساقلاڭ، ئاندىن
يۇيۇنۇڭ» دېدى. بۇ ۋەجىدىن ئۇممۇ ھەبىبە ھەر ناماز ئۈچۈن يۇيۇناتتى.
ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
بۇخارىنىڭ
رىۋايىتىدە «ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىڭ»
دەپ كەلگەن.
بۇ رىۋايەت
ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرى تەرىپىدىن باشقا خىل يول بىلەن رىۋايەت
قىلىنغان.
ئىستىھازە
بولغان ئايالغا غۇسل ۋاجىپمۇ؟
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
ئىستىھازە:
ئايال كىشىدىن ھەيز مۇددىتى ۋە نىفاس مۇددىتىنىڭ سىرتىدا كەلگەن قاندۇر.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ
ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇممۇ ھەبىبە يەتتە يىل ئىستىھازە قېنى كۆردى.
بۇنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
ئۇنىڭغا غۇسل قىلىشنى بۇيرۇپ «بۇ تومۇردىن كەلگەن قان» دېدى. ئۇممۇ ھەبىبە ھەر ناماز
ئۈچۈن غۇسل قىلاتتى. (سەھىھۇل بۇخارى 327-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئىمام ئىبنى ھەجەر
رەھىمەھۇللاھ سەھىھۇل بۇخارىنىڭ شەرھى «فەتھۇلبارى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە بۇ ھەدىسنى
شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: ... بىراق، ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىرەر قانائەتكە
تايىنىپ ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلشنى تاللىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەبلىك ھەر
ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلغان. بۇ ھەقتە ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا غۇسل قىلىپ ناماز ئوقۇشنى بۇيرۇدى. بىراق، ئۇ ھەر ناماز
ئۈچۈن نەپلە سۈپىتىدە غۇسل قىلدى.» لەيس ئىبنى سەئد مۇسلىمدىكى رىۋايەتتە يۇقارقىغا
ئوخشاش كۆز قاراشنى تاللىغان:«ئىبنى شىھاب رەھىمەھۇللاھ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەمنىڭ ئۇممۇ ھەبىبەگە ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلىشنى بۇيرىغىنىنى تىلغا
ئالمىغان. ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلىش ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ ئۆزى خالاپ قىلغان ئىشىدۇر.»
كۆپچىلىك ئۆلىمالارمۇ بۇ ھەقتە يۇقارقى كۆز قاراشتا.
كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ
نەزىرىدە: ئىستىھازە قېنىنى كۆرۈۋاتقان ئايالنىڭ ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلىشى كېرەك
ئەمەس. بىراق، خالىسا ھەر ناماز ئۈچۈن غۇسل قىلسا بولىدۇ (بۇنداق قىلىش مۇستەھەپ).
ئىستىھازە قېنىنى كۆرگەن ئايالغا پەرز بولغىنى ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشتۇر.
(ئىمام ئىبنى ھەجەر «فەتھۇلبارى» 1\546)
ئىمام ئىبنى قۇدامە
مۇنداق دېگەن: بۇ ھالەتتىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى ھەر ناماز ۋاقتى ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشى
كېرەك بولىدۇ. بۇ ئىمام شافىي، ئەبۇ سەۋر ۋە رەي ئەسھابى (يەنى ھەنەفىي مەزھەپ
ئالىملىرى) نىڭ قارىشىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەبۇ خۇبەيشنىڭ
قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا «... ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئال» دەپ بۇيرۇغان.
(بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، بۇخارى قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان) (ئىمام
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ «ئەلمۇغنى» 1\182)
ئىمام ئىبنى قۇدامە
مۇنداق دېگەن: كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى شۇكى- غۇسل ھەيزدىن پاكلانغاندا كېرەك
بولىدۇ. (ھەيز ۋە نىفاستىن سىرتقى) باشقا ھالەتلەردە (كەلگەن قان ئۈچۈن) ھەر
نامازدا تاھارەت ئالىدۇ. بۇنىڭا ئائىت دەلىللەر بار . بەزى ھەدىسلەردە ئورۇن
ئالغان «غۇس قىلىش بۇيرۇقى» ۋاجىپ (پەرز) لىكنى ئەمەس، مۇستھەپلىكنى بىلدۈرىدۇ.
(ئىمام ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ «ئەلمۇغنى» 1\183)
ئىمام ئىبنى ھەجەر
«بۇلۇغۇلمەرام» دا مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان:
ھەمنە بىنتى جەھىش
مۇنداق دەيدۇ: بەك ئېغىر ئىستىھازە بولاتتىم. قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«بۇ (يەنى ئىستىھازە قېنى) شەيتاننىڭ ھۇجۇمىدۇر. ئۆزۈڭنى
ئالتە-ياكى يەتتە كۈن ھەيزدار ھېسابلا. ئاندىن غۇسل قىل. تولۇق پاكلانغاندا يىگىرمە
تۆت ياكى يىگىرمە ئۈچ كۈن ناماز ئوقۇ، روزا تۇت. بۇ ساڭا يېتەرلىكتۇر. ئاياللارنىڭ
ھەيز بولۇپ پاكلانغىنىغا ئوخشاش، سەنمۇ ھەر ئاي مۇشۇنداق قىل. بىراق، ناۋادا پېشىن
نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ ئەسىر نامىزى بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچۈڭ يەتسە، ئەسىر
نامىزىنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇنۇپ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۈپلەپ ئوقۇ. ئوخشاشلا، شام
نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ خۇپتەن بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچۈڭ يەتسە، خۇپتەننىڭ ۋاقتىدا يۇيۇن،
شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇ. ئەتىگىنى يۇيۇنۇپ بامدات نامىزىنى
ئوقۇ. بۇ ئىككى ھالەتتىن ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر.» (ھەدىسنى نەسائىدىن
باشقا بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى سەھىھ دېگەن، بۇخارى ھەسەن دېگەن. بۇلۇغۇلمەرام
138-نومۇرلۇق ھەدىس)
مۇھەددىس ئالىم
سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» دە بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن
(شەرھنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك قىسىمىنىلا ئالدىم):
«بۇ ئىككى ھالەتتىن»: يەنى، بۇ ئىككى ھالەتنىڭ بىرى ئىستىھازە
بولغان ئايالنىڭ ھەر ناماز ئۈچۈن پەقەت تاھارەت ئېلىشىدۇر. يەنە بىرى بولسا، بىر كېچە
كۈندۈزدە ئۈچ قېتىم يۇيۇنىشىدۇر.
«ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر»: يەنى، ھەيز مۇددىتى سىرتىدىكى
ئىستىھازە مۇددىتىدە، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇشىڭنى تېخىمۇ ياقتۇرىمەن.
(سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 69-بەت)
مۇھەددىس ئالىم
سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام» دىكى 137-نومۇرلۇق ھەدىسننىڭ «پېشىن ۋە
ئەسىر ئۈچۈن بىر قېتىم يۇيۇنىسەن» دېگەن بۆلىكىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: پېشىننى
ئاخىرقى ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش، ئەسىرنى دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنىدۇ.
بۇندا ھالەتتە ئىككى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇغاندا ئىككىلى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغان
ھېسابلىنىدۇ. شام ۋە خۇپتەن نامىزىنىمۇ يۇقارقىدەك قىلىدۇ. (بۇلۇغۇلمەرام شەرھى،
68-بەت)
ئىستىھازىلىك
ئايالنىڭ ھەر نامازدا يۇيۇنىشى كېرەكلىكى توغرۇلۇق ئىكرىمە، رەبىئە، ئىمام مالىك
قاتارلىقلارنىڭ كۆز قارىشى بار. ئىمام ئىبنى قۇدامە ئىختىلاپتىن قېچىش ئۈچۈن ھەر
نامازدا غۇسل قىلىشنى تېخىمۇ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. («ئەلمۇغنى»
1\182،183-بەتلەر)
ئىمام ئىبنى قۇدامە
مۇنداق دېگەن: (ئىستىھازە ئايالنىڭ) ھەر نامازدا بىر قېتىم تاھارەت ئېلىشى يېتەرلىك،
بۇ ئەمەل جەھەتتىن ئەڭ تۆۋەن چەك بولۇپ، ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇشى
يېتەرلىك.(«ئەلمۇغنى» 1\184)
[140] ئۇممۇ
ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «بىز (ھەيزدىن)
پاكلانغاندىن كېيىن (ئەۋرەتتىن) كەلگەن دۇغنى ۋە سېرىق سۇيۇقلۇقنى ئەرزىگۈدەك بىر
نەرسە سانىمايتتۇق.» بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت
قىلغان. ھەدىسنىڭ تېكىستى ئەبۇ داۋۇدنىڭ. (‹بۇلۇغۇلمەرام› 140-نومۇرلۇق ھەدىس)
بۇ ھەدىسنى
مەشھۇر مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇركى (ۋاپاتى: ھ 1428-يىلى، م 2006-يىلى) رەھىمەھۇللاھ
مۇنداق شەرھلىگەن: بۇ خىل سۇيۇقلۇقلار ھەيز ھېسابلانمايدۇ. بۇ ھەدىس، ھەيز مۇددىتى
توشقاندىن كېيىن ۋە ھەيز قېنى توختىغاندىن كېيىن چىققان (سارغۇچ) سۇنىڭ ھەيز ھېسابلانمايدىغانلىقىغا
دەلىلدۇر. («بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 140-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى)
[141] ئەنەس
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: يەھۇدىيلار
ئايالى ھەيزدار بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يەپ ئىچمەيتتى. بۇ ۋەجىدىن
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(ھەيزدار ئايال بىلەن)
جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا ھەممە ئىشنى قىلىڭلار.» (مۇسلىم)
[142]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تامبىلىمنى
كىيىۋېلىشىمنى بۇيرۇيتتى. ئاندىن مەن ھەيزدار ھالەتتە تۇرساممۇ، مەن بىلەن مەشغۇل
بولاتتى.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
[143] ئىبنى
ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەيزدار ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان كىشى
توغرىسىدا مۇنداق دېدى:«بىر دىنار ياكى يېرىم دىنار سەدىقە بېرىدۇ.»
(بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان؛ ھاكىم ۋە ئىبنى قەتتان سەھىھ دېگەن؛ باشقىلار مەرفۇئ
دېگەن)
[144] ئەبۇ
سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشى
ھەيزدار بولغاندا ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ ئەمەسمۇ؟» (بۇخارى
ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن بىر ھەدىستىن ئېلىنغان)
بۇ ھەدىسنى
مەشھۇر مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇركى (ۋاپاتى: ھ 1428-يىلى، م 2006-يىلى)
رەھىمەھۇللاھ مۇنداق شەرھلىگەن: ئىسلام ھەيزدار ئايال كىشىنىڭ ناماز
ئوقۇمايدىغانلىقىنى ۋە روزا تۇتمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. بىراق، ھەيزدار ھالەتتە
تۇتالمىغان روزىسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭغا دالالەت قىلىدىغان
ئوچۇق دەلىللەر مەۋجۇت. ھەيزدار ھالىتىدە ئوقۇيالماي قالغان نامىزىنىڭ قازاسىنى
قىلمايدۇ (يەنى تولۇقلاپ ئوقۇمايدۇ.)[سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام
شەرھى» 144-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى]
[145]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: سەرىف دېگەن جايغا كەلگەندە
ھەيز كۆرۈپ قالدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ماڭا مۇنداق
دېدى:«ھاجىرلار قىلغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىڭ. پەقەتلا پاكلانغۇچە كەئبىنى تاۋاپ
قىلماڭ.»(بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ ئۇزۇن بىر ھەدىسىدىن ئېلىندى)
[146] مۇئاز
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ھەيزدار بولۇق قالغان ئايالنىڭ ئېرى ئۈچۈن ئۇ
ئايالنىڭ نەرى ھالال ئىكەنلىكىنى سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
«تامبىلىنىڭ ئۈستى» دېدى. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلىپ زەئىپ دېگەن)
[147] ئۇممۇ
سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ زامانىدا نىفاسدار (تۇغقان) خوتۇنلار، تۇغۇپ قىرىق كۈنگىچە
ساقلايتتى.» بۇ ھەدىسنى نەسائىيدىن باشقا بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ
تېكىستى ئەبۇ داۋۇدنىڭ.
ئەبۇ
داۋۇدنىڭ باشقا بىر رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:
«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا نىپاسدار ھالىتىدە ئوقۇيالمىغان نامىزىنىڭ
قازاسىنى قىلىشنى بۇيرۇمىدى.» (ھاكىم سەھىھ دېگەن)
ناماز
كىتابى
بىرىنجى
باب: ناماز ۋاقىتلىرى
[148][149][150]
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ر ئەدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ س ئە مۇنداق دېگەن:«پېشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈننىڭ قېيىشى بىلەن باشلىنىپ،
كىشىنىڭ سايىسى ئۆز بويى بىلەن تەڭلەشىپ ئەسىر نامىزى ۋاقتى كىرگەنگە قەدەر
داۋاملىشىدۇ. ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈن سارغايغىچىلىك داۋاملىشىدۇ. شام نامىزىنىڭ
ۋاقتى شەپەق (يەنى كۈننىڭ پاتقاندىن كېيىنكى قىزىللىقى) يوقالغۇچە داۋاملىشىدۇ.
خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى كېچىنىڭ يېرىمىغىچە داۋاملىشدۇ. بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى
تاڭ سۈزۈلۈشتىن باشلىنىپ كۈن چىققانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.»(مۇسلىم)
ئىمام
مۇسلىم بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان باشقا رىۋايەتتە، ئەسىر
نامىزى ئوقۇلغان ۋاقىت توغرۇلۇق «كۈن تېخى ئاپئاق
ۋە پارلاق ئىدى» دېيىلگەن.
ئىمام
مۇسلىم ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئەسىر نامىزى
ئوقۇلغان ۋاقىت توغرۇلۇق «كۈن تېخى يۈكسەك ئىدى»
دېيىلگەن.
[151] ئەبۇ
بەرزە ئەسلەمى ر ئەدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەسىر نامىزىنى ئوقۇغاندا سىلەردىن بىرىڭلار
مەدىنىنىڭ ئەڭ يىراق يېرىدىكى ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىنمۇ، كۈن تېخىچە يۈكسەكلىكتە
(پارلاپ) تۇراتتى. خۇپتەن نامىزىنى (ئاخىرقى ۋاقتىغىچە) كېچىكتۈرۈشنى ياخشى
كۆرەتتى. خۇپتەن نامىزى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئۇخلاشنى، خۇپتەن نامىزى ئوقۇپ بولغاندىن
كېيىن پاراڭ سېلىشىشنى ياقتۇرمايتتى. كىشى بامدات نامىزىدىن ھەمراھىنى كۆرۈپ
تونۇغۇدەك دەرىجىدە تاڭ ئاقارغاندا ئايرىلاتتى. بامدات نامىزىدا ئاتمىش ئايەتتىن
يۈز ئايەتكىچە قىرائەت قىلاتتى.»(بۇخارى ۋە مۇسلىم)
[152] ئىمام
بۇخارى ۋە مۇسلىم جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق نەقىل قىلغان:«رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خۇپتەن نامىزىنى
بەزىدە بالدۇر، بەزىدە كېيىن ئوقۇيتتى. جامائەتنىڭ يىغىلغىنىنى كۆرسە بالدۇر
ئوقۇيتتى، تېخى يىغىلمىغىنىنى كۆرسە كېيىن ئوقۇيتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم بامدات نامىزىنى (بامدات نامىزىنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدىكى)
قاراڭغۇلۇقتا ئوقۇيتتى.»
[153] ئىمام
مۇسلىم ئەبۇ مۇسا ر ئەدىن نەقىل قىلغان ھەدىس مۇنداقتۇر:«بامدات نامىزىنى تاڭ سۈزۈلگەندە قىلدى. بۇ چاغدا كىشىلەر
بىر-بىرىنى (قاراڭغۇلۇق سەۋەبلىك) تونۇيالمايتتى.»
[154] رافىئ
ئىبنى خەدىج ر ئەدىن مۇنداق نەقىل قىلىنىدۇ:«رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىللە ناماز ئوقۇيتتۇق. بىزدىن بىرىمىز ناماز
تۈگىگەندىن كېيىن (ئوق ئېتىلسا) ئوقنىڭ چۈشكەن يېرىنى كۆرەلەيتتى.»(بۇخارى ۋە
مۇسلىم)
[155]
ئائىشە ر ئادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كېچىدە خۇپتەن نامىزىنى بەك كېچىكتۈردى. ھەتتا
كېچىنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆتۈپ كەتتى. ئاندىن، چىقىپ (ئىمام بولۇپ) ناماز ئوقۇدى
ۋە:«ئەگەر ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق سېلىپ قويۇشتىن ئەنسىرىمىسەم، خۇپتەن نامىزىنىڭ
ۋاقتى مۇشۇ ۋاقىتتۇر» دېدى. (مۇسلىم)
شەرھى:
«ھەتتا كېچىنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆتۈپ كەتتى» شەپەق قىزىللىقى يوقىغاندىن كېيىنكى
كېچىنىڭ دەسلەپكى ئۈچتىن بىر قىسىمى ئۆتۈپ كەتكەنگە قەدەر كېچىكتۈردى.
«خۇپتەن
نامىزىنىڭ ۋاقتى مۇشۇ ۋاقىتتۇر» خۇپتەن نامىزىنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك ۋاقتى. (سەفىيۇرراھمان
مۇبارەكفۇرى)
[156] ئەبۇ
ھۇرەيرە ر ئەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىسسىق بەك كۈچىيىپ كەتكەندە (پېشىن) نامازنى ھاۋا
سالقىندىغۇچە كېچىكتۈرۈڭلار. چۈنكى، شىددەتلىك ئىسسىق جەھەننەم ئوتىنىڭ
كۆۋەجىشىدىندۇر.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
[157] رافىئ
ئىبنى خەدىج رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بامدات نامىزىنى
سۈبھى يورۇغاندا ئوقۇڭلار (يەنى قىرائەتنى تاڭ يورۇغانغا قەدەر ئۇزارتىڭلار).
چۈنكى، بۇنداق قىلىش نامازنىڭ ساۋابىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى
بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى ۋە ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن)
«سۈبھى
يورۇغاندا ئوقۇڭلار» يەنى قىرائەتنى تاڭ يورۇغانغا
قەدەر ئۇزارتىڭلار.(سەفىيۇرراھمان
مۇبارەكفۇرى)
[158]
ئەبۇ ھۇرەيرە ر ئەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم
كۈن چىقىپ كېتىشتىن ئاۋۋال بامدات نامىزىنىڭ بىر رەكئىتىگە يېتىشسە، بامدات
نامىزىغا ئۈلگۈرگەن ھېسابلىنىدۇ، كىم كۈن پېتىپ كېتىشتىن ئاۋۋال ئەسىر نامىزىنىڭ
بىر رەكئىتىگە يېتىشسە، ئەسىر نامىزىغا ئۈلگۈرگەن ھېسابلىنىدۇ.»(بەش
ئىمام رىۋايەت قىلغان؛ تىرمىزى ۋە ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن)
[159]
ئىمام مۇسلىممۇ ئائىشە ر ئادىن بۇنىڭغا ئوخشاش بىر ھەدىس رىۋايەت قىلغان، بىراق
«رەكئەت» كەلىمىسى ئورنىغا «سەجدە» كەلىمىسى قوللىنىلغاندىن كېيىن «سەجدە دېگەنلىك
رەكئەتنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن لەۋزدە رىۋايەت قىلىنغان.
[160]
ئەبۇ سەئد ئەلخۇدرى ر ئەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېگەن:«بامدات نامىزىدىن كېيىن كۈن
چىققانغا قەدەر ناماز يوق. ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كۈن پاتقانغا قەدەر ناماز يوق.»(بۇخارى
ۋە مۇسلىم)
شەرھ:
«بامدات نامىزىدىن كېيىن» ـــ بامدات نامىزىنىڭ پەرزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن.
«كۈچ
چىققانغا قەدەر ناماز يوق» ـــ نەپلە ناماز يوق. بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت
سۈننىتى بۇنىڭ سىرتىدا. چۈنكى، بۇ ئىككى رەكئەت نامازنىڭ بامدات نامازنىڭ پەرىزىنى
ئوقۇغاندىن كېيىن قازا قىلىنىشى دۇرۇس. بىراق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەمنىڭ بامدات نامىزىدىن كېيىن ھەر تۈرلۈك نەپلە نامازلارنى ئوقۇشنى
چەكلىگەنلىكى توغرۇلۇق ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىنغان.(سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى)
[161]
ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە مۇنۇ ئۈچ ۋاقىتتا بىزنى ناماز ئوقۇشتىن ۋە
مېيىتلىرىمىزنى دەپنە قىلىشتىن چەكلەيتتى: كۈن چىقىشتىن باشلاپ يۇقىرى ئۆرلىگۈچە؛
چىقڭى چۈشتىن كۈن قايرىلغانغا قەدەر؛ كۈن پېتىۋاتقاندىن باشلاپ تولۇق پېتىپ
بولغانغا قەدەر.»(مۇسلىم)
[162]
ئىككىنجى ھۆكۈم ئىمام شافىي تەرىپىدىن زەئىپ سەنەد بىلەن ئەبۇ ھۇرەيرەدىن «(چىڭقى
چۈشتىن كۈن قايرىلغانغا قەدەر ناماز ئوقۇشنى چەكلەش) جۈمە كۈنىنى ئۆز ئىچىگە
ئالمىغان» دېگەن جۈملە زىيادە ھالدا رىۋايەت قىلىنغان.
[163]
شۇنداقلا ئىمام ئەبۇ داۋۇدمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر ھەدىسنى ئەبۇ قەتادەدىن
رىۋايەت قىلغان.
[164]
جۇبەير ئىبنى مۇتئىم ر ئەدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېگەن:«ئى بەنى ئابدۇماناف! مەيلى كۈندۈز
بولسۇن، ياكى كېچە بولسۇن، ھەر قانداق ۋاقىتتا مۇشۇ كەئبىنى تاۋاپ قىلماقچى ياكى
ناماز ئوقۇماقچى بولغان ھەر كىمگە توسقۇنلۇق قىلماڭلار.»
(بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان؛ تىرمىزى ۋە ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن)
[165]
ئىبنى ئۆمەر ر ئەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«شەپەق
قىزىللىقتۇر.» (داراقۇتنى رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى
خۇزەيمە سەھىھ دېگەن، باشقىلار مەۋقۇف دېگەن)
[166] ئىبنى
ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاڭ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.
ئۇنىڭ بىر تۈرلۈكى تاماق يېيىشنى ھارام، ناماز ئوقۇشنى ھالال قىلىدۇ. يەنە بىرى
ناماز قىلىشنى ھارام، تاماق يېيىشنى ھالال قىلىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئىبنى
خۇزەيمە ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنى ئىككىلىسى سەھىھ دېگەن)
[167] ئىمام
ھاكىم جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن يۇقارقىغا ئوخشاش ھەدىس رىۋايەت قىلغان بولۇپ،
يەپ-ئىچىشنى ھارام قىلغان سۈبھى ئۈچۈن «ئۇ ئۇپۇقتا ئۇزۇنسىغا سوزۇلىدۇ» زىياسىدى
بىلەن؛ بامدات نامىزىنى قىلىشنى ھارام قىلغان، روزىدارنىڭ يەپ ئىچىشىنى ھالال
قىلغان سۈبھى ئۈچۈن «ئۇ بۆرىنىڭ قۇيرۇقىغا ئوخشاشتۇر» لەۋزىنى زىيادە رىۋايەت
قىلغان.
[168] ئىبنى
مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى،
دەسلەپكى ۋاقتىدا قىلىنغان نامازدۇر.» (بۇ ھەدىسنى تىرمىزى ۋە ھاكىم
رىۋايەت قىلغان. ئىككىلىسى سەھىھ دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارى ۋە مۇسلىمدا
مەۋجۇت)
[169] ئەبۇ
مەخزۇرە ر ئەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«نامازنى دەسلەپكى ۋاقتىدا قىلىش ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى،
ئوتتۇرا ۋاقتىدا قىلىش ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى، ئاخىرقى ۋاقتىدا قىلىش ئاللاھنىڭ
ئەپۇسىنى ئېلىپ كېلىدۇ.» (داراقۇتنى بەك زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت
قىلغان)
[170] ئىمام
تىرمىزى يۇقارقىغا ئوخشاش بىر ھەدىسنى ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلغان. بىراق، ئۇ
رىۋايەتتە «ئوتتۇرا ۋاقتىدا قىلىش ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ۋەسىلە بولىدۇ» جۈملىسى
يوق. شۇنداقلا، بۇ رىۋايەتمۇ زەئىپ.
[171] ئىبنى
ئۆمەر ر ئەدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بامدات (ۋاقتى كىرگەندىن) كېيىن ئىككى سەجدەدىن باشقا ناماز
يوق.»(نەسەئىدىن باشقا بەش ئىمام توپلىغان)
شەرھ:
بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەتلىك
سۈننىتىنى ئوقۇشتىن باشقا نەپلە ناماز ئوقۇلمايدۇ.(سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى)
[172] ئىمام
ئابدۇررازاقنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:«سۈبھى
باشلانغاندىن كېيىن ئىككى رەكئەت بامدات نامىزىدىن باشقا ناماز يوق.»
داراقۇتنى
دەل مۇشۇ مەزمۇندىكى ھەدىسنى ئىبنى ئەمر ئاستىن رىۋايەت قىلغان.
[173] ئۇممۇ
سەلەمە ر ئادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ھۇجرامغا كىرىپ ئىككى رەكئەت
ناماز ئوقۇدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمدا «پېشىن نامىزىدىن كېيىنكى ئىككى رەكئەت
(سۈننەت) نى ئوقۇيالمىغان ئىدىم، ئەمدى ئوقۇۋالدىم» دېدى. مەن «بىزمۇ ئۇ
نامازلارنى ئوقۇيالمىساق، قازاسىنى قىلايلىمۇ؟» دەپ سورىۋىدىم. رەسۇلۇللاھ «ياق»
دېدى. (ئىمام ئەھمەد)
شەرھ: «ياق»
ـــ يەنى، ئوقۇيالمىغان سۈننەت نامازلارنىڭ قازاسىنى بۇ ۋاقىتتا قىلماڭلار،
دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ جاۋاب، ئەسىر نامىزىدىن كېيىن نەپلە نامازنىڭ قازاسىنى
قىلىشنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە خاس ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن
باشقىلارنىڭ بۇ ۋاقىتتا قازاسىنى قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ
ئىشتىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەسىر نامىزىدىن كېيىن
ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى، ئۇ زاتنىڭ بىر ئەمەلنى باشلىغىنىدا ئۇ
ئەمەلنى داۋاملاشتۇرۇش غەيرىتى سەۋەبىدىن بولغان. بۇ ھال پەقەت پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگىلا خاستۇر.(سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى)
[174] ئىمام
ئەبۇ داۋۇد يۇقارقىغا ئوخشاش مەزمۇندىكى ھەدىسنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن
رىۋايەت قىلغان.
ئىككىنجى
باب: ئەزان
[175] ئابدۇللاھ
ئىبنى زەيد ئىبنى ئابدۇررابىھ ر ئەدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: ئۇخلاۋاتسام بىر
كىشى يېنىمغا كېلىپ ‹ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر› دەپ ئوقۇيسەن دەپ ئەزاننى
تولۇق ئوقۇدى. ئەزاننى تەكبىرلەرنى تۆت قېتىمدىن، ئوخشاش يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇدى؛
ئىقامەتنى ‹قەد قامەتىس سالاھ› نى (ئىككى قېتىم ئوقۇغاندىن سىرت قالغان
كەلىمىلەرنى) بىر قېتىمدىن ئوقۇدى. تاڭ ئاتقاندا ئۇدۇل رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قېشىغا بېرىپ چۈشۈمدى بايان قىلدىم. رەسۇلۇللاھ «بۇ ھەق چۈشتۈر» دېدى. (ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ
داۋۇد توپلىغان؛ ئىمام تىرمىزى ۋە ئىبنى خۇزەيمە ‹سەھىھ› دېگەن)
[176] ئىمام
ئەھمەد رىۋايىتىنىڭ ئاخىرىدا بىلال رەزىيەللاھۇنىڭ بامدات نامىزىنىڭ ئەزىنىدا
«ئەسسالاتۇ خەيرۇن مىنەن نەۋم» جۈملىسى زىيادە بايان قىلىنغان.
[177] ئىمام
ئىبنى خۇزەيمە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت
قىلغان:«مۇئەززىننىڭ بامداتنىڭ ئەزىنىدا ‹خەييە ئەلەل فەلاھ› دېگەندىن كېيىن ‹ئەسسالاتۇ
خەيرۇن مىنەن نەۋم› دېيىشى سۈننەت.»
[178] ئەبۇ
مەخزۇرە ر ئەدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
ئۇنىڭغا ئەزان ئوقۇشنى ئۆگەتتى ۋە ئەزاندا شاھادەت كەلىمىلىرىنى دەسلەپكى ئىككى
قېتىمدا مەخپىي، كېيىنكى ئىككى قېتىم ئاشكارا ئوقۇدى. (بۇ ھەدىسنى مۇسلىم
توپلىغان. بىراق، ئەزاننىڭ بېشىدىكى تەكبىرلەرنى پەقەت ئىككى قېتىمدىن
ئوقۇلغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان. بەش ئىمام ئەزاننىڭ بېشىدىكى تەكبىرلەرنى تۆت
قېتىمدىن ئوقۇلغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.
[179] ئەنەس
رەزىيەللەھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) غا ئەزاننى (ھەر
جۈملىسىنى) ئىككى قېتىمدىن؛ قامەتنى ‹قەد قامەتىس سالاھ› دىن باشقا كەلىمىلەرنى
بىر قېتىمدىن ئوقۇش بۇيرۇلدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
مۇسلىمنىڭ
رىۋايىتىدە (قەد قامەتىس سالاھ تىن باشقىنى) دېگەن جۈملە بايان قىلىنمىغان.
نەسائىنىڭ
رىۋايىتىدە «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلالغا بۇيرۇدى» دەپ كەلگەن.
[180] ئەبۇ
جۇھەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«بىلال (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) نىڭ ئەزان توۋلىغىنىنى كۆردۈم. ئاغزىنىڭ
(بىردە) ئوڭغا، (بىردە) سولغا بۇرۇلىشىغا زەن سالدىم. ئۇنىڭ ئىككى بارمىقى
قۇلىقىدا ئىدى.»(بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام تىرمىزى رىۋايەت
قىلغان. ئىككىلى ئىمام بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)
ئىمام ئىبنى
ماجەنىڭ رىۋايىتىدە «ئىككى بارمىقىنى ئىككى
قۇلىقىغا قويدى» دېيىلگەن.
[181] ئەبۇ
مەخزۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز ئاۋازىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ياقتۇرغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا
ئەزان توۋلاشنى ئۆەەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. (بۇ ھەدىسنى ئىبنى خۇزەيمە رىۋايەت
قىلغان)
[182] جابىر
ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە كۆپ
قېتىم ئىككى ھېيىت نامىزىنى ئەزانسىز ۋە قامەتسىز ئوقۇدۇق.»(بۇ ھەدىسنى
مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
[183] ئىمام
بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم بۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىسنى ئىبنى ئابباس ۋە باشقا
ساھابىلەردىن رىۋايەت قىلغان.
[184] ئەبۇ
قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇخلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن ناماز ئوقۇيالماي قالغانلىقىنى
بايان قىلغان ئۇزۇن ھەدىستە مۇنداق دېگەن:«ئاندىن
بىلال ئەزان ئوقۇدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەر كۈن ئوقۇغاندەك
ھالدا ناماز ئوقۇدى.» (مۇسلىم)
[185] جابىر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق بايان قىلىدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇزدەلىفىگە كەلدى. بۇ جايدا شام نامىزى ۋە خۇپتەن
نامىزىنى بىر ئەزان ۋە ئىككى قامەت بىلەن ئوقۇدى.» (مۇسلىم)
[186] ئىبنى
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزى بىر قامەت بىلەن
جۈپلەپ ئوقۇدى.» (مۇسلىم)
ئىمام ئەبۇ
داۋۇد بىر رىۋايىتىدە «ھەر ناماز ئۈچۈن» دېگەن جۈملە بار ھالەتتە رىۋايەت قىلغان.
يەنە بىر رىۋايىتىدە «ھېچقايسى ناماز ئۈچۈن ئەزان توۋلىمىدى» دەپ رىۋايەت قىلغان.
[187][188]
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىلال كېچىدە ئەزان
توۋلايدۇ. ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمنىڭ ئەزىنىنى ئاڭلىغانغا قەدەر يەپ-ئىچىڭلار.» ئىبنى
ئۇممۇ مەكتۇم ئەما ئىدى. بىراۋ ئۇنىڭغا «تاڭ ئاتتى، تاڭ ئاتتى»(يەنى بامداتنىڭ
ۋاقتى كىردى) دېمىگۈچە ئەزان توۋلىمايتتى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
[زەئىپ] [189]
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: بىلال رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ (بىر قېتىم) تاڭ سۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى ئەزان توۋلىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا قايتىپ بېرىپ ‹دىققەت قىلىڭلار! بەندە ئۇيقۇچىلىقتا
ئەزان توۋلىدى› دەپ توۋلاشنى بۇيرۇدى. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلىپ زەئىپ دېگەن)
[190] ئەبۇ
سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەزاننى
ئاڭلىغىنىڭلاردا سىلەرمۇ مۇئەززىن دېگىنىنى ئۆز پېتى تەكرارلاڭلار.»
(بۇخارى ۋە مۇسلىم)
[191] ئىمام
بۇخارى بۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇندىكى ھەدىسنى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان
قىلغان.
[192] ئىمام
مۇسلىم، ئىبنى ئۆمەردىن نەقىل قىلغان رىۋايەتتە، مۇئەززىننىڭ سۆزلىرىنى سۆزمۇ-سۆز
تەكرارلاشنىڭ پەزىلىتى بۆلۈمىدە مۇنداق بايان قىلغان:«ئەزاننى ئاڭلىغان كىشى
مۇئەززىننىڭ سۆزىنى سۆزمۇ-سۆز تەكرارلايدۇ. بىرا مۇئەززىن ‹ھەييە ئەلەس
سەلاھ›،‹ھەييە ئەلەل فەلاھ› دېگەندە، كىشى ‹لاھەۋلە
[193]
ئوسمان ئىبنى ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە «ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى قەۋمىمگە ئىماملىققا
تەيىنلىسەڭ!» دېدىم. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېدى:«سەن ئۇلارنىڭ ئىمامىسەن. (نامازدا) ئەڭ
ئاجىزلارنىڭ ئەھۋالىغا ماسلاش ۋە ئوقۇغان ئەزىنى ئۈچۈن ھەق ئالمايدىغان بىرىنى
مۇئەززىنلىككە تەيىنلە.» (بۇ ھەدىسنى بەش ئىمام نەقىل قىلغان. ئىمام
تىرمىزى ھەدىسنى ھەسەن دېگەن، ئىمام ھاكىم سەھىھ دېگەن)
[194] مالىك
ئىبنى خۇۋەيرىس ر ئەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزگە مۇنداق
دېدى:«ناماز ۋاقتى كىرگەندە سىلەردىن بىرى ئەزان
توۋلىسۇن.» (بۇ ھەدىسنى يەتتە ئىمام توپلىغان)
[195] جابىر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلال ر ئەغا
مۇنداق دېدى:«ئەزان توۋلىغاندا كەلىمىلىرىنى ئاستا،
دانىمۇ-دانە ئوقۇ. قامەت ئوقۇغاندا تېز ئوقۇ. ئەزان بىلەن قامەت ئارىسىدا تاماق
يەۋاتقان كىشى تامىقىنى يەپ بولغۇدەك ۋاقىت قالدۇر.» (ھەدىسنى تىرمىزى
رىۋايەت قىلىپ زەئىپ دېگەن)
شەرھ:
ھەدىسنىڭ زەئىپلىكىنىڭ سەۋەبى رىۋايەتلىرى مەترۇك بولغان ئابدۇلمۇمىن بار. بىراق،
ھەدىسنىڭ مەنىسى بىر-بىرىنى كۈچلەندۈرىدىغان باشقا يوللار بىلەن رىۋايەت قىلىنغان
(يەنى بۇ ھەدىس بۇ ھەقتىكى باشقا ھەدىسلەر بىلەن قوشۇلۇپ ھەسەنلىك ھۆكمىدە بولىدۇ،
ھۆكمى كۈچكە ئىگە.)(سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى)
[196] ئەبۇ
ھۇرەيرە ر ئەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاھارەتلىك كىشىدىن باشقىسى ئەزان ئوقۇمىسۇن.»
(بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلىپ زەئىپ دېگەن)
[197] زىياد
ئىبنى خارىس ر ئەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەزان ئوقۇغان كىشى قامەت ئوقۇسۇن.» (بۇ ھەدىسنى
تىرمىزى رىۋايەت قىلىپ زەئىپ دېگەن)
[198]
ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەزاننى چۈشۈمدە كۆردۈم. بۇ
سەۋەبلىك مۇئەززىن بولۇشنى ئارزۇ قىلدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
ماڭا «ئۇنداقتا، سەن قامەت ئوقۇ» دېدى. (ئەبۇ داۋۇد
رىۋايەت قىلغان زەئىپ ھەدىس)
[199] ئەبۇ
ھۇرەيرە ر ئەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇئەززىن ئەزان توۋلاشقا ئەڭ ھوقۇقلۇقتۇر. ئىمام قامەت
ئوقۇشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر.» (بۇ ھەدىسنى
ئىبنى ئەدىي رىۋايەت قىلىپ زەئىپ دېگەن)
[200]
بەيھەقى بۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىسنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان.
[201] ئەنەس
ئىبنى مالىك ر ئەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەزان بىلەن قامەت ئوتتۇرىسىدا قىلىنغان دۇئا رەت
قىلىنمايدۇ.»(بۇ ھەدىسنى نەسەئىي رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى
خۇزەيمە سەھىھ دېگەن)
[202] جابىر
ر ئەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ئەزاننى ئاڭلاپ بولۇپ ؟؟؟ ‹بۇ كامىل ئەزاننىڭ ۋە
ئوقۇلىدىغان نامازنىڭ رەببى بولغان ئاللاھىم! مۇھەممەدكە ۋەسىلەنى ۋە پەزىلەتنى
بەرگىن. ئۇنى ئۆزۈڭ ۋەدە قىلغان ماقامى مەھمۇدقا ئۇلاشتۇرغىن› دەپ دۇئا قىلسا،
قىيامەت كۈنى مېنىڭ شاپائىتىمگە ئېرىشىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى تۆت ئىمام
رىۋايەت قىلغان)
ئۈچىنجى
باب: نامازنىڭ شەرتلىرى
[203] ئەلى
ئىبنى تالىق ر ئەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن بىرىڭلار ناماز ئوقۇۋېتىپ يەل قويۇۋەتسە،
نامىزىدىن ئايرىلسۇن ۋە بېرىپ تاھارەت ئالسۇن. ئاندىن نامىزىنى قايتا ئوقۇسۇن.»
(بۇ ھەدىسنى بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن)
شەرھ:
[204]
ئائىشە ر ئادىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ بالاغەت يېشغا يەتكەن ئايالنىڭ لېچەكسىز ئوقۇغان
نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ.» (بۇ ھەدىسنى نەسەئىيدىن سىرت بەش ئىمام
رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن)
[205] جابىر
ر ئادىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەگەر كىيىم كەڭرى بولسا، ناماز ئوقۇغاندا ئۇنىڭ بىلەن
بەدىنىڭلارنى ياخشى ئوراڭلار.» (بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت
قىلغان)
مۇسلىمنىڭ
رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:
«كىيىمنىڭ
ئىككى پېشىنى كىرىشتۈرۈپ تۇتۇ، ئەگەر تار بولسا ئىزار قىلىپ كەي.»
[241] ئەنەس
رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن:«نامازدا ئوڭ سولغا قاراشتىن ساقلان.
چۈنكى بۇ ھالاك بولۇشتۇر. ئەگەر قارىشىڭ كېرەك بولسا، پەقەت نەپلە نامىزىڭدا
قارىغىن.»(بۇ ھەدىسنى تىرمىزى سەھىھ ھالەتتە رىۋايەت قىلغان)
[246] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت
قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاماق تەييار
بولغاندا ۋە ئىككى نىجاسەت قىستىغاندا ناماز ئوقۇلماس.»(بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم
رىۋايەت قىلغان)
[247] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەسنەش شەيتاندىندۇر. سىلەردىن بىرىڭلار ئەسنىسە، كۈچىنىڭ
يېتىشىچە ئەسنەشنى يېڭىشكە تىرىشسۇن.»(بۇ ھەدىسنى مۇسلىم ۋە تىرمىزى رىۋايەت
قىلغان. تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىدە ‹نامازدا› ئىپادىسى زىيادە كەلگەن.)
ئالتىنجى:
مەسجىدلەر بۆلۈمى
[248]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆيلەردە مەسجىدلەر بىنا قىلىنىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ پاكىزلىنىپ،
خۇشپۇراق چېچلىشىنى ئەمىر قىلدى.»(بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى
رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى بۇ ھەدىسنىنىڭ مۇرسەل ھالدا سەھىھ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان)
[249] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ يەھۇدىيلارغا غەزەپ قىلسۇن! ئۇلار
پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى مەسجىد قىلىۋالدى.» (بۇ ھەدىس بىرلىككە كەلگەن
ھەدىستۇر. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە «ۋە خىرىستىيانلارغا» دېگەن ئىبارە ئارتۇق كەلگەن)
[250]
[251]
[252] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسجىدتتە شېئىر
ئوقۇغان ھەسسان ئىبنى سابىتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا ھومايدى. بۇنىڭ بىلەن ھەسسان
‹مەن بۇ يەردە سەندىن ياخشىسى (يەنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) بار
چاغدىمۇ شېئىر ئوقۇغانمەن› دېدى.»(بۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىستۇر)
[253] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم بىر كىشىنىڭ يۈتۈپ كەتكەن نەرسىسىنى مەسجىدتە
ئىزدەۋاتقىنىنى ئاڭلىسا ‹ئاللاھ ئۇ نەرسەڭنى ساڭا تاپقۇزمىسۇن› دېگەي. چۈنكى،
مەسجىدلەر بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن سېلىنغان ئەمەس.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت
قىلغان)
[254] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر كىشىنىڭ مەسجىدتتە بىر نەرسە ساتقىنىنى ياكى
سېتىۋالغىنىنى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭغا ‹ئاللاھ بۇ تىجارىتىڭگە مەنپەئەت بەرمىسۇن›
دەڭلار.»(بۇ ھەدىسنى تىرمىزى ۋە نەسەئىي رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن
دېگەن.
[255]
زەئىپ.
[256]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«سەئىد (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)
خەندەك جېڭىدە يارىلاندى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنى تېخىمۇ
يېقىندىن ۋە دائىم يوقلاپ تۇرالىشى ئۈچۈن مەسجىدتە ئۇنىڭ بىر چېدىر قۇرۇپ بەردى.»
(بۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىستۇر.)
[257]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«مەن مەسجىدتە ھەبەشىلەرنىڭ
ئويۇنىنى تاماشا قىلىۋاتقىنىمدا رەسۇلۇللاھنىڭ مېنى يوشۇرغىنىنى كۆردۈم.» (بۇ ھەدىس
مۇتتەفەقۇن ئەلەيھىدۇر)
شەرھ:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئائىشە ئانىمىزنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكى
ئالدىدا ئۆرە تۇرغان بولۇپ، ئائىشە ئانىمىز ئۇ زاتنىڭ ئارقىسىدا ئىدى.
بۇ ھەدىس
ئايال كىشىنىڭ نامەھرەم ئەرلەرگە بىر-بىرلەپ ئەمەس، توپ ھالەتتىكى نامەھرەملەرگە
قارىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. باشقا رىۋايەتلەر، ھەبەشىستانلىقلارنىڭ
قالقان ۋە نەيزە بىلەن ئۇيۇن ئوينىغانلىقىنى، بۇ كۈننىڭ ھېيىت كۈنى ئىكەنلىكىنى
ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق ئويۇنلار بىر تۈرلۈك جەڭ تەلىمىدۇر. بۇ ھەدىس يەنە بۇ خىلدىكى
ئۇيۇنلارنىڭ مەسجىدتە ئوينىلىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق، بۇ
ھەدىستىن ئويۇنلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ مەسجىدتە پۈتۈن ئويۇنلارنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى
ھۆكۈمى چىقىرىلمايدۇ.
[258]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«قارا تەنلىك بىر دېدەكنىڭ
مەسجىدتە چېدىرى بار ئىدى. يېنىمغا كېلىپ مەن بىلەن پاراڭلىشاتتى.» (بۇ ھەدىس
مۇتتەفەقۇن ئەلەيھتۇر)
[259] ئەنەس
رەزىيەلاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن:«مەسجىدكە تۈكۈرۈش خاتالىق. ئۇنىڭ كافارىتى تۈكۈرۈكنى كۆمۈۋېتىش.»(بۇ
بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)
[260] ئەنەس
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن:«كىشىلەر مەسجىدلەردە ماختىنىشىپ چوڭچىلىق قىلىشمىغۇچە قىيامەت
بولمايدۇ.» بۇ ھەدىسنى تىرمىزىدىن باشقا بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. ئىبنى خۇزەيمە
سەھىھ دېگەن.
[261] ئىبنى
ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن:«مەن مەسجىدلەرنى بېزەشكە بۇيرۇلمىدىم.» (ئىمام ئەبۇ داۋۇد توپلىغان.
ئىمام ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن. ئىمام ئىبنى ھەجەر «بۇلۇغۇلمەرام» 261-نومۇرلۇق ھەدىس)
مۇھەددىس شەيخ
سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: (چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن
ئىككى نۇقتىغا بۆلۈپ تەرجىمە قىلدۇق)
1. ھاك تېشى ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن بېزەشكە بۇيرۇلمىدىم.
2. بۇ ھەدىس مەسجىد بېزەشنىڭ ياخشى ئەمەللەردىن ھېسابلانمايدىغانلىقىنى
ۋە بۇنىڭ دىندا ماختىلىدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
[272] ئىبنى
ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
ناماز باشلىغاندا، رۇكۇغا ئېگىلگەندە، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ تەكبىر ئېيتقاندا قوللىرىنى
ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى.» (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت
قىلغان؛ بۇلۇغۇلمەرام 272-نومۇرلۇق ھەدىس)
[273]
ئىمام ئەبۇ
داۋۇد ئەبۇ ھۇمەيدتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
ناماز باشلىغاندا قوللىرىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرۈپ، ئاندىن («ئاللاھۇ ئەكبەر»)
دەپ تەكبىر ئېيتقانلىقى بايان قىلىنغان. (ئىمام ئىبنى ھەجەر-بۇلۇغۇلمەرام 273-نومۇرلۇق
ھەدىس) مۇھەددىس سەفىيۇۇراھمان مۇبارەكفۇرى بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس
نامازنى باشلىغاندا قوللارنى كۆتۈرگەندىن كېيىن («ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ) تەكبىر ئېيتىلىدىغانلىقىنى
بىلدۈرىدۇ. بىراق، بۇنىڭ ئەكسىدە («ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندىن كېيىن قوللارنى كۆتۈرگەنلىكى
توغرۇلۇق) ھەدىسلەرمۇ بار. شۇ ۋەجىدىن، بۇ جەھەتتە ئىختىيارلىق بار. ئۇ يەنە مۇنداق
دېگەن: بۇ ھەدىستە يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا
قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىمۇ بايان قىلىنغان. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام
شەرھى» 117-بەت)
ناماز
كىتابى
[325] جابىر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم ياستۇققا سەجدە قىلىۋاتقان بىر كېسەلنىڭ ياستۇقىنى ئېلىۋېتىپ مۇنداق
دېگەن:«كۈچۈڭ
يەتسە يەرگە سەجدە قىل، يەتمىسە ئىشارەت بىلەن سەجدە قىل. سەجدەڭ رۇكۇدىن پەس
بولسۇن.» (بۇ ھەدىسنى بەيھەقى كۈچلۈك سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان. ئەبۇ
ھاتىم ھەدىسنىڭ مەۋقۇف ھالەتتە سەھىھ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان)
8-سەھۋەنلىك
سەجدىسى ۋە باشقا سەجدىلەر
[326]
[331] ئىمام
ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەردىن مەرفۇ ھالەتتە مۇنۇ
ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان:«كىم نامىزىدا شۈبھىگە
چۈشكسە، سالام بەرگەندىن كېيىن ئىككى سەجدە قىلسۇن.» (ئىبنى خۇزەيمە بۇ
ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)
[478] ئىبنى
ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۇمەر ھېيىت نامازلىرىنى خۇتبىدىن
ئىلگىرى ئوقۇيتتى.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
[479] ئىبنى
ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق نەقىل قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھېيىت كۈنى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى. بۇ ئىككى
رەكئەتلىك نامازدىن ئىلگىرىمۇ، كېيىنمۇ ناماز ئوقۇمىدى.» (يەتتە ئىمام
رىۋايەت قىلغان ھەدىس)
[480] ئىبنى
ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق نەقىل قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھېيىت نامىزىنى ئەزانسىز ۋە قامەتسىز ئوقۇدى.»
(ھەدىس ئەبۇ داۋۇتنىڭ؛ بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارىدا بار)
[481] ئەبۇ
سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھېيىت نامىزى ئوقۇشتىن ئىلگىرى باشقا (نەپلە) ناماز
ئوقۇمايتتى. ئۆيىگە قايتقاندا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.» (بۇ
ھەدىسنى ئىبنى ماجە ھەسەن سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان)
[482] ئەبۇ
سەئد رەزىيەللھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىتتا نامازگاھقا بېرىش
ئۈچۈن (ئۆيىدىن) چىقاتتى. (نامازگاھتا) قىلىدىغان تۇنجى ئىشى ناماز ئىدى. ئاندىن
بېرىپ سەپلەردىكى كىشىلەرگە يۈزلىنىپ ئۆرە تۇرغان ھالەتتە ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت
قىلىپ، قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى بۇيرۇيتتى.» (بۇ ھەدىس بۇخارى ۋە
مۇسلىمنىڭ)
[483] ئەمىر
ئىبنى شۇئەيىب دادىسىدىن، ئۇ چوڭ دادىسىدىن مۇنداق نەقىل قىلغان: پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«روزا
ھېيىت نامىزىدا تۇنجى رەكئەتتە يەتتە قېتىم، ئىككىنجىسىدى بەش قېتىم تەكبىر
ئوقۇلىدۇ. ھەر رەكئەتتىكى يۇقارقى تەكبىرلەردىن كېيىن ئىككىلى رەكئەتتە قىرائەت
قىلىنىدۇ.» (ھەدىس ئەبۇ داۋۇدنىڭ؛ ئىمام تىرمىزى ئىمام بۇخارىنىڭ بۇ
ھەدىسنى سەھىھ دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان)
[484] ئەبۇ
ۋاقىد ئەل لەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قۇربان ھېيىت نامىزىدا ۋە روزا ھېيىت نامىزىدا قاف
سۈرىسى بىلەن ئىقتەرەبەت سۈرىسىنى ئوقۇيتتى.» (ھەدىس ئىمام مۇسلىمنىڭ)
[485] [486]
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھېيىت كۈنى نامازگاھقا بىر يولدىن باراتتى، باشقا
بىر يول بىلەن قايتاتتى.» (ھەدىس ئىمام بۇخارىنىڭ؛ ئەبۇ داۋۇدتا ئىبنى
ئۇمەردىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رىۋايەت كەلگەن)
[487] ئەنەس
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەدىنەگە
كەلدى. ئۇ چاغدا مەدىنە خەلقىنىڭ بايرام قىلىدىغان ئىككى كۈنى بار ئىدى. بۇ
سەۋەبتىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«ئاللاھ بۇ ئىككى كۈننى سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ خەيرلىك بولغان
ئىككى كۈن بىلەن ئالماشتۇرۇپ بەردى. بۇلار قۇربان ھېيىت ۋە روزا ھېيىتتۇر.»
(ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي بۇ ھەدىسنى سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان)
[488] ئەلىي
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«ھېيىت نامىزىغا
پىيادە بېرىش سۈننەت.» (بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلىپ ھەسەن دېگەن)
[489] ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق نەقىل قىلىنغان:«ھېيىت
كۈنى يامغۇر ياغدى. بۇ سەۋەبلىك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھېيىت
نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇپ بەردى.» (ھەدىس ئەبۇ داۋۇتتىن ئاجىز ئىسناد
بىلەن رىۋايەت قىلىنغان)
[546] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت
قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر مۇسۇلمان ئۆلسە، ئۇنىڭ جىنازا نامىزىغا ئاللاھقا ھېچنېمىنى
شېرىك كەلتۈرمىگەن قىرىق كىشى قاتناشسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆلۈك توغرىسىدىكى
شاپائىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
[547]
سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«نىفاس ھالىتىدە ۋاپات تاپقان بىر ئايالنىڭ جىنازا نامىزىنى
رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئوقۇدۇم. رەسۇلۇللاھ جىنازىنىڭ ئوتتۇرىسىغا
توغرىلىنىپ تۇرغان ئىدى.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
[548]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«ئاللاھ
بىلەن قەسەمكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بەيدانىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ
جىنامازە نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇدى.» (مۇسلىم)
[549]
ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇ لەيلادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: زەيد ئىبنى ئەرقەم (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) جىنازە نامازلىرىنى تۆت
تەكبىر بىلەن ئوقۇيتتى. بىر جىنازە نامىزىنى بەش تەكبىر بىلەن ئوقۇدى. ئۇنىڭدىن بۇنداق
قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىۋىدىم «رەسۇلۇللاھ بەش تەكبىر ئېيتاتتى» دېدى.
(بۇ ھەدىسنى مۇسلىم ۋە تۆت ئىمام رىۋايەت قىلغان)
[550]
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇ
زات سەھل ئىبنى ھۇنەيىفنىڭ نامىزىنى ئالتە تەكبىر بىلەن قىلغان. ئۇ زات سەھلنىڭ بەدرى
ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقىنى ئېيتقان. (ھەدىسنى سەئد ئىبنى مەنسۇر رىۋايەت
قىلغان؛ ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارىدا)
[551] جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق
رىۋايەت قىلىنىدۇ:«رەسۇلۇللاھ جىنازە نامىزىنى تۆت
تەكبىر بىلەن ئوقۇيتتى. تۇنجى تەكبىردىن كېيىن سۈرە فاتىھەنى ئوقۇيتتى.»
(بۇ ھەدىسنى ئىمام شافىي زەئىپ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان)
[552] تەلھە ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەۋف
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان:«ئىبنى
ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نامىزىدا بىر جىنازە نامىزىغا قاتناشتىم. ئۇ جىنازە
نامىزىدا فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇدى (نامازدىن كېيىن)، ‹بىلىنسۇنكى، بۇ سۈننەتتۇر›
دېدى.» (بۇخارى)
سودا-سېتىق
كىتابى
[818] ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېگەن:«جازانىنىڭ يەتمىش ئۈچ تۈرى بار. جازانىنىڭ
ئەڭ يېنىكى (گۇناھتا) بىر كىشىنىڭ ئۆز ئانىسى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغىنىغا
ئوخشاش. جازانىنىڭ ئەڭ ئېغىرى بىر مۇسۇلماننىڭ ئىززەت-ئابرۇيى (نى تۆكۈش) تۇر.»
(ھەدىسنى ئىبنى ماجە قىسقىچە رىۋايەت قىلغان، ھاكىم تولۇق رىۋايەت قىلىپ سەھىھ
دېگەن؛ بۇلۇغۇلمەرام 818)
[819]
ئەبۇ سەئىد
خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئالتۇننى ئالتۇنغا پەقەت مىقدارى ئوخشاش بولغان ھالەتتە
سېتىڭلار، بىر بىرىدىن ئۈستۈن تۆۋەن قىلماڭلار. كۆمۈشنى كۆمۈشكە پەقەت مىقدارى
ئوخشاش بولغان ھالەتتە سېتىڭلار، بىر-بىرىدىن ئۈستۈن تۆۋەن قىلماڭلار. يوق نەرسىنى
بار نەرسىگە ساتماڭلار.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
[821]
ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق
دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ئالتۇن بىلەن ئالتۇن ئېغىرلىقى ئېغىرلىقىغا، تۈرى
تۈرىگە سېتىلىدۇ. كۆمۈش بىلەن كۆمۈش ئېغىرلىقى ئېغىرلىقىغا، تۈرى تۈرىگە سېتىلىدۇ.
كىمكى ئارتۇق بەرسە ياكى ئارتۇق ئالسا بۇ جازانىدۇر.» (مۇسلىم)
[1457] ئابدۇللاھ
ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتا-ئانىنى رازى قىلىش بىلەن قولغا
كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ غەزىپى ئاتا-ئانىنى غەزەپلەندۈرۈش بىلەن بولىدۇ.»(بۇ ھەدىسنى
تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن؛ بۇلۇغۇلمەرام
1457-نومۇرلۇق ھەدىس)
جىھاد
كىتابى
[1258] عَنْ
أَبِي هُرَيْرَةَ رَ ضِيَ اَللَّهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اَللَّهِ - صلى
الله عليه وسلم -{ " مَنْ مَاتَ وَلَمْ يَغْزُ, وَلَمْ يُحَدِّثْ نَفْسَهُ
بِهِ, مَاتَ عَلَى شُعْبَةٍ مِنْ نِفَاقٍ" } رَوَاهُ مُسْلِمٌ(1910)
ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق
دېگەنلىكىنى ئېيتقان:«كىمكى غازات قىلماستىن ۋە غازات
قىلىشنى ئارزۇ قىلماستىن ئۆلسە، نىفاقنىڭ بىر تۈرى ئۈستىدە ئۆلىدۇ.»
(بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان؛ 1910-نومۇرلۇق ھەدىس)
شەرھ:
«جىھاد» نىڭ
لۇغەت مەنىسى قىيىنچىلىق ۋە غەيرەت كۆرسىتىشتە مۇبالىغە مەنىسىدە بولۇپ؛ جىھادنىڭ
شەرئىي مەنىسى: دىننى مۇداپىئە قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن
كاپىرلارنىڭ ۋە ئاسىيلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى جەھەتتە غەيرەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
«غازات
قىلماستىن ۋە غازات قىلىشنى ئارزۇ قىلماستىن ئۆلسە» يەنى دىن دۈشمەنلىرى بىلەن
ئۇرۇشماستىن ئۆلسە ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشۇش ئىمكانى تېپىلغان، بۇنىڭ ۋاقتى
كەلگەندە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشنى خالىمىسا ۋە بۇنى نىيەت قىلمىسا «نىفاقنىڭ بىر
تۈرى ئۈستىدە ئۆلىدۇ.»
«مۇشرىكلارغا
قارشى ماللىرىڭلار بىلەن، جانلىرىڭلار بىلەن، ۋە تىلىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار.» (ھەدىسنى
ئىمام ئەھمەد ۋە نەسائىي رىۋايەت قىلغان؛ ئىمام ھاكىم سەھىھ دېگەن)
شەرھ:
«تىلىڭلار بىلەن» يەنى، تىل بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد كاپىرلارغا قارشى دەلىللەرنى
ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يولىغا دەئۋەت قىلىش، ھەجۋ قىلىش ۋە غەيرىتىنى
يوقۇتۇپ ئۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى ئۈچۈن قۇرقۇتۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەنەستىن،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «وَالَّذِي نَفْسِي بِيَدِهِ لَا يُؤْمِنُ
عَبْدٌ حَتَّى يُحِبَّ لِجَارِهِ - أَوْ لِأَخِيهِ- مَا يُحِبُّ لِنَفْسِهِ».
مُتَّفَقٌ عَلَيْهِ.
«جېنىم
قولى ئىلىكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى: بەندە ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى قوشنىسى
ياكى (دىن) قېرىندىشى ئۈچۈن ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.»(بۇخارى13؛
مۇسلىم45)
[«بۇلۇغۇلمەرام» 1459-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن: پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن قايسى گۇناھنىڭ ئەڭ چوڭ گۇناھ بولىدىغانلىقىنى
سورىۋىدىم «ئاللاھ سېنى ياراتقان تۇرسىمۇ، ئاللاھقا
شېرىك قوشۇشۇڭدۇر» دېدى. ئاندىنچۇ؟ دەپ سورىۋىدىم «ئاندىن ئۆزۈڭ بىلەن بىللە تاماق يېيىشىدىن ئەنسىرەپ
پەرزەنتىڭنى ئۆلتۈرۈشۈڭدۇر» دېدى. ئاندىن قايسىسى؟ دەپ سورىۋىدىم «قوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭدۇر»
دېدى.(بۇخارى4477؛ مۇسلىم86) [وَعَنِ ابْنِ مَسْعُودٍ - رضي الله عنه -
قَالَ سَأَلْتُ رَسُولَ اللَّهِ - صلى الله عليه وسلم - أَيُّ الذَّنْبِ أَعْظَمُ?
قَالَ: «أَنْ تَجْعَلَ لِلَّهِ نِدًّا, وَهُوَ خَلَقَكَ». قُلْتُ ثُمَّ أَيُّ?
قَالَ: «ثُمَّ أَنْ تَقْتُلَ وَلَدَكَ خَشْيَةَ أَنْ يَأْكُلَ مَعَكَ». قُلْتُ:
ثُمَّ أَيُّ? قَالَ: «ثُمَّ أَنْ تُزَانِيَ حَلِيلَةَ جَارِكَ». مُتَّفَقٌ
عَلَيْهِ.]
[«بۇلۇغۇلمەرام»
1460-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: «مِنَ
الْكَبَائِرِ شَتْمُ الرَّجُلِ وَالِدَيْهِ». قِيلَ: وَهَلْ يَسُبُّ الرَّجُلُ
وَالِدَيْهِ? قَالَ: «نَعَمْ. يَسُبُّ أَبَا الرَّجُلِ, فَيَسُبُّ أَبَاهُ,
وَيَسُبُّ أُمَّهُ, فَيَسُبُّ أُمَّهُ». مُتَّفَقٌ عَلَيْهِ.
«كىشىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى تىللىشى گۇناھلارنىڭ
ئەڭ چوڭىدۇر.» بۇنى ئاڭلاپ، ساھابىلەر «ئىنسان قانداقمۇ ئاتا-ئانىسىنى تىللامدۇ؟»
دېيىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«شۇنداق. ئۇ براۋنىڭ دادىسىنى
تىللايدۇ، بىراۋمۇ ئۇنىڭ دادىسىنى تىللايدۇ. ئۇ براۋنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ، براۋمۇ
ئۇنىڭ ئانىسىنى تىللايدۇ.»(بۇخارى 5973؛ مۇسلىم 90)
ئەبۇ
ئەييۇب ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ
مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «لَا يَحِلُّ لِمُسْلِمٍ أَنْ يَهْجُرَ أَخَاهُ فَوْقَ ثَلَاثِ
لَيَالٍ يَلْتَقِيَانِ, فَيُعْرِضُ هَذَا, وَيُعْرِضُ هَذَا, وَخَيْرُهُمَا
الَّذِي يَبْدَأُ بِالسَّلَامِ». «بىر مۇسۇلماننىڭ دىنىي
قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تەرك ئېتىشى، ئۇچراشقىنىدا بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈشى
ھالال ئەمەس. ئۇ ئىككىسىدىن ئەڭ ياخشىسى ئاۋۋال سالام بەرگىنىدۇر.» (بۇخارى 6077 ۋە مۇسلىم 2560)
شەرھ: «ئۈچ
كۈندىن ئارتۇق تەرك ئېتىشى» بىر مۆمىننىڭ يەنە بىر مۆمىن بىلەن ئۇچراشقىنىدا
گەپلەشمەي بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈشى دېمەكتۇر.
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «كُلُّ
مَعْرُوفٍ صَدَقَةٌ»«ھەر
قانداق ياخشىلىق سەدىقىدۇر.» (بۇخارى 6021)
شەرھ: ھەدىستىكى «مەرفۇئ» ياخشىلىق جۈملىسىدىن
سانىلىدىغان ھەممە ئىش-ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندىكى
ھەدىس شۇ ياخشىلىقتىن بىرىنى ئىپادە قىلىدۇ.(سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى)
ئەبۇ زەر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى
بايان قىلغان:
(لَا
تَحْقِرَنَّ مِنَ الْمَعْرُوفِ شَيْئًا, وَلَوْ أَنْ تَلْقَى أَخَاكَ بِوَجْهٍ
طَلْقٍ) «ھەر قانداق ياخشىلىقنى كىچىك كۆرمىگىن، دىنىي قېرىندىشىڭنىڭ يۈزىگە
كۈلۈپ قاراشمۇ شۇ ياخشىلىقنىڭ ئىچىدە.» (مۇسلىم2626؛ بۇلۇغۇلمەرام1464)
ئەبۇ
زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق
دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:
«إِذَا
طَبَخْتَ مَرَقَةً, فَأَكْثِرْ مَاءَهَا, وَتَعَاهَدْ جِيرَانَكَ»«شورپا سالساڭ سۈيىنى جىق قىلىپ قوشنىلىرىڭغىمۇ
سۇن.» (مۇسلىم
2625)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: {من
نَفَّسَ عَنْ مُؤْمِنٍ كُرْبَةً مِنْ كُرَبِ الدُّنْيَا, نَفَّسَ اللَّهُ
عَنْهُ كُرْبَةً مِنْ كُرَبِ يَوْمِ الْقِيَامَةِ, وَمَنْ يَسَّرَ عَلَى
مُعْسِرٍ, يَسَّرَ اللَّهُ عَلَيْهِ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ, وَمَنْ
سَتَرَ مُسْلِمًا, سَتَرَهُ اللَّهُ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ, وَاللَّهُ
فِي عَوْنِ الْعَبْدِ مَا كَانَ الْعَبْدُ فِي عَوْنِ أَخِيهِ.}«كىم بىر مۇسۇلماننىڭ دۇنيادىكى
قىيىنچىلىقىدىن بىرىنى راۋا قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى قىيىنچىلىقلىرىدىن
بىرىنى يوق قىلىدۇ. كىم قىيىنچىلىقتا قالغان بىرى كىشىنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرسا،
ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. كىم بىر مۇسۇلماننىڭ
ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياپىدۇ. بەندە (دىنىي)
قېرىندىشىغا ياردەم قىلغانلىكى مۇددەتتە، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ.» (مۇسلىم 2699)
Yorumlar
Yorum Gönder