ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر
ناخشا مۇزىكىنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
1. ئەبۇ ئامىر ئەشئەرىي ۋە ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رضي الله عنهما ئىككەيلەن رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلاشقان: رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: چوقۇمكى، ئۈممىتىمدىن زىنا- پاھىشە، يىپەك، ھاراق ۋە مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى ھالال سانايدىغان بىر بۆلۈك ئادەملەر چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قىيامەتكىچە مايمۇن، چوشقىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلىدۇ.- سەھىھ ئىبنى ھىببان 6719- ھەدىس؛ ئەبۇداۋۇد 4039- ھەدىس؛ سەھىھۇلبۇخارىي 5590- سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 91 - ھەدىس
2.ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «چوقۇمكى، ئۈممىتىمدىن بىر بۆلۈك ئادەملەر ھاراقنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئىچىدۇ، باشلىرىدا نەغمە - مۇزىكىلار چېلىنىدۇ، ئايال ناخشىچىلار ناخشا ئېيتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى زېمىنغا يۇتقۇزىۋېتىدۇ، ئۇلاردىن بىر قىسمىنى مايمۇن، چوشقىغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ». (بۇخارىي تەئرىخ 967- ھەدىس؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 6721- ھەدىس؛ ئىبنى ماجە 4020- سەھىھ ھەدىس)
3.ئىبنى ئابباس رضي الله عنهما مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «چوقۇمكى ئاللاھ ھاراقنى، قىمارنى، ناغرا - دۇمباقنى ھارام قىلدى.» (ئەھمەد 2476- ھەدىس؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 5341- ھەدىس؛ مىشكات مەسابىھ 4503- ھەدىس؛ سەھىھ ھەدىس توپلىمى 1708 - ھەدىس. ئەسكەرتىش: ناغرا- دۇمباقنى ئېنىق بىلمەكچى بولسىڭىز: ‹‹الْكُوبَةُ››، ‹‹الطَّبْلُ›› نىڭ سۈرىتىنى google دىن ئىزدەپ بېقىڭ.
4. ناپىئ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنەينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، بارماقلىرى بىلەن قۇلىقىنى ئېتىۋالدى ۋە يولدىن چەتكە چىقىپ، ماڭا قاراپ: ناپىئ بىرەر ئاۋاز ئاڭلاۋاتامسەن دېدى، مەن: ياق ئاڭلىمىدىم دېگەندىن كېيىن، بارمىقىنى قۇلىقىدىن ئىلىپ، مەن بىر قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىدىم، ئۇ يۇقىرىقىدەك ئاۋازنى ئاڭلىغاندا، مۇشۇنداق قىلغان ئىدى، دىدى. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
5. ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بۇ ئۈممەتتە ناخشا-مۇزىكىچى ئاياللار، نەغمە-ناۋا، ھاراق ئىچىش يېيىلغاندا يەر يۈتۈپ كېتىش، سۈرىتى ئۆزگىرەپ كېتىش، ئاسماندىن تاش يېغىش قاتارلىق ئىشلار يۈز بېرىدۇ.»(تىرمىزى 2212؛ سەھىھۇل جامىئ 4273)
8. ئۇممۇ ئەلقەمەدىن مۇنداق دەيدۇ: (أَنَّ أُمَّ عَلْقَمَةَ أَخْبَرَتْهُ، أَنَّ بَنَاتَ أَخِي عَائِشَةَ اخْتُتِنَّ، فَقِيلَ لِعَائِشَةَ: أَلاَ نَدْعُو لَهُنَّ مَنْ يُلْهِيهِنَّ؟ قَالَتْ: بَلَى. فَأَرْسَلْتُ إِلَى عَدِيٍّ فَأَتَاهُنَّ، فَمَرَّتْ عَائِشَةُ فِي الْبَيْتِ فَرَأَتْهُ يَتَغَنَّى وَيُحَرِّكُ رَأْسَهُ طَرَبًا، وَكَانَ ذَا شَعْرٍ كَثِيرٍ، فَقَالَتْ: أُفٍّ، شَيْطَانٌ، أَخْرِجُوهُ، أَخْرِجُوهُ) مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىنىسىنىڭ قىزىنىڭ خەتمىسى قىلىنغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن «ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان بىرەرسىنى چاقىرساق بولامدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «بولىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەدىي دېگەن كىشى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈلدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ قويۇق چاچلىق ئەدىينىڭ مەجنۇنلارچە بېشىنى چايقاپ ناخشا توۋلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ «(ئۇ) شەيتان (ئىكەن) . ئۇنى چىقىرىۋېتىڭلار! ئۇنى چىقىرىۋېتىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. (بۇخارى «ئەدەب ئەلمۇفرەد» 1247؛ ئەلبانى ھەسەن دېگەن)

6. ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ «ئەدەب ئەلمۇفرەد» ناملىق ھەدىس كىتابىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ {وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لقمان}{بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ}(لوقمان سۈرىسى،6-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) دېگەن ئايەتنى ناخشا ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغانلار ئۈچۈن نازىل بولغان دەپ تەپسىرلىگەن.(سەھىھ ھەدىس؛ ئەلبانى: سەھىھ ئەدەب ئەلمۇفرەد،603)
7. ئابدۇللاھ ئىبنى دىينار رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: (خرجْتُ مع عَبْدِ اللهِ بنِ عمرَ إلى السُّوقِ فمرَّ على جَارِيَةٍ صَغِيرَةٍ تُغَنِّي فقال إِنَّ الشيطانَ لَوْ تركَ أحدًا لَتركَ هَذِهِ) مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن كوچىغا چىقتىم. ئۇ زات ناخشا ئېيتىۋاتقان كىچىك دېدەك قىزنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ:«ئەگەر شەيتان بۇ يەردە بىر نەرسە قويۇپ قويغان بولسا، چوقۇمكى مۇشۇ ناخشا ئېيتىۋاتقان قىزنى قويۇپ قويدى» دېدى.(ئىمام بۇخارى «ئەدەب ئەلمۇفرەد» 784-ھەدىس؛ ئەلبانى ھەسەن دېگەن)
8. ئۇممۇ ئەلقەمەدىن مۇنداق دەيدۇ: (أَنَّ أُمَّ عَلْقَمَةَ أَخْبَرَتْهُ، أَنَّ بَنَاتَ أَخِي عَائِشَةَ اخْتُتِنَّ، فَقِيلَ لِعَائِشَةَ: أَلاَ نَدْعُو لَهُنَّ مَنْ يُلْهِيهِنَّ؟ قَالَتْ: بَلَى. فَأَرْسَلْتُ إِلَى عَدِيٍّ فَأَتَاهُنَّ، فَمَرَّتْ عَائِشَةُ فِي الْبَيْتِ فَرَأَتْهُ يَتَغَنَّى وَيُحَرِّكُ رَأْسَهُ طَرَبًا، وَكَانَ ذَا شَعْرٍ كَثِيرٍ، فَقَالَتْ: أُفٍّ، شَيْطَانٌ، أَخْرِجُوهُ، أَخْرِجُوهُ) مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىنىسىنىڭ قىزىنىڭ خەتمىسى قىلىنغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن «ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان بىرەرسىنى چاقىرساق بولامدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «بولىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەدىي دېگەن كىشى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈلدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ قويۇق چاچلىق ئەدىينىڭ مەجنۇنلارچە بېشىنى چايقاپ ناخشا توۋلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ «(ئۇ) شەيتان (ئىكەن) . ئۇنى چىقىرىۋېتىڭلار! ئۇنى چىقىرىۋېتىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. (بۇخارى «ئەدەب ئەلمۇفرەد» 1247؛ ئەلبانى ھەسەن دېگەن)
Yorumlar
Yorum Gönder