مەۋلۇتقا ئاتاپ بوغۇزلارنغان مالنىڭ گۆشىنى يېيىشنىڭ ھۆكمى



بىدئەتلەرنىڭ چوڭى ھېسابلانغان «مەۋلۇت» قا ئاتاپ بوغۇزلانغان مالنىڭ گۆشىنى يېيىشنىڭ ھۆكمى
سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات – دائىمىي پەتىۋا كومىتېتىنىڭ 10685 – نومۇرلۇق پەتىۋاسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
1- سوئال: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەۋلۇتىغا (تۇغۇلغان كۈنىگە) ئاتاپ بوغۇزلانغان مالنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولامدۇ؟
جاۋاب: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ياكى ۋەلىيلەرنىڭ مەۋلۇتىدا ئۇلارغا ھۆرمەت كۆرسىتىش مەقسىتىدە مال ئۆلتۈرۈش ـــ ئاللاھتىن باشقا بىرى ئۈچۈن مال قۇربانلىق قىلىش بولۇپ، بۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. بۇنداق مالنىڭ گۆشىنى يېيىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئاللاھ ئۆزىدىن غەيرىگە ئاتاپ مال بوغۇزلىغانلارغا لەنەت قىلدى» دېگەن. (سەھىھۇل مۇسلىم 1978 – ھەدىس).
ئاللاھتىن تەۋپىق تىلەيمىز. دۇرۇد – سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلەرگە بولغاي.
پەتىۋا بەرگۈچىلەر: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى،ئەللامە ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبن غۇدەييا

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى