ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشى ۋاجىب تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ھەج قىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ نىقاب ۋە پەلەي كىيىشى چەكلىنىدۇ؟




دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى ـــــ ئىسلام سوئال  جاۋابلىرى تورى (islamqa.info)دىكى 223954  نومۇرلۇق پەتىۋا. «فۇرقان دەۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق مەنپەئەتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

سوئال: سىلى تور بەتلىرىدىكى 172289 نومۇرلۇق پەتىۋادا «ھەدىستە كۆرسىتىلگىنىدەك، ئاياللارنىڭ ئىھراملىق ھالىتىدە نىقاب ۋە پەلەي كىيىشى چەكلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىھرامدىكى ئاياللار چوقۇم يۈزىنى نىقاب ياكى بۇرقا (يۈز ياپقۇنىڭ بىر خىلى)دىن باشقا نەرسە بىلەن يېپىشى كېرەك» دەپتىلا. مېنىڭ سوئالىم: يۈز يېپىش ۋاجىب تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئىھرامدا نىقاب كىيىش چەكلىنىدۇ؟

جاۋاب: بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر. 
ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە كۆرسىتىلگىنىدەك، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەج ياكى ئۆمرىگە ئىھرام باغلىغان ئاياللارنى نىقاب ۋە پەلەي كىيىشتىن چەكلىگەن. 
ئەمما، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىھرامدىكى ئاياللارنى يۈز يېپىشتىنچەكلىگەنلىكىگە ياكى ئۇلارغا (نامەھرەم ئەرلەر بار يەردە) يۈزىنى ياپماسلىققا يول قويغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق دەلىل يوق. شۇ ۋەجىدىن، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە ئىھرامدىكى ئاياللار ئەتراپىدا نامەھرەم ئەرلەر بولغان ئەھۋالدا يۈزىنى نىقابتىن باشقا نەرسە بىلەن ياپاتتى. 

بۇ مەسىلە 172289  نومۇرلۇق پەتىۋايىمىزدا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.

«ئىھرامدىكى ئاياللار نىقاب ۋە پەلەي كىيىشتىن چەكلەندى» دېگەنلىك ئۇلار ئىھرامدا يۈز ۋە قولغا دەل كەلگۈدەك، (يۈز ۋە قولغا) مەخسۇس نەرسىلەرنى كىيىشتىن چەكلەندى، دېگەنلىكتۇر. بۇ ھەرگىزمۇ ئاياللار ئىھرامدا يۈز بىلەن قولنى ئوچۇق قويۇشى كېرەك دېگەنلىك ئەمەس.
بۇ خۇددى رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىھرامدىكى ئەرلەرنى ئايرىم كۆينەك ياكى ئىچ كىيىم كىيىشتىن چەكلىگىنىگە ئوخشاشلا بىر ئىش. بۇ ھەرگىز ئىھرامدىكى ئەرلەر يالىڭاچ يۈرسۇن دېگەنلىك ئەمەس! ئەكسىچە، (ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك) ئىھرامدىكى ئەرلەر بەدىنىنى ئىزار ۋە رىدا بىلەن يېپىشى كېرەك. 
ئەرلەرگە قارىتىلغان بۇ چەكلىمە پەقەتلا ئەرلەرنىڭ بەدەنگە دەل كېلىدىغان (كۆينەك، ئىچ كىيىم دېگەندەك) كىيىملەرنى كىيسە بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما بەدىنىنى باشقا كىيىملەر بىلەن يېپىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكىنىدەك، ئىھرامدىكى ئاياللار نىقاب ۋە پەلەي كىيىشتىن چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئۇلار يۈزلىرى ۋە قوللىرىنى باشقا نەرسىلەر بىلەن يېپىشى كېرەك.

ئەللامە ئىبن قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارنىڭ ئىھرامدا ياكى باشقا ھەرقانداق ۋاقىتتا يۈزىنى ئېچىۋېتىشىگە يول قويغان ئەمەس. ئەكسىچە، ئالاقىدار دەلىللەر پەقەتلا ئاياللارنىڭ ئىھرامدا نىقاب ۋە پەلەي كىيىشىنىڭ، (ئەرلەرنىڭمۇ) كۆينەك ۋە ئىچ كىيىم كىيىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىسى ھەممىگە ئايدىڭكى، يۇقىرىقى نەرسىلەرنىڭ كىيىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەرگىزمۇ مۇشۇ كىيىملەر كىيىلىدىغان ئەزالارنىڭ ئوچۇق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، ئالىملار ئىھرامدىكى ئەرلەرنىڭ بەدىنىنى رىدا ۋە ئىزار بىلەن يېپىشى كېرەكلىكىگە ئىجمائقا كەلگەن.
شۇنداق تۇرۇقلۇق، (ئىھرامدا نىقاب ۋە پەلەي كىيىشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدىكى) ھەدىسنى قانداقسىگە بۇ دەرىجىدە مۇبالىغىلەشتۈرۈپ، «ئاياللارنىڭ ئىھرامدا، شۇنچە كۆپ ئىنساننىڭ ئارىسىدا يۈزىنى ۋە قولىنى ئوچۇق قويۇشى كېرەكلىكى»نى كۆرسىتىدۇ دېگىلى بولىدۇ؟
قايسى دەلىل، قايسى شەرھى، قايسى مەنە، قايسى ئىلىم ياكى قايسى مەنپەئەت بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ؟
ئەكسىچە، (ئىھرامدا) ئاياللارنىڭ يۈزى ئەرلەرنىڭ بەدىنىگە ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىھرامدىكى ئاياللارنىڭ يۈزىنى نىقاب ياكى بۇرقاغا ئوخشاش يۈزگە دەل كېلىدىغان كىيىملەر بىلەن يېپىشى چەكلىنىدۇ. ئەمما، قولنى كىيىمنىڭ يېڭى بىلەن، يۈزنى رومال ياكى كىيىم بىلەن يېپىۋېلىشقا كەلسەك، بۇ ھەرگىز چەكلەنگەن ئەمەس» [بدائع الفوائد 2  جىلىد 664 ~ 665  بەت].

سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات  دائىمىي پەتىۋا كومىتېتىنىڭ پەتىۋاسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن ئىھرام باغلىغان ئايال كىشى بىرىنچى باسقۇچنى تاماملاپ، ئىھرامدىن چىققانغا قەدەر، نىقاب ياكى پەلەي كىيمەسلىكى كېرەك. ئەكسىچە، نامەھرەم ئەرلەرنىڭ ئۇنى كۆرۈپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولسا، رومالىنى چۈشۈرۈپ، يۈزىنى شۇنىڭ بىلەن يېپىشى كېرەك. (ھەج ياكى ئۆمرە جەريانىدا) نامەھرەم ئەرلەردىن خالىي تۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئاياللار ئىزچىل ھالدا يۈزىنى رومىلى بىلەن يېپىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدا ھېچقانداق مەسىلە يوق. ئەينى سەۋەبكە كۆرە، ئۇلار قولىنىمۇ پەلەيدىن باشقا نەرسىلەر بىلەن، مەسىلەن جىلبابنىڭ يېڭى بىلەن يېپىۋالسا بولىدۇ».
بارچە كۈچ  قۇۋۋەت ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ دۇرۇد  سالامى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە بولسۇن! 
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: 
شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز؛
شەيخ ئابدۇرازاق ئەفىفىي؛ شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد.

ئەللامە شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«ئىھرامدىكى ئاياللار نىقاب ۋە پەلەي كىيمەسلىكى كېرەك» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ـــــ ئۇلار يۈز ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن نىقابتەك نەرسىلەرنى، قول ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن پەلەيدەك نەرسىلەرنى كىيمەسلىكى كېرەك دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ بەزى كىشىلەرنىڭ خىيالىدىكىدەك، ئىھرامدىكى ئايال يۈزى ۋە قولىنى ئوچۇق قويۇشى كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. ئىھرامدىكى ئاياللارنىڭ يۈز ۋە قولىنى نىقاب ۋە پەلەي بىلەن ئەمەس، باشقا نەرسىلەر بىلەن يېپىشى ۋاجىب [ئەللامە شەيخ بىن باز پەتىۋالىرى توپلىمى 5  جىلىد 223  بەت].

شەيخ مۇھەممەد ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «شەرھۇل مۇمتى» (165\7)دا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ (ئىھرامدىكى ئاياللارنىڭ) يۈز يېپىشىنى چەكلىگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق دەلىل يوق. ئەكسىچە، ئىھرامدىكى ئاياللار يۈزگە مەخسۇس كىيىم بولغان نىقابنى كىيىشتىن چەكلەنگەن. بۇ خۇددى ئەرلەرنىڭ بەدەنگە مەخسۇس تىكىلگەن كۆينەك ياكى ئىچ كىيىم كىيىشتىن چەكلەنگىنىگە ئوخشايدۇ».

تەرجىماندىن ئىلاۋە: ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە (ھەجدە) ئىھرامدا تۇرغىنىمىزدا ئاتلىق كىشىلەر يېنىمىزدىن ئۆتەتتى. ئۇلار بىزگە يېقىن كەلگەندە بىز جىلبابىمىزنى بېشىمىزدىن چۈشۈرۈپ يۈزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق. ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندە يۈزىمىزنى ئاچاتتۇق» ئەبۇداۋۇد 1562 – ھەدىس

خۇلاسە، ئىھرامدىكى ئاياللار پەقەت يۈز ۋە قول ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن نىقاب، پەلەيلەرنى كىيىشتىن چەكلەنگەن. شۇ ۋەجىدىن، ئالىملار «ئىھرامدىكى ئايالنىڭ يۈزىنىڭ ھۆكمى ئىھرامدىكى ئەرلەرنىڭ بەدىنىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ» دېيىشكەن. 

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق مەنپەئەتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى