نەپسى جىھادنىڭ تۆت تۈرى




پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:(أفضل الجهاد أن يجاهد الرجل نفسه و هواه)«جىھادنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى كىشىنىڭ ئۆز نەپسى-خاھىشىغا قارشى قىلغان جىھادىدۇر.»-ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ئەلبانى سەھىھ جامىئ 1099
جىھاد تۆت چوڭ قىسىمغا بۆلىنىدۇ. شۇنىڭ بىرى نەپسىي جىھادتۇر. نەپسىي جىھاد 
ئۆز ئىچىدىن تۆت قىسىمغا بۆلىنىدۇ. (1) ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى جاھالەتكە قارشى نەپسى بىلەن جىھاد قىلىش؛ (2) ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن ئۆگەنگەنلىرىگە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق نەپسى بىلەن جىھاد قىلىش؛ (3) ئاللاھنىڭ  شەرىئىتىدىن ئۆگەنگەنلىرىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈپ، ھەققە دەئۋەت قىلىش ئارقىلىق نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش؛ (4) باشقىلارغا ھەقنى دەئۋەت قىلىشى سەۋەبلىك دۇچ كېلىدىغان ھۇجۇم ۋە خېيىم-خەتەرلەرگە سەبر قىلىش ئارقىلىق ئۆز نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش. ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ «زادۇل مەئاد» ناملىق ئەسىرىگە قاراڭ-

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى