ھەج قاچان پەرز بولغان؟
ھەج قاچان پەرز بولغان؟
سوئال: ھىجرەتنىڭ نەچچىنچى يىلى ھەج پەرز بولغان؟ بۇ ھەقتىكى ئەڭ سەھىھ كۆز قاراش قايسى؟
پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 4624-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
جاۋاب: ھەجنىڭ پەرز بولغان يىلى توغرىسىدا ئۆلىمالار ئىختىلاپلاشقان. بەزى ئالىملار ھىجرەتنىڭ بەشىنجى يىلى ھەج پەرز بولغان دېسە، بەزى ئالىملار ئالتىنجى يىلى دېگەن؛ بەزى ئالىملار توققۇزىنچى يىلى دېسە، يەنە بەزى ئالىملار ئونىنجى يىلى دېگەن. بۇلاردىن توغرىغا ئەڭ يېقىن بولغان كۆز قاراش ئاخىرقى ئىككىسى بولۇپ، ھەج ھىجرەتنىڭ توققۇزىنچى ۋە ئونىنجى يىلى پەرز بولغان.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد.
پەتىۋانىڭ ئەرەبچىسى:
متى فرض الحج؟
السؤال السادس من الفتوى رقم ( 4624 )
س6: في أي سنة من الهجرة بدأ الحج والرواية الأصح؟
ج6: اختلف العلماء في السنة التي فرض فيها الحج، فقيل في سنة خمس، وقيل في سنة ست، وقيل في سنة تسع، وقيل في سنة عشر، وأقربها إلى الصواب القولان الأخيران، وهو أنه فرض في سنة تسع وسنة عشر، والله أعلم.
وبالله التوفيق وصلى الله على نبينا محمد وآله وصحبه وسلم.
اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء
عضو | عضو | الرئيس |
عبد الله بن قعود | عبد الله بن غديان | عبد العزيز بن عبد الله بن باز |
(الجزء رقم : 11، الصفحة رقم: 11) |
Yorumlar
Yorum Gönder