تەپسىر سەئدى: ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر ئايىتىنىڭ تەپسىرى

ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر ئايىتىنىڭ تەپسىرى


*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
«فۇرقان دەۋەت مەركىزى» «تەپسىر سەئىدى»دىن تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

«ﷲ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر، ﷲ نىڭ نۇرىنىڭ مىسالى خۇددى ئىچىدە چىراق بار تەكچىگە ئوخشايدۇ. چىراق شېشىنىڭ ئىچىدىدۇر، (بۇ) شېشە گويا مەرۋايىتنى ئەسلىتىدىغان يۇلتۇزغا ئوخشايدۇ. چىراق شەرق تەرەپتىمۇ، غەرب تەرەپتىمۇ بولمىغان مۇبارەك زەيتۇن دەرىخى (يەنى شۇ دەرەخنىڭ يېغى) بىلەن يورۇتۇلغان، ئۇنىڭ (يەنى زەيتۇن دەرىخىنىڭ) يېغى (سۈزۈكلۈكىدىن) ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ. (ئوت بىلەن يورۇتۇلسا) نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ. ﷲ خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ نۇرىغا ھىدايەت قىلىدۇ. ﷲ (ئىبرەت ئالسۇن دەپ) كىشىلەرگە مىساللارنى بايان قىلىدۇ، ﷲ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر» [سۈرە نۇر 35 - ئايەت].

«ﷲ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر» ــــــ يەنى ماددىي ۋە مەنىۋى بارلىق نۇر ﷲ  تىندۇر. شۇنداقكى، ئاللاھ زاتى بىلەن نۇردۇر. ئۇنىڭ ھىجابىمۇ نۇردۇر. ئەگەر ﷲ بۇ ھىجابنى ئاچسا، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ نۇرى كۆزى يەتكەن دائىرىدىكى پۈتۈن مەخلۇقاتنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ئەرش، كۇرسى، قۇياش، ئاي ۋە بىز بىلىدىغان نۇر – يورۇقلۇق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نۇرىنى ﷲ  تىن ئالىدۇ. جەننەتمۇ ﷲ  نىڭ نۇرى بىلەن يورۇپ تۇرىدۇ.

بارلىق مەنىۋى نۇرمۇ ﷲ تىندۇر. ئۇنىڭ كىتابى (قۇرئان)مۇ نۇردۇر. شەرىئىتىمۇ نۇردۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە مۇئىمىنلەرنىڭ قەلبىدىكى ئىمان ۋە ﷲ قا بولغان تونۇشمۇ نۇردۇر. ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نۇرى بولمىسا، جاھاننى ئۈستى – ئۈستىگە قاراڭغۇلۇق قاپلىغان بولاتتى. شۇ ۋەجىدىن، ﷲ نىڭ نۇرى بولمىغان ھەريەردە قاراڭغۇلۇق ۋە بىئارامچىلىق بار.

«ﷲ نىڭ نۇرىنىڭ» يەنى قۇرئان نۇرى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ قەلبىدىكى ئىمان نۇرىنىڭ «مىسالى خۇددى ئىچىدە چىراق بار تەكچىگە ئوخشايدۇ». چۈنكى، چىراق تەكچىسى چىراقنىڭ نۇرىنى بىر يەرگە يىغىدۇ، چېچىلىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. «چىراق شېشىنىڭ ئىچىدىدۇر، بۇ شېشە» سۈزۈكلۈكى، پاكىزلىقى ۋە كۆزنى قاماشتۇرۇشى جەھەتتە «گويا مەرۋايىتنى ئەسلىتىدىغان يۇلتۇزغا ئوخشايدۇ». مەرۋايىتتەك پارقىرايدىغان شېشىنىڭ ئىچىدىكى «چىراق شەرق تەرەپتىمۇ، غەرب تەرەپتىمۇ بولمىغان مۇبارەك زەيتۇن دەرىخى (يەنى شۇ دەرەخنىڭ يېغى) بىلەن يورۇتۇلغان»دۇر. يەنى ئۇنىڭ نۇرى ئەڭ پارقىراق زەيتۇن يېغى بىلەن يورۇتۇلغان بولۇپ، بۇ ياغ زەيتۇن دەرىخىدىن چىقىدۇ. بۇ زەيتۇن دەرىخى كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدا ئۈستىگە كۈن چۈشمەيدىغان، شەرققىلا قاراپ تۇرىدىغان ياكى كۈندۈزنىڭ دەسلىپىدە كۈن چۈشمەيدىغان، غەربكىلا قاراپ تۇرىدىغان دەرەخ بولماستىن، بەلكى شەرقتىمۇ ئەمەس، غەربتىمۇ ئەمەس، زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر يەردىدۇر. شام رايونىدا ئۆسكەن زەيتۇن دەرەخلىرى ئەنە شۇنداقتۇر. ئۇ يەردىكى زەيتۇن دەرەخلىرىگە كۈننىڭ دەسلىپىدىمۇ، ئاخىرىدىمۇ كۈن چۈشىدۇ. شۇڭا ئۇ يەرنىڭ زەيتۇنلىرى ناھايىتى ئېسىل ۋە سۈپەتلىك چىقىدۇ. تەبىئىيكى، بۇنداق زەيتۇندىن چىققان ياغ تېخىمۇ ساپ، سۈزۈك بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئۇلۇغ ﷲ شۇنداق دەيدۇ «ئۇنىڭ يېغى» ساپ ۋە سۈزۈكلىكىدىن «ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ». ئۇنىڭغا ئوت يېقىلغاندا بولسا ناھايىتى كۈچلۈك نۇر چېچىپ، «نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ». بىر تەرەپتىن ئوتنىڭ نۇرى، يەنە بىر تەرەپتىن زەيتۇن يېغىنىڭ نۇرى.
ئۇلۇغ ﷲ كەلتۈرگەن بۇ مىسالنى مۇئمىننىڭ ئەھۋالىغا ۋە ﷲ نىڭ مۇئمىننىڭ قەلبىدىكى نۇرىغا مۇنداق تەدبىقلاشقا بولىدۇ: ئۇلۇغ ﷲ مۇئمىننىڭ قەلبىدە ياراتقان فىترەت (تۇغما تەبىئەت) ساپ زەيتۇن يېغىغا ئوخشايدۇ. مۇئمىن فىترەت جەھەتتىن پاكتۇر، ئىلاھىي كۆرسەتمىلەرنى قوبۇل قىلىشقا، شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئەمەللەرنى قىلىشقا ھازىردۇر. بۇ فىترەتكە ئىلىم ۋە ئىمان قوشۇلغان ھامان، ئۇ نۇر مۇئمىننىڭ قەلبىدە يانىدۇ، گويا چىراقنىڭ پىلتىسىگە ئوت يېقىلغاندەك. بۇ مۇئمىن ناچار مۇددىئالاردىن، ﷲ نىڭ بۇيرۇقلىرىنى بۇرمىلاپ چۈشىنىۋېلىشتىنمۇ خالىيدۇر. ئىمان ئۇنىڭ قەلبىگە ئۇلاشقان ھامان ناھايىتى كۈچلۈك نۇر چاچىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ قەلبى بارلىق بۇلغىغۇچى ئېلېمېنتلاردىن پاكلانغان. ئەنە شۇ (ئايەتتە مىسال قىلىنغان) مەرۋايتتەك پارقىرايدىغان شېشىنىڭ پاكپاكىزلىقىغا ئوخشايدۇ. شۇ رەۋىشتە، فىترەتنىڭ نۇرى، ئىماننىڭ نۇرى، ئىلىمنىڭ نۇرى، ﷲ قا بولغان تونۇشنىڭ ساپلىقى مۇئمىننىڭ قەلبىدە تەڭ جۇغلىنىدۇ. ئەنە شۇ «نۇر ئۈستىگە نۇر»دۇر.


بۇ نۇر ئۇلۇغ ﷲ نىڭ نۇرىنىڭ بىر تەجەللىسى بولغانلىقى، شۇنداقلا بۇنداق بىر نۇرغا مۇۋەپپەق بولۇش ھەر ئىنسان نېسىپ بولىۋەرمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ﷲ تائالا شۇنداق دەيدۇ: «ﷲ خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ نۇرىغا ھىدايەت قىلىدۇ». ﷲ بەندىلىرى ئىچىدىكى پاك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بارغانسېرى تېخىمۇ پاكلىنىدىغانلىقىنى، شۇ رەۋشىتە ئىزچىل ئۆزىنى پاكلاپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بەندىلەرنى بۇ نۇرغا ھىدايەت قىلىدۇ. 

ﷲ ئۆزىنىڭ لۇتفى – ئېھسانى بىلەن، بەندىلىرىنىڭ ئۆز بۇيرۇقلىرىنى ئېنىق چۈشىنىشى ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىۋېلىشى ئۈچۈن «كىشىلەرگە مىساللارنى بايان قىلىدۇ». چۈنكى، مىساللار ئابستراكىت ئۇقۇملارنى كونكرېتلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. 
«ﷲ ھەممە نەرسىنى ناھايىتى ياخشى بىلگۈچىدۇر». ئۇنىڭ ئىلمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇنداق بولغانىكەن، بۇ مىساللارنىڭ ھەممە نەرسىنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە تەپسىلاتىنى، نېمىنىڭ بەندىلەر ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان رەببىمىز ﷲ تائالا تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىزمۇ بۇ مىساللارنى ياخشى چۈشىنىشكە، ھەقىقىتىگە يېتىشكە تىرىشىڭ. 

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى