ئىمام نەۋەۋىي: جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىش چوڭ گۇناھ
ئىمام نەۋەۋىي: جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىش چوڭ گۇناھ
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلار سۈرەت سىزىدىغانلاردۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. (بۇخارى 5950)
نافىئتىن بايان قىلىنىدۇ، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆزىگە مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېتقان:«شۈبھىسىزكى، بۇ سۈرەتلەرنى سىزغانلار قىيامەت كۈنى جازاغا ئۇچرايدۇ. ئۇلارغا (مەسخىرە يۈزىسىدىن) ‹سىزغا رەسىمىڭلارغا جان كىرگۈزۈڭلارچۇ قېنى› دېيىلىدۇ.»(بۇخارى 5951)
سەئد ئىبنى ئەبۇ ھەسەندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئولتۇرغان ئىدىم، بىرەيلەن كىرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:«ئى ئابباسنىڭ ئاتىسى! مەن قولۇمدىكى ھۈنىرىمگە تايىنىپ تۇرمۇشۇمنى قامدايمەن، مەن رەسىم سىزىمەن» دېدى. ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا، مەن ساڭا پەقەت رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغان مۇنۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بېرەي. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىدىكەن، قىيامەت كۈنى تاكى ئۇ سىزغان رەسىمىگە جان كىرگۈزگەنگە قەدەر ئاللاھ ئۇنى ئازابلايدۇ. ھالبۇكى، ئۇ سىزغان رەسىمىگە ھەرگىزمۇ جان كىرگۈزەلمەيدۇ.» بۇنى ئاڭلاپ ھېلىقى كىشى ئاھ چەكتى ۋە چىرايى تاتىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا:«ۋاي ساڭا! ئەگەر سەن رەسىم سىزىش خىيالىڭدا چىڭ تۇرساڭ، دەرەخلەرنى ۋە باشقا جانسىز نەرسىلەرنى سىزىشىڭنى بۇيرۇيمەن» دېگەن. (بۇخارى 2225)

ئىمام ئىبنى ھەجەر فەتھۇل بارىدا مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلار سۈرەت سىزىدىغانلاردۇر» دېگەن بۇ ھەدىس جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزغان كىشىگە بېرىلىدىغان ئازابنىڭ فىرئەۋن خانىدانىغا تەۋە كىشىلەرگە بېرىلىدىغان ئازابتىنمۇ قاتتىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:«فىرئەۋنى خانىدانىنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار.»
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: ئىلىم ئەھلى مۇنداق دېگەن: جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىش قاتتىق ھارام ۋە چوڭ گۇناھلار جۈملىسىدىن. چۈنكى، جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزغۇچى توغرۇلۇق ھەدىستە ئېغىر تەھدىت (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى قاتتىق ئازاب) بايان قىلىنغان. جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزغۇچى جانلىقنىڭ رەسىمىنى مەيلى ئۇنى خورلاش، ھاقارەت قىلىش ئۈچۈن سىزغان بولسۇن، مەيلى باشقا مەقسەدتە سىزغان بولسۇن، قىلمىشى بەرىبىر چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. كىشىنىڭ جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىشى ھەر قانداق ئەھۋالدا ھارام. سىزغان رەسىمى مەيلى كىيىمدە، مەيلى سېلىنچا، مەيلى دىرھەم، مەيلى دىنار، مەيلى پارچە پۇل، مەيلى ساقلاش ئەسۋابلىرى، مەيلى باشقا نەرسە ئۈستىدە بولسۇن بەرىبىر ھارامدۇر. جانسىز نەرسىلەرنىڭ رەسىمىنى سىزىش ھارام ئەمەس (رۇخسەت).
[چەتئەلدە ئەركىن ياشاۋاتقان ئۇيغۇ مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر غەرب كاپىرلىرىنىڭ ۋە ئازغۇن ئەقىدە، بۇزۇق ئەمەل بىلەن ياشاۋاتقان پاسىقلارنىڭ كەينىگە كىرىپ جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. مەكتەپ، يەسىلىيلەردە جانلىقنىڭ رەسىمى سىزىلماقتا. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىخەستىلىكى ۋە بىلمەسلىكى، بىلسىمۇ ئەمەل قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن چوڭ زىيان ئىچىدە چوڭ بولماقتا. مەن ھەر-بىر ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىنى جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىشتىن توسۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنداقلا پەرزەنتلەرگە جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىشنىڭ ھاراملىقىنى ۋە قىيامەتتە جانلىقنىڭ رەسىمىنى سىزغۇچىنىڭ ئەڭ قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئۆگىتىش ئاتا-ئانا ئۈستىدىكى پەرزلەردىن بىرى.
تولىمۇ ئەپسۇسكى، ھەتتا دىن نامىدا تارقىتىلىۋاتقان بەزى بالىلار ژۇرناللىرى ساپلا جانلىقنىڭ سىزىلغان رەسىملىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن. قۇرئان ۋە سۈننەتنى تاشلاندۇق قىلىپ، ھاۋايى-ھەۋىسىنى ئىلاھ قىلىۋالغان بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلار بۇنداق ژۇرناللارنى بازارغا سېلىش، سېتىش، تارقىتىش، سېتىۋېلىش ۋە ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولماقتا. بۇ قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان، بەندىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىدىغان باتىل قىلمىشلاردۇر. بەخت سائادەتنىڭ يولى بىرلا، ئۇ بولسىمۇ ئەر-ئايال، قېرى ياش، چوڭ-كىچىك، باي-نامراتلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى كۆرسەتمىلەرنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت.-تەرجىماندىن]
سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 19933-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
كاتون فىلىملەرنى(قونچاق فىلىملەرنى) سېتىش، سېتىۋېلىش، كۆرۈش (شۇنداقلا كارتون فىلىم ئىشلەش) ھارام. چۈنكى، (شەرىئەت جانلىقنىڭ رەسىمىنى ھارام قىلغان.) بۇنداق فىلىملەردە شەرىئەت ھارام قىلغان سۈرەتلەر مەۋجۇت. بالىلارنى تەربىيلەش شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولغان يوللار ئارقىلىق ئىلىم ۋە ئەدەپ ئۆگىتىش، ئۇلارنى نامازغا بۇيرۇش ۋە نامازلارغا ئوبدان رىئايە قىلىشقا قىززىقتۇرۇش بىلەن بولىدۇ.(پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 19933-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)
ج: لا يجوز بيع ولا شراء ولا استعمال أفلام الكرتون؛ لما تشتمل عليه من الصورة المحرمة، وتربية الأطفال تكون بالطرق الشرعية من التعليم والتأديب والأمر بالصلاة والرعاية الكريمة.
وبالله التوفيق، وصلى الله على نبينا محمد وآله وصحبه وسلم.
اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء
عضو عضو نائب الرئيس الرئيس
بكر أبو زيد صالح الفوزان عبد العزيز آل الشيخ عبد العزيز بن عبد الله بن باز
Yorumlar
Yorum Gönder