رەسۇلۇللاھ چېچىنى ۋە ساقىلىنى چۈشۈرگەنمۇ؟
رەسۇلۇللاھ
چېچىنى ۋە ساقىلىنى چۈشۈرگەنمۇ؟
پەتىۋا
بەرگۈچى: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى
پەتىۋا
نومۇرى: 3716-نومۇرلۇق پەتىۋا
«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇ
زاتنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرد-سالاملار بولسۇن.
سەھىھ
رىۋايەتلەرگە كۆرە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋىدالىشىش ھەججىدە
چېچىنى چۈشۈرگەن. بىراق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساقىلىنى
چۈشۈرگەنلىكى توغرۇلۇق ھېچقانداق (سەھىھ) خەۋەر يوق. ھالبۇكى، پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساقىلىنى كامىل ئۆستۈرگەنلىكى ۋە ساقىلىدىن
ھېچنېمىنى كەسمىگەنلىكى توغرۇلۇق سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەن.
تەۋپىق
ئاللاھتىندۇر؛ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە
تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا دۇرد-سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا
بەرگۈچى ئالىملار: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛
ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قۇئۇد
Yorumlar
Yorum Gönder