قۇرئان ئايەتلىرىنى قەغەزگە يېزىپ سۈيىنى چايقاپ ئىچىشنىڭ ھۆكمى
قۇرئان
ئايەتلىرىنى قەغەزگە يېزىپ سۈيىنى چايقاپ ئىچىشنىڭ ھۆكمى
سوئال:
قۇرئان ئايەتلىرىنى قەغەزگە يېزىپ سۈيىنى چايقاپ ئىچىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
پەتىۋا
بەرگۈچى: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى
جاۋاب: بۇ
ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىنمۇ، ئۇ زاتنىڭ راشىد
خەلىپىلىرىدىنمۇ، باشقا ساھابىلىرىدىنمۇ ھېچقانداق خەۋەر كەلمىگەن. بۇنداق
بولغاچقا، قۇرئان ئايەتلىرىنى قەغەزگە يېزىپ سۈيىنى چايقاپ ئىچىشنى تەرك ئېتىش
ئەۋزەل ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇر.
تەۋپىق
ئاللاھتىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋە
ساھابىلىرىگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا
بەرگۈچىلەر: پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ
ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قۇئۇد (فەتۋا ئەللەجنەتۇددائىمە 1-1-252)[فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلدى]
Yorumlar
Yorum Gönder