قىز بالا نەچچە ياشتىن باشلاپ يۈزىنى ياپىدۇ؟

قىز بالا نەچچە يېشىدا يۈزىنى ياپىدۇ؟

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

سوئال: قىز بالا قاچان ھىجابلىنىدۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى
پەتىۋا نومۇرى: 4470-نومۇرلۇق پەتىۋا

جاۋاب: قىز بالا بالاغەتكە يەتسە (نامەھرەم بار يەرلەردە) ئەۋرىتىنىڭ ھەممىسىنى ياپىدۇ. يۈزى، بېشى، قوللىرى، پۇتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ئىچىدە.
قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ئىگە بولغۇچىلىرى-قىز ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ- قىزىنىڭ بۇ ھالەتتە كىيىنىشىگە مەسئۇل بولىدۇ. شۇنداقلا، قىزنىڭ ۋەلىيسى قىزى بالاغەتكە يېتىشتىن ئاۋۋال ئۇنى تولۇق ھىجابلىنىشقا كۆندۈرۈشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا، قىزنىڭ تولۇق ھىجابلىنىشقا كۆنۈشى ئاسانغا توختايدۇ.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاز ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد؛

پەرزەنتىمىزنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟


ئوغۇل بالىدىن جىنسىي ئىستەك سەۋەبلىك مەنىي ئېتىلىپ چىقسا، ياكى ئەۋرەت ئەتراپىغا تۈك چىقسا، ۋەياكى چۈش كۆرۈپ مەنىي چىقىپ كەتسە، ياكى ئون بەش ياشقا كىرسە بالاغەتكە يەتكەن ھېسابلىنىدۇ. قىزلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىك ھۆكمىمۇ يۇقارقىغا ئوخشاش. ئەمما، قىزلارنىڭ بالاغەتكە يەتكەنلىكىنىڭ يەنە بىر بەلگىسى ھەيز كۆرۈشتۇر. (يۇقارقى بەلگىلەردىن قايسى بىرى بالىدا كۆرۈلسە بالاغەتكە يەتكەن ھېسابلىنىدۇ. بالاغەتكە يەتكەن بالىلارنىڭ ئاللاھ پەرز قىلىپ بېكىتكەن ھەممە ئىبادەتلەرنى ئورۇنداش مەجبۇرىيىتى بار.) [سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 1787-نومۇرلۇق پەتىۋاسى؛ «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى]

بالاغەتكە يەتكەن ئايال كىشىنىڭ نامەھرەم ئالدىدا يۈزىنى ئېچىشى ھارام

پەتىۋا بەرگۈچى: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتى
پەتىۋا نومۇرى: 10178-نومۇرلۇق پەتىۋا

ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئەرلەر ئالدىدا يۈزى ۋە قولىنى يېپىشى پەرز. ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئالدىدا يۈزى ۋە قولىنى ئېچىشى ھارام. [ تغطية المرأة وجهها وكفيها عن الرجال الأجانب واجب، ويحرم عليها كشفهما لغير محارمها. وبالله التوفيق، وصلى الله على نبينا محمد وآله وصحبه وسلم.](پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 10178-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)[پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز (ۋاپاتى: ھ-1420، م-1999)؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان.]

 يۈز يېپىشنىڭ دەلىللىرى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشىمىزنى چېكىڭ:
سەھىھ ھەدىسلەردىن يۈز يېپىشقا دەلىللەر ۋە تەپسىرلەر

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟