ئىستىخارە دۇئاسىنى قەغەزگە قاراپ ئوقۇشقا بولامدۇ؟


ئىستىخارە دۇئاسىنى قەغەزگە قاراپ ئوقۇشقا بولامدۇ؟

[سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 8864-نومۇرلۇق پەتىۋاسى]

مەيلى ئىستىخارە دۇئاسىنى يادلىۋېلىڭ، ياكى ئۇنى كىتابقا (قەغەزگە) قاراپ ئوقۇڭ، بۇنىڭدا كەڭچىلىك بولۇپ، قايسىنى قىلسا بولىۋېرىدۇ. ئىستىخارە دۇئاسىدا سىز دۇئانى چىن قەلبىڭىز بىلەن، خۇشۇئ بىلەن قىلىشىڭىز، دۇئايىڭىزدا ئىخلاسنى بەرپا قىلىشىڭىز كېرەك. دۇئادىن كېيىن قىلماقچى بولغان شۇ ئىشىڭىزنى ئىشەنچىلىك ۋە تەجرىبىلىك كىشىگە مەسلىھەت سالىسىز. قەلبىڭىز ئىككى خىل مۇمكىنچىلىكتىن بىرىدە (يەنى يا ئۇ ئىشنى قىلىشتا، يا بۇ ئىشنى قىلىشتا، يا ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلىنىشتە، يا بۇنىڭ بىلەن ئۆيلىنىشتە...)  ئارام  تاپسا، قەلبىڭىزنى ئارام تاپقۇزىدىغان شۇ تاللاش ئاللاھنىڭ سىز ئۈچۈن تاللىغىنىدۇر. [سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 8864-نومۇرلۇق پەتىۋاسى][«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى]
(ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «ياخشىلار باغچىسىنى شەرھى» دىكى بايانىغا ئاساسەن، دىنىي ئىشتا ئۆلىمادىن، ماشىنا سېتىۋالماقچى بولسا ماشىنا سودىسىدا كەسىپ ئەھلى بولغۇچىدىن، ئۆي سېتىلماقچى بولسا ئۆي سودىسىدا كەسىپ ئەھلىدىن مەسلىھەت سورىلىدۇ.‹ يەنى دىنىي ئىلىمى بار دەپ قارالغان، ئەمما سودا سېتىقتىن خەۋىرى يوق بىر ئادەمدىن، مەلۇم بىر ھالال سودىنىڭ پايدا زىيىنى توغرىسىدا سورالسا سوئال ئەھلىدىن سورالمىغان ھېسابلىنىدۇ. شۇ سودىنىڭ شەرئىي ھۆكمى ئەلۋەتتە ئالىمدىن سورىلىدۇ.›-تەرجىماندىن)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟