سۈيدۈكى تامچىلايدىغان كىشىنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى
سۈيدۈكى تامچىلايدىغان كىشىنىڭ قۇرئان ئوقۇشىنىڭ ھۆكمى
سوئال: مەن
قۇرئان ئوقۇيمەن. قۇرئان ئوقۇمىسام راھەت تاپالمايمەن. ئەمما، سۈيدۈكۈم
تامچىلايدۇ، بۇنى كونترول قىلالمايمەن. سۈيدۈك تامچىلاشنى توختىتالمايمەن،
توختىماستىن كېلىدۇ. سۈيدۈك پاك ئەمەس. مېنىڭ قۇرئاننى تۇتۇشۇم دۇرۇس بولامدۇ؟
پەتىۋا
بەرگۈچى ئورگان: سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 6984-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
جاۋاب: ئەھۋال
بايان قىلغىنىڭىزدەك بولسا، بۇ ھالىتىڭىزدە قۇرئان ئوقۇشڭىزدا، قۇرئاننى
تۇتۇشىڭىزدا ھېچقانداق چەكلىمە يوق. بۇ ھالىتىڭىزدە ناماز ئوقۇشىڭىزمۇ دۇرۇس. ئەمما،
ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن ئىستىنجا قىلىپ، ھەر ۋاخ نامازغا بىر قېتىمدىن
تاھارەت ئالىسىز. ناماز ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن ئالغان تاھارىتىڭىزنىڭ ئارقىسىدىن
سۈيدۈك تامچىلسا سىز ئۈچۈن ھېچ گەپ يوق. بەدىڭىزگە ياكى كىيىمىڭىزگە سۈيدۈك تېگىپ
قالغان بولسا، نامازدىن ئاۋۋال سۈيدۈك تەگكەن جاينى يۇيۇسىز. شۇنىڭدىن كېيىن،
ناماز ئىچىدە سۈيدۈكىڭىز كەلسە بۇنىڭ ھېچبىر تەسىرى بولمايدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا
مۇنداق دېگەن:«ئاللاھتىن كۈچۈڭلارنىڭ يەتكىنىچە قورقۇڭلار.» يەنە بىر ئايەتتە
مۇنداق دېيىلگەن:«ئاللاھ دىن جەھەتتە سىلەرگە ھېچقانداق قىيىنچىلىق يۈكلىمىدى.»
مۇۋەپپىقىيەت
ئاللاھتىندۇر. دۇرۇت ۋە سالاملار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە،
ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابە كراملارغا بولسۇن.
پەتىۋا
بەرگۈچى ئالىملار: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق
ئەفىفىيل؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد
Yorumlar
Yorum Gönder