ئەڭ بەدبەخت ئىنسانلارلا ئالىملارغا تىل سالىدۇ

ئەڭ بەدبەخت ئىنسانلارلا ئالىملارغا تىل سالىدۇ

ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۈممىتىمدىن بىر جامائە قىيامەت قايىم بولغانغا قەدەر ھەق ئۈستىدە غالىپ ھالەتتە تۇرىدۇ.» بۇ ھەدىسنى بۇخارى، مۇسلىم ئەبۇداۋۇد ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان. يەزىد ئىبنى ھارۇن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ جامائەتنىڭ ھەدىس ئەھلى بولمىسا، باشقا كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. (بۇنى تەپسىر قۇرتۇبى، سۈرە تەۋبە 122-ئايەتنىڭ تەپسىرىدە نەقىل قىلغان)
قۇرتۇبى بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىنىڭ داۋامىدا، يۇقارقى ھەدىس توغرۇلۇق مۇھەممەد ئەل قايىسىنىڭ «بۇ جامائەت ئىلىم ئەھلىلىرىدۇر» دېگىنىنى نەقىل قىلغان.
ىمام قۇرتۇبى بۇ تەپسىرنىڭ داۋامىدا مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان «غەرىپ ئەھلى قىايمەت قوپقانغا قەدەر ھەق ئۈستىدە غالىپ ھالەتتە تۇرىدۇ. غەرىب كەلىمىسى يەنە تاشقان كۆز يېشى مەنىسىدىمۇ كېلدۇ. بۇ يۈزدىن ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھنى تونۇش ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلىش سەۋەبلىك ئاللاھتىن قورقۇپ كۆزى ياشلىنىپ تۇرىدىغانلار غەلىبە قىلىپ ئۈستۈن كېلىشكە مۇۋەپپەق بولىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە «بەندىلەر ئارىسىدا ئاللاھتىن پەقەت ئالىملار قورقىدۇ»(فاتىر سۈرىسى 28-ئايەت) دېگەن. (بۇلارنى ئىمام قۇرتۇبى تەپسىر قۇرتۇبىدا، سۈرە تەۋبە 122-ئايەتنىڭ تەپسىرىدە نەقىل قىلغان)
ئالىملاردىن قۇرئان سۈننەتنى ھەققى بىلەن ئۆگەنگەن ۋە ئەمەل قىلغان ئۈممەت ئالىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇلۇڭ پۇشقاقلاردا پەتىۋا بېرىپ يۈرگەن، خەلققە ھەقىقىي ئالىمنىڭ ئىلىم ۋە پەزىلەتلىرىنى يەتكۈزۈشكە بېخىللىق قىلىپ، ئۆز گېپىنى يورغۇلاتقۇچى ھەر-بىر مەھەللىۋىي موللاملار تەپسىردە بايان قىلىنغان ئىلىم ئەھلى جۈملىسىدىن ئەمەس.
شۇنداقلا ئالىم سانىلىپ قالغان، ئەمما يەھۇدىي ناسارا ۋە باشقا كاپىرلارنىڭ تەرىپىنى ئالغان غالچا ئىلىم سودىگەرلىرى ھەم يۇقارقى ئىلىم ئەھلى دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ئاللاھ دەۋرىمىزدىكى ئۈممەت ئىماملىرىدىن بىن باز، ئىبنى ئۇسەيمىن، ئەلبانى قاتارلىق پېشىۋالارغا رەھمەت قىلسۇن ۋە بىزنى ئۇلارنىڭ ئىلىمىنى ئۆگىنىشكە مۇيەسسەر قىلسۇن.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟