ئىككى ئايالى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشنىڭ ھۆكمى


«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ئىمام ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن:
ئەگەر ئىككى ئايال بىر ئۆيدە تۇرۇشقا قوشۇلسا، ئۇلارنىڭ بىر ئۆيدە تۇرۇشى دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەر-بىرى بۇ جەھەتتە تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە. شۇنىڭدەك، ئىككى ئايال ئېرىنىڭ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېتىپ ئۇخلىشىدا كېلىشەلىسە، ئەر ۋە ئىككى ئايالنىڭ بىر تۆشەكتە يېتىشى توغرا بولىدۇ. بىراق، ئۇلار بىرى بار يەردە ئېرىنىڭ يەنە بىر ئايالى بىلەن جىما قىلىشىغا كېلىشكەن تەقدىردىمۇ، بىر ئايالىنى قارىتىپ قويۇپ يەنە بىر ئايالى بىلەن جىما قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئەخلاق مىزانىغا زىت بولغان پەس، چاكىنا قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئىككى ئايال قوشۇلغان تەقدىردىمۇ ئەر بىلەن بىر ئايال يەنە بىر ئايالنىڭ ئالدىدا جىما قىلىشقا بولمايدۇ. (ئەلمۇغنى 8\137)
ھەسەن بەسرى مۇنداق دېگەن: ساھابىلەر ۋە چوڭ تابىئىنلار ۋەجىسنى مەكرۇھ دەپ بىلەتتى. ۋەجس دېگەن: ئەرنىڭ بىر ئايالى بىلەن يەنە بىر ئايالىغا ئاۋازنى ئاڭلىتىپ تۇرۇپ جىما قىلىشىدۇر. بۇرۇنقى ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدە «مەكرۇھ» ھارامغا باراۋەر. (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 4\388)
دۇنياۋىي سوئال جاۋاب پەتىۋا تورى (islamqa.info) نىڭ 177636-نومۇرلۇق پەتىۋاسىدا مۇنداق پەتىۋا بېرىلگەن:
ئەر ئىككى ئايالى بىلەن بىر تۆشەكتە بىللە ئۇخلىسا مۇنۇ ئۈچ شەرت بىلەن دۇرۇس:
بىرىنجى شەرت: بۇنىڭغا ئىككىلى ئايال چىن دىلىدىن رازىمەنلىك بىلەن قوشۇلغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى، ھەر بىر ئايالنىڭ ئايرىم ئۆيدە تۇرۇش ھوقۇقى بار. بەلكىم، ئايال كىشى كۈندەشلىكى سەۋەبلىك ئېرىنىڭ ئۆزى بار ئەھۋالدا يەنە بىر ئايالى بىلەنمۇ بىللە ئۇخلىشىغا قوشۇلماسلىقى مۇمكىن. (بۇ خىل ئەھۋالدا ئەرنىڭ ئىككى ئايالى بىلەن بىر تۆشەكتە يېتىشىغا يول يوق، بۇ خىل ئەھۋالد ئەرنىڭ بۇنداق ھوقۇقى بولمايدۇ.) 
ئىككىنجى شەرت: بىر ئايالنىڭ  بەدىنىنىڭ ئەۋرەت ھېسابلىنىدىغان يەرلىرىنى
ئېرىنىڭ يەنە بىر ئايالىغا كۆرسىتىشىگە بولمايدۇ. ئايال كىشىنىڭ ئايال كىشى ئۈچۈن ئەۋرەت جايى كىندىكىدىن تىزىغىچە بولىدۇ. ئىسلام شەرىئىتى بىر ئايالنىڭ باشقا بىر ئايالنىڭ ئەۋرەت جايلىرىغا قارىشىنى چەكلەيدۇ.
ئۈچىنچى شەرت: ئايالىنى قارىتىپ (ياكى ئاڭلىتىپ) تۇرۇپ باشقا ئايالى بىلەن جىما قىلىش چەكلىنىدۇ.
ئايال كىشىنىڭ ئايال كىشىنى تۇتۇپ، سىلىشىدا جىنسىي ئىستەك ئارىلاشقان بولسا بۇ دىندا چەكلىنىدۇ. جىنسىي ئىستەك ئارىلاشمىسا دۇرۇس بولىدۇ. ئايال كىشىنىڭ ئېرىدىن ئۆزىگە مەخسۇس ئۆي ئاجرىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. شۇنداقلا ئايال كىشىنىڭ، كۈندىشى بىلەن (ئېرىنىڭ باشقا ئايالى بىلەن) بىر ئۆيدە تۇرۇشنى رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.(ئىسلام سوئال جاۋابلىرى تورىنىڭ
177636-نومۇرلۇق پەتىۋاسىنىڭ بىر قىسىمى)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟