قۇرئان ئوقۇپ «سەدەقاللاھۇل ئەزىم» دېيىش بىدئەت

قۇرئان ئوقۇپ «سەدەقاللاھۇل ئەزىم» دېيىش بىدئەت

سەئۇدى پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 4310-نومۇرلۇق پەتىۋاسى

    كىشىنىڭ ئۆز ئۆزىگە «سەدەقاللاھۇل ئەزىم»(ئۇلۇغ ئاللاھ توغرا سۆزلىدى) دېيىشى توغرا. ئەمما، تىلاۋەت ئاياقلاشقاندا «سەدەقاللاھۇل ئەزىم» دېيىش بىدئەتتۇر. چۈنكى، بىلگىنىمىزگە كۆرە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە راشىد خەلىپىلەرنىڭ قۇرئاننى كۆپ ئوقۇشىغا قارىماي، ئۇلاردىن بۇنداق ئىش سادىر بولغان ئەمەس. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: {صحيح مسلم الأقضية (1718) ، مسند أحمد بن حنبل (6/180)« من عمل عملاً ليس عليه أمرنا فهو رد»}«كىمىكى دىنىمىزدا بولمىغان بىر ئىشنى قىلسا، قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ.» پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن:{ صحيح البخاري الصلح (2697) ، صحيح مسلم الأقضية (1718) ، سنن أبو داود السنة (4606) ، سنن ابن ماجه المقدمة (14) ، مسند أحمد بن حنبل (6/256). «من أحدث في أمرنا هذا ما ليس منه فهو رد.»}«كىم بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغان بىر ئىشنى ئوتتۇرىغا چىقارسا، ئۇ ئىشى قوبۇل قىلىنمايدۇ.»
مۇۋەپپىقىيەت ئاللاھتىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە، ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟