ئايال كىشى پۇتى يالىڭاچ ھالەتتە ناماز ئوقۇسا دۇرۇسمۇ؟



پەتىۋا بەرگۈچى: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىب باز رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھ-1420؛ مىلادىيە 1999)

جاۋاب: كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا ئايال كىشىنىڭ نامازدا پۇتىنى يۆگىشى ۋاجىپ. بۇنىڭ دەلىلى سۇنەن ئەبۇ دادۇۋدتىكى تۆۋەندىكى ھەدىستۇر. مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن{أنها سئلت : هل المرأة تصلي في درع وخمار ؟ قالت في جوابها : إذا كان الدرع سابغا يغطي ظهور قدميها } «ئايال كىشى لېچەك ۋە كۆڭلەك بىلەن ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟» دەپ سورالغاندا، «كۆڭلىكى پۇتىنىڭ دۈمبىسىنى يېپىپ تۇرىدىغان بولسا ئوقۇسا بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.(ئەبۇ داۋۇد 640) بۇ ھەدىستىن ئايال كىشى نامەھرەم ئەر كىشى بار جايدا پۇتىنى ياپقىنىدەك، نامازدىمۇ پۇتىنى ياپىدىغانلىقى بىلنىشىدۇ. ئايال كىشىنىڭ نامازدا پۇتىنى يېپىشى كېرەكلىكى قوبۇل قىلىنىدىغان قاراش بولۇپ، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. (ئەللامە ئىبنى باز «نۇرۇن ئەلەد دەرب پەتىۋالىرى» 7-جىلد، 256-بەت)
[ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ باشقا بىر پەتىۋاسىدا «پۇتى ئوچۇق ناماز ئوقۇشنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنىڭ ھۆكمىنى بىلمەستىن، پۇتى ئوچۇق ھالدا ناماز ئوقۇپ قالغان ئايال شۇ ھالەتتە ئوقۇغان نامازلىرىنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ» دېگەن.]

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟