ئايال كىشىنىڭ نامەھرەم ئەرلەر بار يەردە ئاياللارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ قۇرئان ئوقۇشنىڭ ھۆكمى


فۇرقان دەئۋەت مەركىزى تەييارلىدى

سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 5413-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
قىز-ئاياللارنىڭ ئەركەكلەر بار سورۇندا قۇرئان ئوقۇشى-بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان پىتنە سەۋەبلىك-دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى، ئىسلام ھارامغا سەۋەب بولىدىغان ھەر تۈرلۈك ئىشنى چەكلىگەن.[ ترتيل البنات للقرآن بحضرة الرجال لا يجوز؛ لما يخشى في ذلك من الفتنة بهن، وقد جاءت الشريعة بسد الذرائع المفضية للحرام. وبالله التوفيق. وصلى الله على نبينا محمد، وآله وصحبه وسلم.]
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان؛ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد.
ھەنەفىي فىقھى كىتابى «كەشفۇل قىنا» دا مۇنداق دېيىلگەن: (نامەھرەم) ئايال كىشىنىڭ ئاۋازى ئەۋەرت ئەمەس. ئەلفۇرۇئ ۋە باشقا مەنبەلەردە: توغرا كۆز قاراشقا ئاساسەن (ئايال كىشىنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت ئەمەس)، ئەمما، نامەھرەم ئايالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشتىن ھوزۇر ئېلىش ھارام، مەيلى ئۇ ئايال قۇرئان ئوقۇغان بولسىمۇ (ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن ھوزۇر ھېس قىلسا ئوخشاشلا ھارام).(كەشفۇل قىنا، 5-جىلد، 15-بەت)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟