ئىستىخارە نامىزىغا ئائىت زۆرۈر پەتىۋالار
ئىستىخارە نامىزىغا ئائىت زۆرۈر پەتىۋالار
(جەمئىي 13 مەزمۇن بار)
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
[1] مەيلى
ئىستىخارە دۇئاسىنى يادلىۋېلىڭ، ياكى ئۇنى كىتابقا (قەغەزگە) قاراپ ئوقۇڭ، بۇنىڭدا
كەڭچىلىك بولۇپ، قايسىنى قىلسا بولىۋېرىدۇ. ئىستىخارە دۇئاسىدا سىز دۇئانى چىن قەلبىڭىز
بىلەن، خۇشۇئ بىلەن قىلىشىڭىز، دۇئايىڭىزدا ئىخلاسنى بەرپا قىلىشىڭىز كېرەك. دۇئادىن
كېيىن قىلماقچى بولغان شۇ ئىشىڭىزنى ئىشەنچىلىك ۋە تەجرىبىلىك كىشىگە مەسلىھەت
سالىسىز. قەلبىڭىز ئىككى خىل مۇمكىنچىلىكتىن بىرىدە (يەنى يا ئۇ ئىشنى قىلىشتا، يا
بۇ ئىشنى قىلىشتا، يا ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلىنىشتە، يا بۇنىڭ بىلەن ئۆيلىنىشتە...) ئارام
تاپسا، قەلبىڭىزنى ئارام تاپقۇزىدىغان شۇ تاللاش ئاللاھنىڭ سىز ئۈچۈن
تاللىغىنىدۇر. [سەئۇدىي پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 8864-نومۇرلۇق پەتىۋاسى][«فۇرقان دەئۋەت
مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى]
(ئەللامە
ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «ياخشىلار باغچىسىنى شەرھى» دىكى بايانىغا ئاساسەن،
دىنىي ئىشتا ئۆلىمادىن، ماشىنا سېتىۋالماقچى بولسا ماشىنا سودىسىدا كەسىپ ئەھلى
بولغۇچىدىن، ئۆي سېتىلماقچى بولسا ئۆي سودىسىدا كەسىپ ئەھلىدىن مەسلىھەت سورىلىدۇ.‹
يەنى دىنىي ئىلىمى بار دەپ قارالغان، ئەمما سودا سېتىقتىن خەۋىرى يوق بىر ئادەمدىن،
مەلۇم بىر ھالال سودىنىڭ پايدا زىيىنى توغرىسىدا سورالسا سوئال ئەھلىدىن
سورالمىغان ھېسابلىنىدۇ. شۇ سودىنىڭ شەرئىي ھۆكمى ئەلۋەتتە ئالىمدىن سورىلىدۇ.›-تەرجىماندىن)
[2] ئىستىخارە
دۇئاسى (ئىككى رەكئەتلىك نەپلە نامازنى ئوقۇپ) سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدۇ.
[پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 8864-نومۇرلۇق پەتىۋاسى]
[3] ئىستىخارىنى
ئىشنىڭ ئىگىسى ئۆزى سالىدۇ. باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىستىخارە سېلىشى دۇرۇس ئەمەس.
[پەتىۋا كومېتىتى 14326-نومۇرلۇق پەتىۋاسى]
[4] بىر
قانچە ئىش ئۈچۈن بىرلا ئىستىخارە سېلىشقا بولىدۇ.[پەتىۋا كومېتىتى 16729]
[5] ئۆمرە
ھەج ئىسلامدا يولغا قويۇلغان ئىبادەت (پەرز، سۈننەت، مۇستەھەب ئىشلاردا، جۈملىدىن
ساۋابلىق ئىشلاردا شۇ ئىشنى قىلىش قىلماسلىق توغرۇلۇق ئىستىخارە سېلىشقا بولمايدۇ‹چۈنكى،
شەرىئەتتە بۇيرۇلغان ئىشلار قىلايمۇ، قىلمايمۇ دەپ تاللاپ ئوتتۇرىدىغان ئىش ئەمەس›.
ئىستىخارە پەقەت دۇنياۋىي ئىش ئۈچۈن سېلىنىدۇ.-ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ) بىراۋ
ئۆمرە ھەج قىلماقچى بولسا، ئۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن ئىستىخارە سېلىنمايدۇ، ئەمما، ئۆمرىنى
قاچان قىلىش توغرۇلۇق ئىستىخارە سېلىشقا بولىدۇ. [پەتىۋا كومېتىتى 16729]
[8] ۋاجىب
ياكى مۇستەھەب ئىشلار ئۈچۈن ئىستىخارە سېلىنمايدۇ، ھارام ياكى مەكرۇھ ئىشلار ئۈچۈنمۇ
ئىستىخارە سېلىنمايدۇ. ئىستىخارە پەقەت مۇباھ ئىشلار ئۈچۈن سېلىنىدۇ. (ئىسلام
سوئال جاۋابلىرى تورى پەتىۋاسى، 2217-نومۇرلۇق پەتىۋا)
[9] ۋاجىپ(پەرز)،
مەكرۇھ، ھارام ئىشلاردا ئىستىخارە سېلىشقا يول يوق. ئىستىخارە رۇخسەت قىلىنغان (مۇباھ)
ئىشلاردا ۋە مۇستەھەپ ئىشلاردا سېلىنىدۇ. مۇستەھەب ئىشتا ئىستىخارە سېلىش دېگەندە:
شۇ مۇستەھەب ئىشنى قىلىش قىلماسلىق توغرىسىدا ئىستىخارە سېلىنمايدۇ، چۈنكى، مۇستەھەب
ئىشنى قىلىش تەرغىپ قىلىنىدۇ. ئەمما، ئىككى مۇستەھەب ئىشنىڭ بىرىنى تاللاشقا توغرا
كەلگەندە (يەنى ئىككى مۇستەھەب ئىش تاقىشىپ قالغاندا) قايسىسىنى قىلىش، ياكى
قايسىسىنى باشتا باشلاش توغرۇلۇق ئىستىخارە سېلىنىدۇ.
[10]
ئەرنىڭ ياكى ئايالنىڭ ھەمراھىدىن ئاجرىشىپ كېتىشى توغرۇلۇق ئىستىخارە سېلىشىغا
بولامدۇ؟
زادۇل مۇستەقنى
ناملىق كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئاجرىشىش زۆرۈر بولغاندا رۇخسەتتۇر. ئۆي تۇتۇش
زىيانلىق بولغان ئەھۋالدا ئاجرىشىش مۇستەھەبتۇر. تۇغقانچىلىقى سەۋەبلىك توي قىلىش
چەكلىنىدىغان ئايال ياكى ئەر بىلەن بىلمەستىن توي قىلىپ قالغان بولسا، بۇنى بىلگەن
ھامان ئاجرىشىپ كېتىش ۋاجىبتۇر. (بىناماز ئەر ياكى ئايال بىلەن ئۆي تۇتقۇچى، قارشى
تەرەپنى ئىزچىل بەش نامازغا دەۋەت قىلغان، ئەمما قارىشى تەرەپ پەقەتلا ئوقۇغىنى ئۇنىمىغان
دەرىجىدە ئاجرىشىپ كېتىشمۇ ۋاجىبتۇر. چۈنكى، سەھىھ ھەدىسكە كۆرە بىناماز كاپىردۇر.-ت)»
ئەللامە
ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇنى مۇنداق شەرھلىگەن: «ئاجرىشىش زۆرۈر بولغاندا رۇخسەتتۇر.»
يەنى، مەسىلەن ئەر ئايال بىلەن ئۆي تۇتۇشتا سەبر قىلالمىسا،(ئايالنىڭ ناچار خۇيلىرىغا
بەرداشلىق بېرەلمەسلىك دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن) ئەرنىڭ ئاجرىشىشقا ئېھتىياجى بولسا،
بۇنداق ھالدا ئاجرىشىش دۇرۇستۇر.»(شەرھ مۇمتىئ:13-8)
ئاجرىشىش دۇرۇس
بولغان ئەھۋالدا، ئايالى بىلەن (ياكى ئېرى بىلەن) ئاجرىشىشتىن ئىلگىرى (يەنى تالاق
قىلىشتىن ئىلگىرى) ئەرنىڭ (ياكى ئايالنىڭ) ئىستىخارە نامىزى ئوقۇشى مۇستەھەب (ئەۋزەل).
ئاجرىشىپ كېتىش
ۋاجىب(يەنى پەرز) بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاجرىشىشتىن ئاۋال ئىستىخارە ئوقۇشقا
بولمايدۇ. (مەكرۇھ ئەۋالدىمۇ بولمايدۇ)[ئىسلام سۇئال جاۋابلىرى تور بېكىتىنىڭ 171435-نومۇرلۇق
پەتىۋاسىنىڭ بىر بۆلكى]
[11]
ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن چاغلاردا ئىستىخارە نامىزى ئوقۇشقا بولامدۇ؟
بۇ ھەقتە ئۆلىمالار
ئىختىلاپلاپلىشىپ قالغان. توغرا كۆز قاراش شۇكى، ناماز ئوقۇشقا دۇرۇس ۋاقىت كىرگۈچە
ئىستىخارە ئۈچۈن ساقلاپ تۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيدىغان جىددىي ئەھۋالدا، ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن
ۋاقىتتىمۇ ئىستىخارە نامىزى ئوقۇشقا بولىدۇ. ناۋادا، ناماز ئوقۇشقا بولدىغان ۋاقىتقىچە
ساقلاپ تۇرۇشقا مۇمكىنچىلىك بولسا، ئۇ ھالدا ساقلاپ تۇرۇپ، ناماز ئوقۇشقا
بولىدىغان ۋاقىت كىرگەندە ئىستىخارە نامىزىنى ئوقۇيدۇ.[ئىسلام سوئال جاۋابلىرى
تورىنىڭ 41697-نومۇرلۇق پەتىۋاسىنىڭ بىر قىسىمى]
ئىستىخارە ئەدەپلىرى
قايسىلار؟ ئىستىخارىدىن كېيىن قانداق قىلىمىز؟
[12]
بەندە ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن ئىستىخارە دۇئاسىنى ئوقۇيدۇ. ئىستىخارە
دۇئاسىدىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ ئىسىم شەرىپلىرىنى شىپى كەلتۈرۈشى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇئايى سالام يوللىشى ئەۋزەل. چۈنكى، بۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى
ۋە ئاللاھقا يېتىشىدىكى ۋاسىتىلەردىندۇر. ئاندىن، ئىستىخارە دۇئاسىنى ئوقۇيدۇ. دۇئانى
ئوقۇپ بولۇپ مۇمكىن بولسا تەقۋادار ۋە تەجرىبىلىك كىشىلەرگە مەسلىھەت سالىدۇ. قەلبىنىڭ
قايسى ئىشتا ئارام تېپىشىغا قارايدۇ. دىلغۇللۇق بولسا يەنە ئىستىخارە سالىدۇ،
ئاندىن تەقۋادار ۋە تەجرىبىلىك كىشىلەرگە مۇمكىن بولسا مەسلىھەت سالىدۇ. تاكى كۆڭلى
شۇ ئىشتا تەسكىن تاپقىچە ئىستىخارە سالىدۇ.(ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ، پەتىۋالىرى
توپلىمى)
ئىستىخارىدە
سالغاندىن كېيىن چۈش كۆرۈش كېرەكمۇ؟
[13] قۇرئان ۋە
سۈننەتتە بۇنداق خەۋەر مەۋجۇت ئەمەس. ئىستىخارە سالغاندىن كېيىن چۈش كۆرۈش شەرت دەيدىغان
ھېچقانداق شەرئىي دەلىل يوق.(شۇڭا، بۇ خىل قاراش باتىل)[ئەللامە ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ،
پەتىۋالىرى توپلىمى]
Yorumlar
Yorum Gönder