رەسۇلۇللاھنىڭ يىغىسى ۋە تەقۋاسى
رەسۇلۇللاھنىڭ
يىغىسى ۋە تەقۋاسى
ئىبنى مەردەۋى
ئەتانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن، ئىبنى ئۆمەر ۋە ئۇبەيدە
ئىبنى ئۇمەير
ئۈچىمىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا ماڭدۇق. بىز ئۇنىڭ قېشىغا كىرگەندە،
ئارىمىزدا
پەردە بار
ئىدى. ئائشە: ئى ئۇبەيدە! سەن نېمىشقا بىزنى زىيارەت قىلىپ تۇرمايسەن؟- دېدى. ئۇبەيدە
بىر شائىرنىڭ:
ئۇزۇن ـ ئۇزۇندا زىيارەت قىلساڭ، مېھرى ـ مۇھەببەت ئاشىدۇ،- دېگەن مەزمۇندىكى
شېئىرىنى
ئوقۇدى. ئاندىن ئىبنى ئۆمەر: ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، سىز بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن
كۆرگەن،
سىزنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان ئىشتىن بىرنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز،- دېدى. ئائىشە
يىغلاپ
تۇرۇپ: ئۇنىڭ
ھەممە ئىشى ھەيران قالارلىق ئىدى. ئۇ مېنىڭ نۆۋىتىم كەلگەن كېچىسى ھۇجرامغا
كىردى. ھەتتا
ئۇنىڭ بەدىنى مېنىڭ بەدىنىمگە تەگدى. ئاندىن (ماڭا): مېنى پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت
قىلغىلى
قويغان بولسىڭىز،- دېدى. مەن: ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن سېنىڭ (ئاللاھ تائالاغا)
يېقىنچىلىق قىلىشىڭنى ۋە پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلىشىڭنى ياخشى كۆرىمەن،- دېدىم.
شۇنىڭ بىلەن
ئۇ (ئاللاھ غا) ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئالدى، تاھارىتى ئۈچۈن
سۇنى كۆپ ئىشلەتمىدى. ئاندىن ناماز ئوقۇدى، (نامازدا) يىغلىدى. يىغىدىن ھەتتا
ساقاللىرى ھۆل بولۇپ كەتتى. ئاندىن سەجدىگە باردى، يەنە يىغلىدى. ھەتتا يەرنى ھۆل
قىلىۋەتتى، كېيىن يېنىچە يېتىپ (تاكى بىلال كېلىپ، بامدات نامىزىغا ئەزان ئېيتقۇچە)
يىغلىدى. ئاندىن بىلال: ئى ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى! نېمە ئۈچۈن شۇنچە يىغلايسەن؟ ھەقىقەتەن
ئاللاھ سېنىڭ ئىلگىرى قىلغان ۋە كېيىنكى قىلىپ قېلىشىڭ مۇمكىن بولغان گۇناھلىرىڭنى
كەچۈرىۋەتكەن تۇرسا؟- دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
«ئى بىلال! ساڭا ۋاي! مېنى يىغلىشىمدىن نېمە توسۇپ قالىدۇ؟ ھەقىقەتەن
ماڭا بۇ كېچە ئاللاھ تائالانىڭ:
﴿شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ
يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە،
روشەن دەلىللەر بار﴾ دېگەن ئايىتى چۈشتى، ئۇنىڭ (مەنىسى ھەققىدە) ئويلانمىغان
كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي!» دېدى.
Yorumlar
Yorum Gönder