خەلىپە بولۇشنىڭ شەرتلىرى


«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

تەپسىر ئىبنى كەسىر، سۈرە بەقەرە 30-ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئىمام ئىبنى كەسىر خەلىپە بولۇشنىڭ شەرتلىرىنى مۇنۇ 11 تۈرگە يىغىنچاقلىغان:
: - 1ئەر كىشى بولۇشى لازىم.
- 2
ھۆر ئادەم بولۇشى لازىم، قۇل خەلىپە بولالمايدۇ. - 3بالاغەتكە يەتكەن كىشى بولۇشى لازىم،
- 4
ئەقىللىق بولۇشى لازىم. - 5مۇسۇلمان بولۇشى لازىم. - 6ئادىل بولۇشى لازىم. -7شەرىئەت
ئەھكاملىرىدا ئىجتىھاد قىلالايدىغان بولۇشى لازىم. - 8ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئالدىن كۆرەلەيدىغان
بولۇشى لازىم. - 9بەدەن قۇرۇلۇشى ساق - سالامەت بولۇشى لازىم. - 10ئۇرۇش تاكتىكىلىرىنى،
جىھاد قىلىشنى بىلىدىغان بولۇشى لازىم. - 11قۇرەيشلىك بولۇش.
تەپسىر تەبەرىدىمۇ خەلىپەنىڭ شەرتلىرىنىڭ ئالتىنجىسىنى «مۇجتەھىد بولۇش» دېگەن. (تەپسىر تەبەرى، سۈرە بەقەرە 30-ئايەتنىڭ تەپسىرىگە قاراڭ.)
ئىمام قۇرتۇبى تەپسىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: مەسىلىلەرگە پەتىۋا بېرىش ئۈچۈن باشقا ھېچكىمگە ھاجىتى چۈشمىگۈدەك شەكىلدە ئىجتىھاد قىلالايدىغان (يەنى مۇتلەق مۇجتەھىد بولغان) ۋە مۇسۇلمانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بولۇش (خەلىپىلىكنىڭ شەرتلىرىنىڭ ئىككىنجىسىدۇر.) شۇ شەرتتە ئىسلام ئالىملىرى ئىتتىپاققا كەلگەن. (تەپسىر قۇرتۇبى، بەقەرە سۈرىسى 30-ئايەتنىڭ تەپسىرى)
ئىمام قۇرتۇبى يەنە مۇنداق دېگەن: ئۈممەت خەلىپىنىڭ ئىلىم جەھەتتىن ئەڭ ئۈستۈن بولۇشى كېرەكلىكىنى قوبۇل قىلغان. (تەپسىر قۇرتۇبى، بەقەرە سۈرىسى 30-ئايەتنىڭ تەپسىرى)
ئاللاھۇ ئەكبەر. يۇقارقى تەپسىرلەردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئاللاھ يەر يۈزىدىكى خەلىپىسىنىڭ مۇجتەھىد ئالىم بولۇشىنى ئىرادە قىلغان ئىكەن.
مانا بۇ يەردە، ئىلىمىگە ئەمەل قىلىدىغان ئىلىم ئىگىسى بولۇشنىڭ نەقەدەر ئۈستۈن پەزىلەتكە ئىگە ئىكەنلىكى نامايان بولماقتا.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟