پەتىۋا: زالىمغا قارشى نامايىش قىلىش دۇرۇس
بۇ ماقالىدە
زامانىمىزدا ياشىغان ئېتىبارلىق ئىسلام ئالىملىرىنىڭ زالىمغا قارشى نامايىش
قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى توغرىسىدىكى پەتىۋالىرى نەقىل قىلنىغان.
فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى تەييارلىدى
پەزىلەتلىك شەيخ
مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: بىلىدىغانلارنىڭ
ماڭا دېيىشىچە، غەربتىكى يەھۇدىي-ناسارالار نامايىش قىلىش ئارقىلىق ئۆز
ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىكەن. يەھۇدىي-ناسارالار ۋە غەربلىكلەر بىرەر ئىشقا دۈچ كەلسە،
نامايىش قىلىدىكەن. كاپىر يۇرتلىرىدا نامايىش كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇلار بۇنى
خاتا چۈشەنمەيدىكەن. مۇسۇلمانلار ھەقلىرىنى نامايىش قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرەلەيدىغان
بولسا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ يەردە نامايىش قىلىشى يوللۇق، دەپ قارايمەن. (لىقائۇلباب
مەفتۇھ203- 29)
شەيخ ئۇسەيمىن
مۇنداق پەتىۋا بەرگەن: ئەگەر نامايىش ۋە يىغىلىشلاردىن ياخشى نەتىجە چىقىپ،
ئالجرىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا پايدىلىق بولۇپ، ئېغىر ۋەيرانچىلىق كەلتۈرمىسىلا
بۇنداق نامايىش يوللۇق. چۈنكى، نامايىش بىر ۋاسىتە. (ئالجىرىيەدىكى نامايىش
توغرىسىدا شەيخ سەفەر ھەۋالىنىڭ ئىبنى ئۇسەيمىندىن سورىغان پەتىۋاسى؛ دۇرۇس لىششەيخ
سەفەر ھەۋالى18-22)
زامانىمىزدىكى
كۆزگە كۆرۈنگەن ئىسلام ئالىمى، سەلەفي شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
رىياسەتچىلىدىكى دۇنياغا مەشھۇر ئىسلام سوئال جاۋابلىرى پەتىۋا تور بېكىتىنىڭ
11469-نومۇرلۇق پەتىۋاسى
سوئال:
جەنۇبىي شېۋىتسىيىدىكى مۇسۇلمانلار پەلەستىن خەلقىنىڭ تېنىچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشى
ئۈچۈن نامايىش قىلماقچى. (شېۋىتسىيىدىكى مۇسۇلمانلار) بۇ نامايىش ئارقىلىق
شېۋىتسىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پەلەستىندىكى بالىلارنىڭ ۋە
خەلقنىڭ قەتلى قىلىنىشىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى مەقسەد قىلدى. بۇ تۈردىكى
نامايىشنىڭ دىندىكى ھۆكمى نېمە؟ بۇ نامايىش مۇسۇلمانلارنىڭ تەلىپىنى
سىياسەتچىلەرگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يەھۇدىي زىيونىست (يەھۇدىي دۆلىتىنى
دۇنياغا ھاكىم قىلىش ئەقىدىسىدىكى) ھاكىمىيىتىنىڭ پەلەستىندىكى قەتلىئامىغا قارشى
بېسىم ئىشلىتىشتىشىدە ناھايىتى مۇھىم
ئەھمىيەتكە ۋە تەسىر كۈچكە ئىگە.
جاۋاب: شېۋىتسىيە
مۇسۇلمانلىرىنىڭ يەھۇدىي كاپىرلىرىنىڭ پەلەستىندىكى زۇلۇمىنى شېۋىتسىيە خەلقىگە ۋە
شېۋىتسىيە ھۆكىمىتىگە ئاڭلىتىش، شۇنداقلا پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن
زۇلۇمنىڭ يوق بولۇشى ئۈچۈن يەھۇدىي كاپىرلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش
قىلىشى دۇرۇس. شۇنداقلا، ئىسلامغا زىت بولمىغان پۈتكۈل چارىلەر ئارقىلىق بۇ
زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قىلىش ھەم يوللۇق.
بىراق،
نامايىشتا ئىسلام شەرىئىتىگە زىت بولغان بىر تۈركۈم ھارام ئىشلار مەۋجۇت بولۇپ،
نامايىشتا بۇ تۈردىكى ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىش ۋاجىپ. نامايىشتا ساقلىنىشقا
تېگىشلىك ھارام ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
ئاياللارنىڭ
ياسىنىپ، تارانغان ياكى بەدەن ئەزالىرىدىن بىرەرىنى ئوچۇق قويغان ھالەتتە
نامايىشقا قاتنىشىشى؛ نامايىشتا مۇزىكا قوللىنىش، «قۇددۇس ئەرەبنىڭ، ئەرەبلەر
باقىيدۇر» دېگەندەك ناتوغرا شوئارلارنى توۋلاش؛ نامايىش جەريانىدا
كاپىر-مۇشىرىكنىڭ قەبرىسى (ياكى ھەيكىلى) ئالدىدا توختاپ، ئۇ قەبرىگە گۈل قويۇش؛
مۇسۇلمانلارنى ئابرۇيسىزلاندۇرىدىغان شەكىلىدىكى چاقىرىقلار بىلەن كاپىرلاردىن
ياردەم سوراش؛ نامايىشىتا كىشىلەرنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈۋېلىش؛ يوللارنى توسۇۋېلىش،
كىشىلەرنىڭ ئۆتۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن باشقىلارغا ئەرزىيەت
بېرىش؛ نامايىشتا ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ كېتىش؛ نامايىشتا كاپىرلار
قوللىنىلىدىغان، كىيىدىغان ياكى تاقايدىغان ھەر خىل بەلگە ۋە سىمۋوللارنى قوللىنىش
ئارقىلىق كاپىرلارغا ئوخشاپ قېلىش؛ بىگۇناھ ئاۋام-خەلقنىڭ مال-مۈلۈك، دۇككان-سارايلىرىنى
ئۇرۇپ-چېقىش قاتارلىقلاردىن ۋە باشقا ھارام ئىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك.
ئاللاھ ئەڭ
ياخشى بىلگۈچىدۇر.
سوئال: بۈگۈن
پەلەستىن خەلقىنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى ئىنقىلابىدىن پۈتۈن دۇنيا لەرزىگە كەلگەن ئېنىق،
بۈيۈك بىر سىياسى ھەرىكەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. ئىشغالدىكى پەلەستىن مۇسۇلمان
ياشلىرىغا قانداق تەۋسىيەلىرى بار؟
شەيخ بىن
بازنىڭ جاۋابى: پەلەستىن مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىشىنى،
ياخشىلىققا ياردەم قىلىشىنى، ئەمەل بىلەن مۇستەھكەم تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇلۇغ
ئاللاھ تەئالا ئۆزىنىڭ دىنىغا ياردەم بەرگەنلەرگە ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ تەئالا شۇنداق
دېگەن: ‹‹ئى مۆمىنلەر! سىلەر ﷲ قا (يەنى ﷲ نىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ﷲ سىلەرگە
(دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار
قىلىدۇ. كاپىرلارنى ﷲ ھالاك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ [مۇھەممەد
سۈرىسى8،7- ئايەت].››
ئاللاھ تەئالا
يەنە بىر ئايەتتە شۇنداق دېگەن: ‹‹ﷲ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى
قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ
چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى
ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا
ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر
بولغانلار ﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر [نۇر سۈرىسى55- ئايەت]››.
شۇڭا مەن
بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ پەلەستىن مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بايلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ پەلەستىن مۇجاھىدلىرىغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ يەھۇدىي
دۈشمەنلىرىنى قوغلاپ چىقىرىشىغا، دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە ياردەم
قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئىنشائەللاھ.
ئاللاھ ھەقتە
تۇرغانلارغا ياردەم قىلسۇن، مۇسۇلمانلارغا كۆپلەپ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن. مۇسۇلمانلار
سەبر قىلسۇن، سەبرگە تەۋسىيە قىلىشسۇن. چوقۇمكى، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. ئاللاھ
ئۆز دىنىغا ياردەم قىلغانلارغا چوقۇم ياردەم قىلىدۇ. ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا مۇۋەپپەقىيەت،
دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە ئاتا قىلسۇن. ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى پەلەستىن مۇسۇلمانلىرىغا
ياردەم قىلىشىغا، ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشىغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. تاكى ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ
دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن ياردەم قىلسۇن. ئاللاھ ئەڭ ياخشى ياردەمچىدۇر. ئاللاھ پەيغەمبىرىمىز
مۇھەممەد ئالايھىسسالامغا، ئائىلىسىگە ۋە ساھابىلىرىگە رەھمەتلەرنى ياغدۇرسۇن. (مەجمۇئ
فەتاۋا بىن باز5-275)
شەيخ ئىبنى جەبرىن مۇنداق پەتىۋا
بەرگەن: نامايىش— كاپىرلارنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئۇلارنى ھەقنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش،
مۇسۇلمانغا كېلىدىغان زىياننى ئازلىتىش مەقسەت قىلىنغان بولسا، بۇنداق نامايىشنى ئېلىپ
بېرىش توغرا. (پەلەستىن مەسىلىسى توغرۇلۇق 6483- نومۇرلۇق پەتىۋا)
Yorumlar
Yorum Gönder