ئۆمرىنىڭ ھۆكمى ۋە دەلىللىرى

ئۆمرە كۈچى يېتىدىغان كىشى ئۈچۈن ھاياتىدا بىر قېتىم پەرزدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالانىڭ «ھەج ۋە ئۆمرىنى ئاللاھ ئۈچۈن ئورۇنداڭلار»(سۈرە بەقەرە 196-ئايەت) ئايىتى بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «ئاياللارنىڭ جىھاد قىلىش مەجبۇرىيىتى بارمۇ؟» دەپ سورىغان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «شۇنداق، ئۇلارغا ئۇرۇشسىز جىھاد باردۇر. ئۇ بولسىمۇ ھەج ۋە ئۆمرىدۇر»  دەپ جاۋاب بېرىشى بۇنىڭغا دەلىلدۇر. (ئەھمەد 6-165؛ ئىبنى ماجە 2901؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجە 2362-دە سەھىھ دېگەن) شۇنداقلا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دادىسى ھەج ۋە ئۆمرە قىلالمىغان، سەپەرگىمۇ چىقالمىغان ئەبۇ رەزىنگە «داداڭنىڭ ئورنىغا سەن ھەج قىل ۋە ئۆمرە قىل» (ئەبۇ داۋۇد 1810؛ نەسائىي 5-111؛ ئىبنى ماجە 2904؛ ئەھمەد 1-244؛ ئەلبانى سەھىھ نەسائىي 2473 تە سەھىھ دېگەن) دەپ بۇيرۇشىمۇ ئۆمرىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۆمرىنىڭ ئىھرام، تاۋاپ ۋە سەيئىدىن ئىبارەت ئۈچ رۇكنى بار.
(«فىقھۇل مۇيەسسەر» دىن «فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلدى)

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟

مۇھەددىس ئەلبانى: رەسۇلۇللاھتەك ناماز ئوقۇش قائىدىسى