تەراۋىھ نامىزىنىڭ رەكئەت سانى توغرىسىدا


تەراۋىھ نامىزىنىڭ رەكئەت سانى توغرىسىدا

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن
كىشى تەراۋىھ نامىزىنى ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام شافىي ياكى ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبى بويىچە يىگىرمە رەكئەت ئوقۇسا؛ ياكى ئىمام مالىكنىڭ مەزھىبى بويىچە 36 رەكئەت، ۋەيا 13 رەكئەت، ۋەيا 11 رەكئەت ئوقۇسا، ئىمام ئەھمەدنىڭ ئېيتقىنىدەك، ياخشى قىلغان ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، تەراۋىھ نامىزى ئۈچۈن رەكئەت سانى بەلگىلەنگەن ئەمەس. رەكئەت سانىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشى قىرائەتنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشىغا ئاساسەن ئۆزگۈرىدۇ. (ئەلئىختىيارات، 84-بەت)
قال شيخ الإسلام ابن تيمية :
والتراويح إن صلاها كمذهب أبي حنيفة ، والشافعي ، وأحمد : عشرين ركعة أو : كمذهب مالك ستا وثلاثين ، أو ثلاث عشرة ، أو إحدى عشرة فقد أحسن ، كما نص عليه الإمام أحمد لعدم التوقيف فيكون تكثير الركعات وتقليلها بحسب طول القيام وقصره .
الاختيارات ص ( 64 )

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
ئەھلى ئىلىمنىڭ ئىجمائىغا بىنائەن تاراۋىھ نامىزى سۈننەتتۇر. بىزنىڭ كۆز قارىشىمىز شۇكى، تەراۋىھ نامىزى ئون تەسلىم بىلەن يىگىرمە رەكئەت ئوقۇلىدۇ. تەراۋىھ نامىزىنى يالغۇز ئوقۇسىمۇ، جامائەت بىلەن ئوقۇسىمۇ بولىدۇ (جامائەت بىلەن ئوقۇش يالغۇز ئوقۇشتىن ئەۋزەل). (ئەلمەجمۇئ، 4ـ31)
وقال النووي :
صلاة التراويح سنة بإجماع العلماء ، ومذهبنا أنها عشرون ركعة بعشر تسليمات وتجوز منفردا وجماعة . " المجموع " ( 4 / 31 ) .
تاراۋىھ نامىزىنىڭ رەكئەت سانىدا چەك يوق. مەيلى ئىككى رەكئەت ئوقۇسۇن، مەيلى يۈز رەكئەت ئوقۇسۇن ھەممىسى دۇرۇس. قىرائەتنى ئۇزۇن قىلسا رەكئەت سانى ئازىيىدۇ، قىرائەتنى قىسقا قىلسا رەكئەت سانى ئاۋۇيدۇ.
تاراۋىھ نامىزىنىڭ رەكئەت سانىدا ئىختىلاپلىشىش، جاڭجاڭلىشىش توغرا ئەمەس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ بۇ ھەقتە مۇقىم سان بېكىتمىگەن. رەسۇلۇللاھنىڭ ئون بىر رەكئەت ئوقۇغانلىقى توغرۇلۇق بۇخارىدا ئائىشە ئانىمىزدىن سەھىھ ھەدىس بار.
بۇ ئون بىر رەكئەت ناماز مۇشۇنداق ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىنى ئەمەس، مۇستەھەپلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، ئېنىق سان بەلگىلەنمىگەن. ھالبۇكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ’كېچە نامىزى ئىككى رەكئەت، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ‘ دېگەن.
تاراۋىھ نامىزىنى ئون بىر رەكئەتتىن ئارتۇق ئوقۇشمۇ، ئون بىر رەكئەتتىن كام ئوقۇشمۇ ئوخشاشلا دۇرۇس. ئون بىر رەكئەتتىن باشقىسىنى، ياكى يىگىرمە رەكئەتنى بىدئەت دەۋېلىش توغرا ئەمەس.
ئىمام مالىك، شافىي، ئەھمەد، ئەبۇ ھەنىفە، ئىبنى مۇبارەك ۋە باشقا سەلەپ ئالىملىرىنىڭ ھېچقايسى بۇ نامازنى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇشنى بىدئەت دېگەن ئەمەس. ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ يىگىرمە رەكئەت ئوقۇش توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى زەئىپ دەپ قاراپ، يىگىرمە رەكئەت ئوقۇشنى بىدئەت دېگەن. ئەمما، سەلەپ ئالىملىرىنىڭ نۇرغۇنلىرى،ھەتتا ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنىڭ ئىچىدە يىگىرمە رەكئەت ئوقۇشنى توغرا كۆرگەن. شۇڭا، يىگىرمە رەكئەت ئوقۇشنى بىدئەت دېيىشتىن ئېھتىيات قىلغان ئەلا.
ـــ مۇجتەھىد بلوگى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟