ئۇيغۇرچە - ئەرەپچە جۈمىلىلەر





ئۇيغۇرچە - ئەرەپچە جۈملە ئۆرنەكلىرى

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

1. ھەدىس دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن نەقىل قىلىنغان سۆز،  ياكى پېئىل، ياكى ئېتىراپ، ياكى سۈپەت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
  الحديث هو ما أثر عن الرسول صلى الله عليه وسلم من قول أو فعل أو تقرير أو صفة .
       2. ھەدىس بىر بولسا قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنى تەستىقلايدۇ. مەسىلەن، ناماز، زاكات ۋەھاكازا. 
 والحديث أما أن يكون مؤكداً لما في القرآن كالأمر بالصلاة و الزكاة ونحوهما
3. ياكى بولمىسا (ھەدىس) قۇرئاندىكى ئومۇمىي ھالەتتە بايان قىلىنغان مەزمۇننىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلىدۇ. مەسىلەن، نامازلارنىڭ رەكئەت سانى، زاكاتنىڭ چېكى، ھەجنىڭ شەكلىگە ئوخشاش.
 أو يكون مفصلاً لما أجمل في القرآن كعدد ركعات الصلوات , وأنصبة الزكاة وصفة الحج ونحو ذلك

4. ياكى (ھەدىس) قۇرئاندا تىلغا ئېلىنمىغان ھۆكۈملەرنى بايان قىلىدۇ. مەسىلەن، ئۆزى  بىلەن نىكاھلانغان ئايالنىڭ ھاممىسى بىلەنمۇ نىكاھلىنىشنىڭ ھاراملىقىغا ئوخشاش.
أو يكون مبيناً لحكم سكت عنه القرآن كتحريم الجمع بين المرأة وعمتها أو خالتها في الزواج .

5. ئاللاھ تائالا قۇرئاننى پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە نازىل قىلدى، شۇنداقلا ئۇ زاتنى قۇرئاننى ئىنسانلارغا بايان قىلىپ بېرىشىكە بۇيرۇدى.
وقد أنزل الله القرآن على رسوله محمد صلى الله عليه وسلم وأمره ببيانه للناس

6. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسى رەببىنىڭ ئۇ زاتقا قىلغان ۋەھىيسىدۇر.
وحديث الرسول صلى الله عليه وسلم وحي من ربه

7. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ئىنسانلارنى  پەقەتلا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەئۋەت قىلىش، ئاللاھنىڭ سىرتىدا چوقۇنۇلغان ھەر قانداق نەرسىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن؛ شۇنداقلا جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىپ، دوزاختىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتتى.
وقد بعث الله رسوله محمداً صلى الله عليه وسلم ليدعو الناس إلى عبادة الله وحده والكفر بما سواه مبشراً بالجنة ومنذراً بالنار

8. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ئۈممەتكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى.
والرسول صلى الله عليه وسلم حريص على هذه الأمة

9. ياخشىلىقتىن نېمىنى بىلسە ئۈممىتىنى ئۇنىڭغا يېتەكلەيتتى. يامانلىقتىن نېمىنى بىلسە، ئۈممىتىنى ئۇنىڭدىن ھېزى قىلدۇراتتى.
ما علم من خير إلا دل الأمة عليه وما علم من شر إلا وحذرها منه 

10. باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن ئىدى. ھالبۇكى، ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتى.
وكان كل نبي يبعث إلى قومه خاصة وبعث الله رسوله محمداً صلى الله عليه وسلم رحمة إلى الناس كافة

11. دىندا چەكلەنگەن، قويۇشقا دۇرۇس بولمايدىغان ئىسىملار بارمۇ؟
هل هنالك أسماء ممنوعة شرعا لا يجوز التسمية بها ؟

12. جامائەت نامىزىغا كېچىكىپ قالغۇچىنىڭ ھۆكمىنى تەپسىلىي بىلگۈم بار.
أريد أن أعرف أحكام المسبوق في الصلاة بالتفصيل .

13. ئىمام نامازنىڭ ھەممە رەكئىتىنى ياكى بىر نەچچە رەكئىتىنى ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئوقۇپ بولغان كىشى «مسبوق» ـــ ئىمامغا ئۈلگۈرەلمىگۈچى دەپ ئاتىلىدۇ.
أَمَّا الْمَسْبُوقُ ، فَهُوَ مَنْ سَبَقَهُ الإِمَامُ بِكُلِّ الرَّكَعَاتِ أَوْ بَعْضِهَا

14. ئىمامغا ئۈلگۈرەلمىگۈچىنىڭ مەسجىدكە ئالدىرىماي، تەمكىنلىك بىلەن كېلىشى مۇستەھەپتۇر.
يستحب للمسبوق إذا جاء للمسجد أن يأتي بـسكينة ووقار
It is mustahabb for the one who is late for the congregational prayer to come to the mosque in a calm and dignified manner.

15. ئىمامغا ئۈلگۈرەلمىگۈچى ئىمام رۇكۇ قىلىۋاتقان ھالەتتە ئىمامغا يېتىشسە، ئۇ ئۆرە تۇرغان ھالەتتە نامازغا كىرىش تەكبىرى بىلەن نامازغا كىرىشى (ئاندىن رۇكۇ قىلىشى) كېرەك بولىدۇ. ئەگەر نامازغا كىرىش تەكبىرىنى رۇكۇ ھالىتىدە ئېيتسا، ئۇنىڭ نامىزى توغرا بولمايدۇ.
المسبوق إذا أدرك الإمام راكعاً ، فإنه يلزمه أن يكبر للإحرام قائماً ، فإن أتى بتكبيرة الإحرام حال انحنائه لم تصح صلاته

16. ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: نامازغا كىرىش تەكبىرىنى ئۆرە تۇرغان ھالەتتە ئېيتىش پەرزدۇر. بۇ ھۆكۈم ئىمامغا ئۈلگۈرەلمىگەن نامازخانغىمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئىمامغا رۇكۇدا يېتىشكەن نامازخان نامازغا كىرىش تەكبىرلىرىنىڭ بارچە ھەرپلىرىنى ئۆرە تۇرغان ھالىتىدە ئېيتىشى كېرەك بولىدۇ. ئەگەر ئۇ نامازغا كىرىش تەكبىرىدىن ھەر قانداق بىر ھەرپنى قىيام ھالىتىدە ئەمەس، ئېگىلىۋاتقان رۇكۇ ھالىتىدە ئېيتسا، ئۇنىڭ نامىزى توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئەھلى ئىلىم ئارسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق. (نەۋەۋىي-ئەلمەجمۇئ 3\296
قال النووي رحمه الله :
" يَجِبُ أَنْ يُكَبِّرَ لِلْإِحْرَامِ قَائِمًا حَيْثُ يَجِبُ الْقِيَامُ ، وَكَذَا الْمَسْبُوقُ الَّذِي يُدْرِكُ الْإِمَامَ رَاكِعًا يَجِبُ أَنْ تَقَعَ تَكْبِيرَةُ الْإِحْرَامِ بِجَمِيعِ حُرُوفِهَا فِي حَالِ قِيَامِهِ ، فَإِنْ أَتَى بِحَرْفٍ مِنْهَا فِي غَيْرِ حَالِ الْقِيَامِ لَمْ تَنْعَقِدْ صَلَاتُهُ فَرْضًا ، بِلَا خِلَافٍ " انتهى من " المجموع " (3/296) .




12. جامائەت نامىزىغا كېچىكىپ قالغۇچىنىڭ ھۆكمىنى تەپسىلىي بىلگۈم بار.

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئاتا-ئانا ئاجرىشىپ كەتسە بالىنى ئېلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟