ئىسلامىي شېئىرلار توپلىمى
ئىسلامىي شېئىرلار توپلىمى
فۇرقان دەئۋەت مەركىزى تەييارلىدى
تور ئادرېسى:
menhej.blogspot.com
mujtehid.blogspot.com
(ئىچىدىكىلەر داۋاملىق كۆپىيىپ ماڭىدۇ)
مۇندەرىجە:
مۆمىنلەر قەسىدىسى
زۇلۇمغا نىدا
ئادا - جۇدالىق مەكتۇبى
بىدئەتكە دەشنام (سايرام)
يان ئارقاڭغا ئەي تالىب (چىندىل)
مۆمىنلەر قەسىدىسى
پاراغەت كۈلكىسى كۈلمە، ۋاقىتلىق ئەيشى-ئىشرەتكە،
ئەقىل بابىدا باقمامسەن،«قۇرئان»ئاتلىق ئىشارەتكە.
ئەجەپمۇ پاك يارالغانتىڭ، دىلىڭ كور بولدى شۆھرەتكە،
نېچۈن قاچتىڭ ھىدايەتتىن، كۆڭۈل قوي ئەمدى سۆھبەتكە،
يۈگۈر رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
ئاۋۋال باق جىسمىڭغا بىر مەرتە، يارالدىڭ نېمىدىن
دەسلەپ؟
جاۋابكى: توپا بىر چىمدىم، يەنە سۇ، لاي بولدى،
كۆر ئەسلەپ،
قارالاي، قوۋرۇغا ـــ ئىنسان بولۇشتىن كەتمىدى ھېچ
تەسلەپ،
بېرىلگەچ ساڭا كۆپ ھۆرمەت، لەئىن شەيتان يۈرەر قەستلەپ،
يۈگۈر رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
شۇنىڭدىن باشلىنىپ، بىلگىن، ئابى-مەنى سېنىڭ ئەسلىڭ،
شۇئان بىر تامچە دۇغ سۇدىن ئاۋۇپ كۆپ بولدىلەر نەسلىڭ،
ۋەيا تان تانمىغىن مەيلى، خۇدانىڭ ئەسلى-يۇ ۋەسلىڭ،
ھوشۇڭ تاپ! پانىيدا سەن ئاخىر، بۇ دۇنيا ئۆتكۈنچى
بىر پەسلىڭ،
يۈگۈر رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
ئەقىل-ھېكمەت، قۇلاق، پۇت – قول، ئېغىز – بۇرنۇڭنى
كىم بەردى؟
قېنى ئېيت، رەھىمۇررەھمان ساڭا نېمەڭنى كەم بەردى؟
ئانار-ئەنجۈر، پولونى ھەم جەلال ئاتلىق ھېكىم بەردى،
ئالۇرسەن مەنپەئەت-پايدا، نېسىۋە جىق، كىرىم بەردى،
يۈگۈر رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
ئەقىل يۈرگۈز، قۇياش ۋە ئاي، بۇلۇت – يامغۇرغا
باق ئوبدان،
سامانى تىترىتىپ چاقماق،«خۇدا» دەپ قۇش ئۇرار خەندان،
دېڭىزدا دولقۇنى تاغدەك، زېمىندا ئاش، زىرائەت،
دان،
يېڭىلمەس قوشۇنى ئۇ كەلكۈن، نېچۈن غەپلەتتە جىق
ئىنسان،
يۈگۈر رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
ئۆتۈپ بىرمىڭدە تۆرت يۈز يىل، «قۇرئان» ئۆزگەرمىدى
بىر پەش،
يۈرەر شۇ دەمدە جىق بەندە ــ جوھۇت، كاپىر بولۇپ
سەركەش،
قىرائەت قىلسا «قۇرئان»نى، يۈرەك دۈپ – دۈپ، قېنىم
ئۆركەش،
نېچۈن كور كۆزلىرىڭ ئۇيغۇر، لەنەت ھەقتىن قەدەم
يۆتكەش،
يۈگۈر رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
بۇ دۇنياغا بىكار كەلدىم دېگەن خىيالدىمۇ سەنيا؟
كۆتۈر باشىڭنى غەپلەتتىن، ۋاپا قىلمايدۇ مال – دۇنيا.
ئېلىم- ئېرپان، ھەدىس-قۇرئان سائادەتتۇر ئەدەب-ھايا،
ئەگەركى ئستىسەڭ راھەت، شۇلارنى دىلغا قىل ئەھيا،
يۈگۈر رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
ئەقىل چەشمەسىگە چۆككىل، قىيامەت ئەتە يا ئۆگۈن،
كۆرۇرسەن ئۇندا غەمناكلىق، براۋغا باغلىساڭ تۈگۈن،
ئىتائەت سەجدىسى قىلغىن، ۋەتەندىن بولساڭمۇ گەر
سۈرگۈن،
شۇچاغ سەندە بولۇر شادلىق، ساخاۋەت ئەيلىگىل تۈرگۈن،
يۈگۈر رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
ئىشەن، چىنپۈتمىسەڭ مەيلى، دوزاخ – جەننەتلىرى ھەقتۇر،
ياراتتى يەتتە ئاسماننى، ھېساب، قۇدرەتلىرى ھەقتۇر،
توپا بوپ ياتىسەن ئاخىر، ئۆلۈپ تىرىلمىكىڭ ھەقتۇر،
مۇھەممەد، مۇسايۇ ئىبراھىم، ئىسا، يەھيالىرى ھەقتۇر،
يۈگۈر رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
كىتابىڭ بار «قۇرئان» ئاتلىق، ساڭا كومپاس، ئېسىل
مەھكەم،
ئىلاھا سەن ئۆزۈڭ يالغۇز، ئەمەستۇر قۇدرىتىڭ ھېچ
كەم،
ئۇلاردۇر ساڭىلا تالىق، زېمىن، ئاسمان، ۋەتەن، ئۆلكەم،
شەرەپ ۋە مەرھەمەت ئەيلە، جىمى مۆمىنگە جىق، كۆركەم،
يۈگۈر رەببىڭگە ئاھ ئەيلەپ، ئېرىش فىردەۋسى جەننەتكە.
2010-يىل،
رامىزان، ئۈرۈمچى
زۇلۇمغا نىدا
سۈرە-يۇ تەۋبىنى ياد ئېتىم كەلدىم،
قەلبىمدە ئۈمىدنى ئات ئېتىپ كەلدىم.
ئەسىرلەپ بىر ئىزدا چۆگلىمەس پەلەك،
زۇلۇمكار تىللارنى مات ئېتىپ كەلدىم.
قۇياشى پاتىدۇ باغۇ ئىرەمنىڭ،
ئوقۇدۇم"ئەنفال"نى "داد" ئېتىپ
كەلدىم.
ئادالەت ئارىلى كەلگەي ئىماندىن،
بەدرىدىن كۆڭلۈمنى شاد ئېتىپ كەلدىم.
قۇزۇق بوپ قېقىلدۇق، كۇفرى بازغاندا،
ساۋۇتلار ئېغىلدا، دات ئېتىپ كەلدىم.
قۇياشنىڭ جىلۋىسى سەپ تۈزگەنگە يار.*
مەن ئاسىي بولماقنى يات ئېتىپ كەلدىم.
مەغفىرەت ئەيلىگىل، بەندەڭمەن يارەب،
شۇنچە يىل يۇلتۇزنى لات ئېتىپ كەلدىم.
*
سۈرە سەپ 4-ئايەتكە ئىشارە
2011-يىلى،
ئۈرۈمچى.
ئادا - جۇدالىق مەكتۇبى
سەن خۇدا بىلگەن رەقىبلەر بەرمىگەي جەننەت ماڭا،
مەن سەھەردە سەجدىدە، رەببىم قىلۇر ھىممەت ماڭا.
سەن يۈگۈرسەڭ كۈنۇ - تۈن، دۇنيا تاماسىدا بىھوش،
زىكرى ۋە تەسبىھ،"شاھادەت" بارچىدىن
قىممەت ماڭا.
سەن يۈرەرسەن كۇفرىدا توپ-توپ، لېكىن ھالىڭ غېرىب،
مەن ئۆزۈم ئىمان بىلەن يالغۇز، رەسۇل ئۈممەت ماڭا.
كىشىكىم تاپقاندا ھەقنى، ئەرزىمەس دۇنيا ئاڭا،
گەر سېنى بىلسەم پاناھگاھ، بۇ ئوچۇق زۇلمەت ماڭا.
قۇتۇلۇپ كەتسەم نە ئارمان، كۇفرىنىڭ پاتقىقىدىن،
ئۈزمىدىم ئۈمىدنى، رەببىيل ئالەمىين نۇسرەت ماڭا.
غايىسىز ياتساڭ بىھوش، كەۋسەر ساڭا جەننەت
ھارام،
ئۇيقۇدىن تۇرماق كېرەك، قول-پۇت، ئەقىل نېئمەت
ماڭا.
2010-يىل،
25-نويابىر.
بىدئەتكە دەشنام
(ئاپتورى: سايرام)
قىلسا داموللام زىغىردەك يېڭى ئىشنى ياخشى دەپ،
ئەل-جامائەت ئەگىشىپ قىلغاي داۋام ۋاجىب بىلىپ.
چىققۇسى پەيدا بولۇپ بىدئەت دىگەن شۇنداق مانا،
مەقسىتى ياخشى شۇڭا كەتكەي جاھانغا تارقىلىپ.
دىنىمىز
مۇھتاج ئەمەس ياخشى نىيەتلىك «ئەسكى»گە،
چۈنكى ئۇ قۇرئان-ھەدىسنى ھەق ئۈچۈن قىلغان قېلىپ.
ئەسلىدىن كەمتۈك ئەمەس، بۇ دىنىمىز پۈتكەن تولۇق،
بارىنى قىلساق پەقەت شۇ ئاشقۇسى بىزگە يىتىپ .
كىم ئەگەر بىدئەتكە قارشى تۇرسا «ۋەھھابى»
ئاتار،
ئوت يۈرەك سۈننەتچىلەر بىدئەتنى دەپ بولدى غېرىپ.
ھەق يولىدا كىم غېرىپ بولسا بىشارەت ئاڭا يار،
يەتكۈزەلمەس ھىچ زەرەر پەسكەش چايانلار
بىرلىشىپ.
ھەسسىلەپ تارتار ئازاپ بىدئەتنى تەشۋىق قىلسا
كىم،
ئەگىشىپ ئازغان كىشىلەرنىڭ گۇناھى يۈكلىنىپ.
مەيلى داموللام ۋە يا تالىپ،ئەمەلدار پەرقى يوق،
تاشلىنار دەۋزەخكە ئاخىر نەچچە قاتلاپ پۈكلىنىپ.
ساقلىغىن بىزنى ئىلاھىم! بارچە بىدئەتتىن داۋام،
مەغفىرەت قىل،ئەيلىگىن بىزلەرگە جەننەتنى نىسىپ.
يان ئارقاڭغا ئەي تالىب
(ئاپتورى:
چىندىل)
يان ئارقاڭغا ئەي تالىب ماڭغان يولۇڭ خەتەردۇر،
ئەمەس پەقەت مال دۇنيا ھەتتا جانىڭ كىتەردۇر.
تىجارەتكە جان تىككىن قازان چۆمۈچ ماي بولۇر،
ئوقۇساڭمۇ بىر ئۆمۈر ئاچ توق كۈنۈڭ ئۆتەردۇر.
خەتىرى كۆپ بۇ يولنىڭ، دوست-قاياشى بەكمۇ ئاز،
ھەر دوقمۇشتا بىر دۈشمەن سىنى ماراپ ياتاردۇر.
بولساڭ ئەگەر ئەتكەسچى يول ئاچىسەن پۇل بىلەن،
تالىپ دىسە بىدىكمۇ يول مىڭىشتىن قاچاردۇر.
نان تالىشىپ چاشقاندىن بۇلۇڭلاردا ئوقۇيسەن،
كىيىشلىرىڭ زاماندىن قالغان ئەرزان ماتادۇر.
داموللىغا مەنسەپ يوق بوپ كەتسىمۇ ئەللامە،
مازاق قىلىپ شەيتانلار ئىپىزوتقا قاتادۇر.
يوق قوشۇمچە ماتىرىيال كۈتۇپخانا، بازاردا،
سەن ئوقۇغان كىتاپنى قاراڭغۇدا ساتادۇر.
بىلەلمىسەڭ ئۇستازدىن سورىمىساڭ ئامال يوق،
ئىزدىگەندە تاپىمەن دەپ ئويلىساڭ باكاردۇر.
ئۇستازىڭمۇ كەمبەغەل يىتەلمەيدۇ ھالىڭغا،
بىرىپ بولۇپ ساۋاقنى چىقىپ كۆكتات ساتادۇر.
بىر قولىدا دىن غىمى بولماس مەشئەل ياقمىسا،
بىر قولىدا ئەمگەك قىپ ئائىلسىنى باقادۇر.
قاراپ باققىن داشۆگە يورۇق سىنىپ ئىسىق چاي،
ئوقۇش پۇلى مۇكاپات ئۇنى ساقلاپ ياتادۇر.
ئۇستازلىرى مۇئاشلىق دەرستىن چۈشسە قاتار چاي،
شۇنداقتىمۇ ئوقۇماق، ئوقۇتماق بەك جاپادۇر.
يەتسە ئەگەر ئىرادەڭ ئوقۇپ باققىن ئىز بىسىپ،
دىن ئىلمىنى رەببىمىز بەكمۇ قىممەت ساتادۇر.
پۇل بىرىدۇ ناكەسكە، يول بىرىدۇ كۆرمەسكە،
دىن ئىلمىنىڭ تەلىۋى سۇنماس روھى ساپادۇر.
بارلىغىڭنى بەرمىسەڭ بارالمايسەن يىنىغا،
ئوينىغاندەك ئوقۇيمەن دەپ ئويلىساڭ خاتادۇر.
داۋام ھەمدە رىيازەت سەمىمىيەت ئۇچ ئاساس،
بۇ ئۈچ ئاساس بولمىسا چەككەن رەنجىڭ بىكاردۇر.
ئۆتەلىسەڭ سىناقتىن ئىككى دۇنيا سىنىڭكى،
سەككىز جەننەت سەن ئۈچۈن ئىشىكلەرى ئاچادۇر.
ئەسھابۇلكەھف ئىتىنى خۇدا نائۇمىد قويمىدى،
ئاللاھ دىگەن قۇلىنى قانداقمۇ خار قويادۇر.
تەكلىپ: يۇقارقى
شېئىرلارنى ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرگە يادلىتىش ئۇلاردىكى ھەق-ناھەق تۇيغۇسىنىڭ
شەكىللىنىشدە، تىل-ئەدەبىيات ماھارىتىنىڭ ئېشىشىدا، ھەق دىندا چىڭ تۇرۇپ ناھەققە
قارشى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىشىدا، شۇنداقلا نوتۇق قابىلىيىنىڭ ئېشىشىدا زور
ئىجابىي رول ئوينايدۇ.
Yorumlar
Yorum Gönder